مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 35359|ئىنكاس: 204

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ( 1-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3659 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 08:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،كەسىپداشلار!


جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرىغا جايلاشقان ئەقىدە خوتەن قاشگەرلىكى دۇكىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ  تۆت يىللىقى،ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى  ۋە <<ئەقىدە>> ماركىلىق خوتەن قاش ئويمىلىرىنىڭ داغدۇغۇلۇق بازارغا سېلىنغانلىقىنى  تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلۇغ رامزان ئايلىرىدا كۈچ تەشكىللەپ  <<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ>> ناملىق ئىككى

قىسىم كىتاپنى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغان ئىدۇق ،ھازىر بۇ ئىككى قىسىم كىتابنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتۇق.



ھەرقايسىڭلارنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىپ،كىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيىتىڭلارنى تەبرىكلەپ بەھىرلىنىشىڭلار ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ مىسرانىم تورىدا كۈندە تۈركۈمگە بۆلۈپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.



بۇ كىتاپنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزىغارلىق ئىشلىرىغا ياردەمدە بولىشىغا تىلەكداشمىز.


ھۆرمەت بىلەن ئەقىدە قاشگەرلىكى ئۇيغۇر قاشتېشى تورى.







نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك


(1-قىسىم )



61vC55UKcCL._SY400_.jpg



كىرىش سۆز



   رىئال تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىدىن توختىماستىن سورايدۇ: مەن نېمىشقا يەنىلا نامرات؟ مەن نېمىشقا ئىزچىل باي بولالمايمەن؟ ئاشۇ بايلارغا سېلىشتۇرغاندا مەندە زادى نېمە كەم، مېنىڭ نەرىم ئۇلارغا يەتمەيدۇ؟



   ئۆزىمىزنىڭ ئىزچىل بايلىق دەرۋازىسىدىن كىرەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشتىن بۇرۇن، بىز ياخشىسى دىققەت – ئېتىبارىمىزنى ھايۋاناتلار دۇنياسىغا قويۇپ بېقىشىمىز كېرەك.كۆپچىلىك ھەممىسى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بۆرىنىڭ قوينىڭ كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قوي بولسا بۆرىنىڭ ئېغىزىدىكى مەززىلىك يىمەكلىك، نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ؟ نېمىشقا بۆرە قوينى يەيدۇ، بىراق قوي بۆرىنى يەۋىتەلمەيدۇ؟



   ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، چۈنكى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ھاياتلىق قانۇنىيىتى بولسا: كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ، ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ. بۆرە ۋە قوينىڭ مۇناسىۋىتىدە بۆرە ئېنىقلا كۈچلۈكلەر توپىغا تەۋە، قوي بولسا ھەمىشە بۆرىگە يەم بولىدىغان نىمەت.




   بۆرە بىلەن قوينىڭ ئوخشىمايدىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدىغان سىمۋوللۇق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ، بۆرە كۈچ –قۇۋۋەتكە، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، مەڭگۈ غالپ بولۇشقا، چىدامچانلىققا، ئەقىل –پاراسەت ۋە ئۆملۈككە ۋەكىل قىلىنىپ كۈچتۈڭگۈرلىككە سىمۋول قىلىنىدۇ. قوي بۇنىڭ ئەكسىچە ئۈن –تىنسىز، مۇلايىم، كىشىلەرنىڭ بوغۇزلىشىغا قاراپ تۇرىدىغان، ئېقىمغا ئەگىشىدىغان،ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ ئارقىغا داجىيدىغان ... سۈپەتلىرى بىلەن ئاجىزلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.






   بۇ جايدا بىز كۆپچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە قويۇپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز: ئوخشاشلا كۈچلۈكلەر غەلبە قىلىپ ئاجىزلار مەغلۇب بولىدىغان بايلىق رىقابىتىدە، غەلبە قازانغان بايلار ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بۆرىنىڭ رولىنى ئالغان، قاتمۇ – قات مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەن نامراتلار بولسا قوينىڭ رولىنى  ئالغان.




   شۇنىڭدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇكى، نامراتلار ۋە بايلارنىڭ ئەڭ نىگىزلىك پەرقى: نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك.




   ھالبۇكى«نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك» دىگەن بۇ  بىر جۈملە سۆز بايلار ۋە نامراتلارنىڭ پەرقىنى ئومۇمىي جەھەتتىنلا خۇلاسىلىغان . بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «قوي تەبىئەتلىك» ۋە «بۆرە تەبىئەتلىك» نىڭ كونكېرىت قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىغانلىقىغا قارىتا كىشىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى ناھايىتى چولتا.



باي بولۇشقا ھېرىسمەن بولۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى توغرا تونۇشى ۋە ئۆزى بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى كونكېرىت پەرقنى چۈشىنىۋېلىشىغا، نىشانلىق ھالدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، «نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك» ناملىق بۇ كىتاب مەيدانغا كەلدى.




   پۈتكۈل كىتاب جەمئىي ئالتە بۆلۈم  ۋە نۇرغۇن كىچىك  پاراگرافلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا خۇسۇسىيەت، كۆز – قاراش، پىسخىكىلىق ھالەت، جاسارەت ۋە پاراسەت، ئۇسۇل، تەپەككۇر قاتارلىق ئالتە ئوخشىمىغان تەرەپتىن نامراتلارنىڭ قوي تەبئىتى ۋە بايلارنىڭ بۆرە تەبئىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى مۇھاكىمە قىلىپ، نامراتلارنىڭ ماھىيەتلىك ئاجىزلىقى ۋە بايلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ئېچىپ بەرگەن، بۇ ئارقىلىق«نامراتلارنىڭ نېمە  ئۈچۈن نامرات، بايلار نىڭ نېمە  ئۈچۈن باي» بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلغان.




   مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاممىباب، جانلىق ۋە چۈشىنىشكە ئاسان بولۇپ، ئوخشاش تىپتىكى كىتابلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەززىسىز،يۈزەكى  يەتكۈزۈشتەك مەسىلىدىن ساقلانغان، قوي تەبىئەتلىك نامراتلار بىلەن بۆرە تەبىئەتلىك بايلارنىڭ بايلىق جۇغلاش يولىدىكى سېلىشتۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلىنغان. ئوقۇرمەنلەر ھەقىقىي دېلو مىساللىرى ۋە قىزىقارلىق مەسەل خاراكتېرىدىكى ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇغان چاغدا،نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بايلارغا ئايلىنىشتىكى كەمچىل بولۇۋاتقان زۆرۈر ساپانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر پاراگرافنىڭ ئاخىرىدا «بايلىق بايانى» سەھىپىسى بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنىپ ھېس قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.




   بۇ كىتابنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەربىر دوستلارغا نىسبەتەن يىتەكچىلىك رولىنىڭ بولۇشىنى، ئوقۇرمەننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى، ئۆزى بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كونكېرىت قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ  يىتىپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كەمچىلىك ۋە مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش ئېلپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قانداقلا بولمىسۇن،«ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەندە ھەرقانداق جەڭدە غالىپ كېلىدۇ.»



   ئەڭ ئاخىرىدا، سىزنىڭ بايلىق يارىتىش يولىدىكى قەدىمىڭىزنىڭ بارغانسىرى تىز، راۋان،  ياخشى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بولۇش نىشانىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىپ، بۆرە تەبىئەتلىك بايلاردىن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز!








نامراتلار قوي تەبىئەتىلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك كېلىدۇ



بىرىنچى باب

بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ تەۋەلىك جەھەتتىكى پەرقى:


***1. بايلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،نامراتلار ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ



  نامراتلارنىڭ نامرات، بايلارنىڭ باي بولۇپ قېلىشىدا نۇرغۇنلىغان تەبئىي سەۋەبلەر بولۇپ، بۇ  سەۋەبلەر ئىچىدە، ئۆزىنى چۈشۈنۈش  ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا  قارىتا توغرا ئېنىقلىما ۋە توغرا باھا بېرىش -سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


   نامراتلارھەمىشە گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ، پاسسىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورۇن ۋە يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىشىنى ساقلايدۇ، ھەمدە بۇخىلدىكى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىش – كەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن باشقىلارنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بۇيىچە قارىغۇلارچە ھەركەت قىلىپ،ئاخىرىدا ھەركىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


   ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن (ئۆزى تۇرۋاتقان مۇھىت،شارائىت، ئىقتىدار، قىزىقىش قاتارلىقلار) ئۆزىنى دەڭسەيدۇ، ئاندىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن توغرا ئورۇن ۋە كۆرەش نىشانى ئىزدەيدۇ.


   بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىرىدۇر .يەنى -نامراتلار ئۆز تەغدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ، بايلار ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ.


   كۆپچىلىك ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە نىشان بەلگىلەپ بېرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تاللىشىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىشىغا يول قويۇش بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يولى ۋە تۇرمۇش نىشانىنى باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىككە باراۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،بۇ خىلدىكى «ئۆزىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش» ئۇسۇلىدا بايلىققا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.


   پەقەت ئۆزى ئۆزى ئۈچۈن قارار قىلالىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ تاشلانغان بىرىنچى قەدەم، ئەگەر بۇ بىر قەدەم بولمىسا كىيىنكى ئىلگىرىلەش، تەرەققىياتلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بايلىققا ئېرىشىشمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.


   تايلاند تارىخىدىكى دۆلەت قۇرغان باش ۋەزىرى لىس بۇ قائىدىنى چوڭقۇر چۈشىنگەن شەخىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى، ئۇنىڭ كىچىككىنە ئاشلىق ئىسكىلاتى باشقۇرغۇچىسىدىن «توققۇزى تەل» باش ۋەزىرگە ئايلىنالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتكەن.


   مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 250 – يىلى، لىس ھېچقانداق نامى چىقمىغان شاڭسەيجۈن ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ھەركۈنى ئىسكىلاتتىكى ئاشلىقنىڭ كىرىپ – چىقىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەيىتتى. كۈنلەر مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ ئۆتىۋېرىدۇ، لىسمۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئايلىقىنى ۋاقتىدا ئېلىپ، ئائىلىسىنى باقىدۇ، ھەمدە بۇنداق تۇرمۇشنىڭ رەنجىگۈدەك ھېچقانداق يېرى يوق، دەپ قارايدۇ.


   بىر كۈنى،لىس قورسىقى تولغاپ ئىسكىلات سىرتىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىدۇ، ھەمدە ھاجەتخانىدىكى بىر توپ چاشقانلارنى بايقايدۇ، ھاجەتخانىغا ماكانلاشقان بۇ بىر توپ چاشقانلارنىڭ جۇغى كىچىك، جۈرئەتسىز، مويلىرى قارىداپ كەتكەن بولۇپ، پاسكىنا ھەم سېسىق ئىدى.


   لىس بۇ چاشقانلارنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال بىزار بولۇپ، ئادەتتە ئىسكىلاتتا كۆرۈپ تۇرىدىغان چاشقانلارنى ئىسىگە ئاپتۇ. ئۇلار كۆپ يىگەنلىكتىن سەمىرىپ كەتكەن،مويلىرى پارقىراق بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئىسكىلاتتا ئۇياق – بۇياققا چېپىپ يۈرۈيدىكەن.ھاجەتخانىدىكى بۇ چاشقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.


  بۇلارنى ئويلىغان لىسنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەپتۇ.ئۇ  ئۆزىنىڭ ئۆز ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ بۇ كىچىك ئىسكىلاتتا ئۇدا 8 يىل باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا باشقىلار ئۈچۈن جان تىكىۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپتۇ. بۇنداقتا ھاجەتخانىدىكى چاشقانلار بىلەن مېنىڭ نېمە پەرق بولسۇن؟ ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە لىس ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن: «ئىنساننىڭ ھاياتى مۇشۇ چاشقانلارنىڭ ھاياتىغا  ئوخشايدۇ، ئاشلىق ئىسكىلاتىدا بولمىساڭ ھاجەتخانىدا قالىسەن. قانداق ئادەمگە ئايلىنىش ئۆزۈڭنىڭ تەغدىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭغا باغلىق.» دەپتۇ.



