مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2814|ئىنكاس: 15

Java غا قىزىقامسىز؟Android پروگراممىسىنى تۈزۈشكە قىزىقامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95660
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 07:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ تېخنىكا خادىم قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن جەمىيەتتىكى پىروگرامما ساھەسىگە قىززىقىدىغان ياشلاردىن 15نەپەر قوبۇل قىلىدۇ؛
ئوقۇش مۇددىتى ۋە ئۆتۈلدىغان مەزمۇنلار:
ئوقۇش مۇددىتى 10 ئاي بولۇپ، دەسلەپكى 2ئاي ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىنكى پىروگرامما ساھەسىگە ئۇل سېلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇجەرياندا java تىلىدىن ئاساس، كومپىيۇتېر ئېنگىلىز تىلى، ماتېماتېكا قاتارلىق تۈرلە ئۆتۈلدۇ، 2ئاي تامام بولغاندىن كىيىن ئۆتۈلگەن تۈرلەر بويىنچە ئايرىم-ئايرىم  ئىمتىھان ئېلىندۇ، لاياقەتلىك بولغانلار javaتىلىنى تېخىمۇ يۇقىرلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە باشقا يانداش پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىندۇ، بۇ جەريان ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچى بولۇپ مۇددىتى 3ئاي، بۇ 3 ئايلىق ئۆگىنىشتىن كېيىن بىر ئايلىق ئەمەلى مەشىق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن شىركەتتىكى تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەرقايسسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن يۇمشاق دېتالىغا باھا بېرىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، لاياقەتلىك بولالىغانلار JavaWeb ۋە Android بويىچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ يەنە 3 ئايلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، 3 ئايلىق ئۆرلەپ ئوقۇش مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن يەنە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلىي مەشىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن شىركەتنىڭ تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن تۈرلىرىگە باھا قويىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئەمەلىي مەشىقنى ياخشى ئىشلىگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاندا ياخىشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر شىركەت تەرەپتىن- ئىرپان شىركىتى، يەلتاپان شىركتى ، ئەلبىز شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرگە بىر ئايلىق پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا شىركىتىمىز ۋە ھەمكارلاشقان شىركەتلەت يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىدۇ.

تەربىيلەش مۇددىتى ۋە ئوقۇش راسخوتى:
ئومۇمىي تەربىيلەش مۇددىتى: 10ئاي
بىرىنجى باسقۇچ : ئۇل سېلىش باسقۇچى (مۇددىتى ئىككى ئاي)
ئىككىنچى باسقۇچ: ئوتتۇرا سەۋىيە  ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش(مۇددىتى تۆت ئاي)
ئۈچۈنچى باسقۇچ: يۇقىرى سەۋىيە ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ۋە ئەمەلى پراكتىكا، (مۇددىتى تۆت ئاي).

ئومۇمىي ئوقۇش راسخوتى:
ئەگەر مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرسا  19مىڭ يۈەن
بىرلا قېتىمدا تولۇق تاپشۇرسا مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ

دەرسلىك ماتىريالى:
دەرسلىك ماتىرياللىرىنى شىركىتىمىزدىكى ئۇزۇن يىللىق كەسپىي تەجىربىگە ئىگە تېخنىكا خادىملار ئۆزى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ دەرسلىك ئۆگەنگۈچىلەرنى قىسقا ۋاقت ئىچىدە يۇقرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان، دەرسلىك مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:
ئۇل سېلىش باسقۇچى
  • Java تىلى ھەققىدە دەسل        ەپكى چۈشەنچە
  • Java تىلىدىكى ئاساس
  • ئېقىش مۇساپىسىنى تىزگىنلەش
  • سانلار گۇرۇپپىسى
  • ھەرىپ بەلگە تىزمىسى ۋە مۇنتىزىم ئىپادە

ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچى
  • ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لاھىيەلەش
  • ئۇسۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە پارامىتىر ئۇزىتىش
  • ۋارىسلىق ۋە كۆپ ھالەت
  • ئۇچۇرلارنى پىچەتلەش
  • تۈرنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك ئالاھىدىلىكلىرى
  • Java دىكى توپلام
  • Javaدىكى كۆپ ئىشلىتىلدىغان تۈرلەر
  • Genirectiy  بىلىمىدىن ساۋات
  • نورمالسىزلىقنى بىرتەرەپ قىلىش
  • كۆپ لىنىيە
  • گىرافىك يۈزى
  • ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش
  • Swingنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك زاپچاسلىرى
  • ئوقۇش-يېزىش ئېقمى ۋە ئوبىكىتنى ئېقىملاشتۇرۇش
  • تور پروگىراممىسى تۈزۈش
  • ساندانغا مەشغۇلات قىلىش
  • Java دا ساندانغا مەشغۇلات قىلىش.
  • MVC  ۋە تۈر ئېچىش ھەققىدە

(يۇقىرى باسقۇچ قىسىمىنىڭ مۇندەرىجىسى قىسقارتىلدى)
يەتمەكچى بولغان نىشان:
ئوقۇشنى ياخشى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۆگەنگەن تۈرلەر بويىچە ئۆزئالدىغان مۇستەقىل پروگرامما يازالايدىغان، باشقا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرنىڭ خىزمەت ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدىغان بولىدۇ.

بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز:
*بىز باشقا تەربىيلەش ئورۇنلىرىغا ئوخشاش چوڭ-چوڭ دىپلۇم ۋە كىنىشكىلەرنى بېرەلمەيمىز، ئەمما سىزگە ھەقىيقى ئەسقاتىدىغان بىلىمنى بىرەلەيمىز.
*ئوقۇش راسخۇتى بەلكىم سىزگە قىممەت تۇيۇلىشى مۇمكىن، ئەمما تېرىشىپ ئوقىسىڭىز، ئوقۇش تامام بولۇپ بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلغاندا ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ناھايىتىمۇ ئەرزانغا توختىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.
*ماتېماتېكا بەلكىم سىزگە نىسەبەتەن زېرىكىشلىك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇنلىغان چوڭ تېخنىكىلارنىڭ ئارقىسىدا ئاشۇ «زېرىكىشلىك» ماتېماتېكىنىڭ بارلىقىنى بىلسىڭىز، بەلكىم باشقىچە قىززىقىشىڭىز مۇمكىن.
* خەنزۇچىنى بىلمىسىڭىز، ئىنگىلىزچىنى بىلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئەمما ئۇيغۇرتىلىنى بىلمىسىڭىز قوبۇل قىلالمايمىز، پىروگراممىغا نىسەبەتەن ئاساسىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق، ئەمما تىرىشچانلىقىڭىز ۋە سەۋىرچانلىقىڭىز بولمىسا قوبۇل قىلالمايمىز.

ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن ھەقىقىي كۆرۈنۈش:



ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
شىركەت ئادرىسى:ئۈرۈمچى شەھەر  غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللۈكى (3-دوختۇرخانىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا) A بىنا  811- ئىشخانا.
تېلېفون نومۇرى؛ 0991-8520069، يانفۇن: 13325549080،18699161138
QQ:18082876744
ئېلخەت: elbizcc@gmail.com
تورئادرىسى http://www.elbiz.cc
ئۈندىدار سۇپىسى:elbizcc


سەمىيمىي ئەسكەرتىش:
بىز شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىم قوشۇنىنى زورايتىشنى مەقسەت قىلغاچقا بۇقىتىمقى تەربىيلەشنى ئىلىپ باردۇق، تەربىيلەشكە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تاماق ۋە تاماق مەسىلىسىنى ئۆزى ئويلىشىدۇ،  نوپۇسى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر تەۋەلىكىدە بولغانلار ئۆزىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن «خەلىققە قولايلىق كارتىسى»نى بىجىرىپ كىلىشى كېرەك.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:34:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
java  تىلىنى بىلسەك ئەپ ياسىيالايمىزدە

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95660
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 08:34 PM
java  تىلىنى بىلسەك ئەپ ياسىيالايمىزدە

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ..
ئىنكاس قايتۇرغىنىڭزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109516
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئوقۇشقا ۋاقىت يوق، بولمىسا بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيتتىمدە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 10:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ جىق ئىمتاھان  ئورۇنلاشتۇردىكەن دىسە

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 11:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
19مىڭ يۈەن بولسا سەل قىممەتمۇ قانداق ؟

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89440
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:37:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنگلىزچە بىلمىسە جاۋا تىلىنى ئۈگەنمەك سەل تەس. سىنىپتا ئوقۇغان نەرسىلەر بىلەن جاۋانى ئۈگىنىپ بولالمايدۇ، دەرستىن كىيىن ئەڭ ئاز 6 سائەت ئەتراپىدا پىراكتىكا قىلىش توردىن ماتىرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈش كىرەك، ئۇلارنىڭ كۆپىنجىسى ئىنگلىسچىدا. 19 مىڭ يۈئەن قىممەت ئەمەس، ئەگەر كەسىپنى ياخشى ئىگەللىسە ئۇ پۇلنى 2 ئايغا قالماي تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:44:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natik يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 11:53 PM
19مىڭ يۈەن بولسا سەل قىممەتمۇ قانداق ؟

19مىڭ كۇي بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قانچىلىك ۋاقىتلىق ئۇقۇش پۇلنى تۇلىگىلى بۇلىدۇ،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:37:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 02:44 AM
19مىڭ كۇي بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ...

4000 بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى بولسا  ، 16مىڭ  تۆت يىللىق ئوقۇش پۇلى بولىدۇ ....ئەگەر  ئالتە كىشلىك ياتاقتا ياتسا    4000 ياتاق پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:38:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 02:44 AM
19مىڭ كۇي بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ...

ھىساپتا  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 3200

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش