سۆيگۈ ئەمەس سۆيۈشكەنگىلا
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار
ئۇنۇت دېسەم يىغلىماي كۈلگىن،
تەسەۋۇر قىل مەنسىز دۇنيانى.
ياشالايمەن سەنسىزمۇ بىلگىن،
ئاسمىنىمدا غۇرۇر جەۋلانى.
قۇرۇقدالدى سەن ئۈچۈن تۈزگەن،
قەلبىمدىكى ھۆججەت خالتىسى.
سېنى پەقەت كۆرمىسەم دەيمەن،
تەڭلەنسىمۇ ئازاپ پالتىسى.
ئۇنتۇش دېگەن ئازاپلا ئەمەس،
تۇغار بەزى بەختنى ئازاپ.
"ئۇنتاي دەپلا ئۇنتۇماق بەك تەس"،
يۈز نومۇرغا لايىق بۇ جاۋاپ.
سالامىڭنى قىلمايمەن قوبۇل،
ئېسىڭگە ئال كۆرۈشكەندىلا.
ئۇنتۇشقىمۇ سېلىپ قويغىن يول،
سۆيگۈ ئەمەس سۆيۈشكەنگىلا.
2014-يىلى 20- سېنتەبىر ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-21 10:43 PM