   شۇنداق قىلىپ لىس ئۆزىگە قايتا باھا بېرىپ، ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق ئورۇن تېپىش قارارىغا كەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، ئۇ كۆپ يىلللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن شاڭسەيجۈندىن ئايرىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كۇڭزى ئىدىيىسىنىڭ تەرغىباتچىسى، ئۇستاز گوكۇاڭنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى تايلاند پادىشاھىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ،جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئائىلىسىنى تايلاند پايتەختى چېڭياڭدىكى ئوردىغا كۆچۈرۈپ كىرىپتۇ.



   ئىلگىرى ھاجەتخانىدا تۇرغان چاشقان، ھازىر ئاشلىق ئىسكىلاتىدا تۇرىدۇ؛ ئىلگىرى شاڭسەيدىكى كىچىك ئەمەلدار، ھازىر تايلاندنىڭ باش ۋەزىرى بولىدۇ. لىسنىڭ بۇنداق سۈپەت خاراكتېرلىك يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار بەلگىلىگەنلىكىدە. ئۆزىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش ۋە توغرا قارار بەلگىلەش بولغاچقا، لىس كىيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.



   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر لىس ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ ئىلگىرىلەشنى ئويلىمىسا، كىچىككىنە شاڭسەيجۈندە ئاشلىق ئىسكىلاتى باشقۇرغۇچىلىقنى قىلىۋەرگەن بولسا، پاسسىپلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىشىنى، ئۆزىگە باھا بېرىشىنى ساقلىسا، ئۇنداقتا تارىختا بۇنداق مەشھۇر ھېكايىنى قالدۇرالامدۇ؟ لىسنىڭ ئىسمى يەنە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولامدۇ؟


   جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق». بايلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلارغا مەنسۇب بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۆزلۈكىدىن قۇل بولۇشنى خالايدىغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ خوجايىن بولالىشى ناتايىن. ئوخشاشلا، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان ئادەمنىڭ مەڭگۈ بىر جايدا تۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.



   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارار بەلگىلەپ بېرىشىنى ساقلاش ياكى ئۆزى ئۆزى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن قارار چىقىرىش» مەسىلىسى ئاللىقاچان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش– كەلتۈرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلاندى. باشقىچە ئېيىتقاندا، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىش بولسا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى.



   ئەلۋەتتە،مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن قارار چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. چۈنكى بازار ئىقتىسادى شارائىتىدا،قارارنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى تەبئىيلا بايلىق ياكى نامراتلىقتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ.



   سىچۈەنلىك دېھقانلار ۋە ۋېنجۇلۇق دېھقانلارنىڭ ھەممىسى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا <كۆزى ئېچىلىپ جاھان كۆرۈشكە باشلىغان >جامائەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



   سىچۈەن دېھقانلىرىنىڭ جاھان كۆرۈش شەكلى بولسا بىۋاستە گۇاڭدۇڭدىكى شىركەتلەرگە بېرىپ ئىشلەش بولۇپ، ئۇلار ئۆزىگە نىسبەتەن ئېنىق ئورۇن بېكىتمىگەن، پەقەت خوجايىن مۇئاش تارقاتسىلا، ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى قىلغان.


   ۋېنجۇ دېھقانلىرى ئوخشىمايدىغان يول تۇتقان، ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش شەكلى ئاساسلىق قەلەم، كۈنلۈك، قازان قاتارلىقلارنى ئوڭشاش ياكى بىر قىسىم پارچە تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىش بولغان. سەرگەردانلىق ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىكى ئىگىلىك يارىتىشتا،ۋېنجۇ دېھقانلىرى بايلىق يارىتىش، جۇغلاشنى ئۆزىنىڭ كۆرەش نىشانى قىلغان.



   30 يىلدىن كىيىن بىرىنچى تۈركۈمدە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىققان سىچۈەن دېھقانلىرى ئاللىقاچان تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى سىچۈەندىكى يۇرتىدا نامرات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنجۇ دېھقانلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى .ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى نۇرغۇن كىشى ئاللىقاچان شىركەت خوجايىنلىرىغائايلانغان بولۇپ، جۇڭگو بايلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.



   سىچۈەن دېھقانلىرى ۋە ۋېنجۇ دېھقانلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشاش تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شۇنچە روشەن بولغان بايلىق پەرقى كېلىپ چىقىدۇ؟ بەزىلەر يەنىلا نامرات، يەنە بەزىلەر بايلارغا ئايلانغان، بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟



   بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى -ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن قارار چىقىرىش مەسىلىسىدە.


   سىچۈەن دېھقانلىرى ئۆزىگە ئېنىق باھا بېرەلمىگەن، ئۆزىنىڭ تەغدىرىگە نىسبەتەن ئېنىق قارارچىقارمىغان، شۇڭا ئاخىرىدا يەنىلا نامراتلار قاتارىدا بولغان. ۋېنجۇ دېھقانلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئۆزى قارار چىقارغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈچۈن مۇۋاپىق، توغرا بولغان قارار چىقارغاچقا،ئاخىرى ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، راھەت تۇرمۇشقا ئىگە بولغان.



   بۇ پەرىقتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن قارار چىقىرىش ۋە توغرا بولغان ئورۇن بەلگىلەش بولسا بايلارغا ئايلىنىشتىكى زۆرۈر ئامىل. پەقەت ئۆزىنى تونۇغاندا،ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى چۈشەنگەندە، ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلەپ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندا، ھەمدە توختىماستىن كۆرەش قىلغاندىلا ئاندىن بايلىقنىڭ قەسىرىگە كىرگىلى بولىدۇ.

   دوستۇم، سىز ئۆزىڭىزدە يۈكسەك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان تەييارلىقنى قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟ئۇنداقتا ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن توغرا قارار چىقىرىشتىن باشلاڭ!






بايلىقنىڭ بايانى:

   نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قارار بەلگىلىشىگە،بۇرنىمىزدىن يىتىلەپ مېڭىشىغا يول قويىمىز؟ نېمىشقا دائىم باشقىلارنى دورايمىز؟ نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىقتىدارى بۇيىچە ئۆزىمىزنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن ئورۇن بەلگىلىمەيمىز؟ باي بولۇش ئارزۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئوبېكتىپ ھالدا ئۆزىگە باھا بېرىش، ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلەش، ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توختىماستىن كۆرەش قىلىش كېرەك!






مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان <<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب


تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى



تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام





بۇ ئىككى قىسىم كىتابنى ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز خەلقىمىز ئۈچۈن تەرجىمە قىلدى،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ ،ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.



ئەقىدە قاشگەرلىكى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 09:45 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
salkin8u8 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 01:23:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرە ئۇيۇشۇپ ياشايدىغان ۋە ياۋغا ئورتاق تاقابىل تۇردىغان ھايۋانلار توپى.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 01:24:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:47 AM
«نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك»د ...

توغرا ئىيىتتىڭىز..

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 02:13:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95542
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 03:33:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوي ئەخمەقلىقىدىن «مە» لا دەيدىغان ھايۋان ،  ئەخمەق بولمىسا سەركىلىكنىمۇ «مە» لا دەپ ئۆچكىگە بېرىۋېتەرمىدى

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:47:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادان مۇسۇلمانلار سىلەر يەنە كىتاپتىكى سىموۋۇللار ئاساس قىلىپ تۇرۋىلىپ بارسىلەر.
بۆرە:بۆرە دىسە كۆز ئالدىمىزغا ياۋۇز كۆزلىردىن قان چاچراپ تۇردىغان ئادەمنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان مەخلۇق كىلىدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ خىيالى چۆچەك كىتاپ تەرپىدىن زەھەرلەنگەنلىكىمىزنىڭ ئىچىنىشلىق مەھسۇلى.
قوي:قوي دىسە كۆزئالدىمىزغا ناھايتى مۇلاتىم ئىش ئۇقىدىغان ،باشقىلارغا ئازار بەرمەيدىغان بىر مەخلۇق كىلىدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى قويغا ئوخشۇتۇپ ماختاشلاردىن زەھەرلەنلىكىمىزنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى.
ئۇنداقتا بۇ ئەسەردە يورۇتۇلغان قوي قانداق قوي؟بۆرە قانداق بۆرە؟
بۆرە:بۇ ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن بۆرە بولسا يول ئىچىپ ئلگىرلەيدىغان يىڭىلىق يارىتىشچان ئىلىم سۆيىدىغان مۇۋەپىقىيەت ئۈچۈن داۋاملىق تىرشىۋاتقان مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
قوي:بۇ ئەسەردە ئەكىس ئەتتۇرلىۋاتقان قوي بولسا كىيىنكىنى ئويلىمايدىغان،بىرسى نەگە باشلىسا ھەممىسى ئارقىدىن ماڭىدىغان كىشىلەرنىڭ تىپپىك سىموۋۇلى قىلىنغان.
كۆپىنىچىمىز خەۋەرسىز  بىر ئەمىليەت بار ئۇبولسىمۇ ئەگەر 100 قوينىڭ ئارىسىغا بى ئۆچىكىنى قويساق 100 قويلار ئۆچكىنى يىتەكلەپ ماڭماي ئەكسچە بىر ئۆچكە نەگە ماڭسا 100قوي شۇيەرگە قاراپ ماڭىدۇ.بىز مىللەتتە دەل مۇشۇنداق قويغا ئوخشايدىغان ئىچىنىشلىق بىر ئەھۋال بار،بار بولغاندىمۇ ناھايتى ئىغىر بار.
ئەمدى ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك ،يۈرەكنى تۇتۇپ ۋىژدان ۋە ئەقىل بىلەن ئويلۇنۇپ باقايلى يۇقىردىكى قوي بۆرە سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ قايسىسى چاقناپ چىقار قايسىسى ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولار؟ھەم بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشكارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 09:51 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
salkin8u8 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108108
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2014-6-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 02:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WWW.UYHQT.COM يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 08:44 PM
ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.COM

بولسا كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان بولساڭلار سىتىۋىلىپ ئوقۇپ ، ساقلاپ قويساق ياخشى بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 562 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 03:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپ ياخشى يىزىلىپتۇ ،داۋامى تېزراق يوللانسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
رەھمەت..............

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13017
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 03:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esil521 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 02:13 AM
ھارام سىىڭسىلا باي بولۇشتىن  ئاسان ئىش يوق ..خەققە زىيا ...

سىز دەۋاتقان سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك بايلىق توپلىيالىشى مۈمكىن،لېكىن ئۇلۇغ كارخانىچىلاردىن،خەلقنىڭ تۆھپىكارلىرىدىن بولالىشى مۈمكىن ئەمەس.ئۇنداقلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي سىزنى،مېنى زىيانغا ئۇچراتقان تەقدىردىمۇ ئىككىمىزدىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ھامىنى چەكلىك بولىدۇ.پەقەت باشقىلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان يول تېپىپ،تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگەجەلىپ قىلالىغاندىلا ئاندىن ئۈزلۈكسىز بايلىق يارىتالايدۇ،مىڭلىغان كىشىلەر خادىم بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ،تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر خېرىدار بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ،ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق بايلىقنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ.  بايلار مىللەتنىڭ بايلىقى،سىز دەۋاتقانلار پەقەت باي سىياقىدا كۆرۈنىۋاتقان ئالدامچىلار خالاس،ئۇلار تۆت كۈنگە قالماي سورۇلۇپ كېتىدۇ.شۇڭا بۇ ئالدامچىلارنىڭ سەۋەبىدىن،بايلىرىمىزنى ھاقارەتلەيدىغان،ئۇلارغا ئۆچمەنلىق قىلىدىغان ئىدىيىلەرنى تارقىتىپ يۈرمەيلى.چۈنكى بايلىرىنى قوللىمايدىغان ھەم كۆرەلمەيدىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى پاجىئەلىك بولىدۇ.مىلياردلاپ پۇلنى ھالالدىن تېپىپ،ھالال يەرگە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ  باقى دۇنيادا ئالاھ تەرىپىدىن كاتتا شاپائىتىگە ئېرىشىدۇ.بۇنداق ئېسىل سۈپەت كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيلى.
   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 04:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 04:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك بۆرە ئەۋلادلىرى بۆرىدەك ياشاش كېرەك.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش