ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى مۇبارەكلەيمەن .
پېقىرمۇ دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىرناقلىرىنى تارتىپ باقتىم ھەم ئۆزەممۇ بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ باققان، قىلغان سەۋەپلىرىم تۈپەيلىدىن ن«اللاھ»نىڭ شىپالىق بېرىشى نەتىجىسىدە تىرنىقىم ھەر ھالدا ساقايدى ،لېكىن يەنىلا گۆش يىگىم كېلىپ كەتتى دەپ تۇرىۋالىدۇ
،بۇنداق چاغدا ئاچچىقىم كەلسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ ئاغزىغا پاختا كەپلەپ قويىمەن
.
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ مەقسەتكە كەلسەك داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:تىرناقنى ئالغاندا بوش ئېلىڭ،ئىككى بۇلۇڭىنى ئامال بار ئالماڭ،خوش ياقتى دەپ تۈۋىگىچە كولاپ ئالماڭ،پايپاقنى يىرتىۋەتمىسىلا بولىدۇ،دەسلەپ خوش ياققان بىلەن كىيىن دەردى بار، ھېلىقى بىر خىل ئۇچلۇق تىرناق ئالغۇچ بارغۇ ئۇنى پۇتىڭىزغا يېقىن يولاتماڭ ، تىرناقنىڭ بۇلۇڭى سەل پەل ئاغرىشقا باشلىغاندا(يىرىڭداپ كېتىشتىن بۇرۇن) 1-قەدەمدە ساقال تىغى بىلەن تىرناق تۈۋىدىكى ئۈلۈك ئەتنى بوش-بوش شۈلىمىز ،بۇنداق قىلغاندا تىرناقنىڭ گىرۋىكى ئېچىلىدۇ.2-قەدەمدە پۇتىمىزنى پۇت كۆيمىگىدەك دەرىجىدىكى قىزىق سۇغا يېرىم سائەت چىلايمىز،پۇتىمىزنى سۇغا چىلىغاچ پاكىز پاختىدىن بۇغداي چوڭلىقىدا بىر تال مونەكچە ياسايمىز ۋە ئىككى تال چىش كولىغۇچ تەييارلايمىز ،3-قەدەمدە يېرىم سائەت قىزىق سۇغا چىلىغان تىرناق مەلۇم دەرىجىدە يۇمشايدۇ،ئاندىن بىر ھەمرايىڭىز بىر تال چىش كولىغۇچ بىلەن تىرناقنىڭ گىرۋىكىنى پەم بىلەن كۆتۈرۈپگۆشنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ تۇرۇپ پاىتا مونەكنى تىرناق ئاستىغا تىقىپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تىرناقنىڭ گىرۋىكى ئامالسىز ئاسمانغا قاراپ ئۆسىدۇ،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تىرناقنىڭ گىرۋىكىنى بوش بەك بوش ئالىسىز ،
ئەسكەرتىش بارلىق مەشغۇلات جەريانىدا ھەرىكەت سىلىق بولسۇن قان چىقىپلا كەتسە مەغلۇپ بولدىڭىز دېگەن گەپ..
دېگەنلىرىم چۈشىنىشلىك بولدىمۇ ماڭا نامەلۇم،.ئەگەر چۈشىنىشلىك بولمىغان بولسا ياكى مەن دېگەندەك قىلىپمۇ شىپا تاپالماي قالغان قېرىنداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن. ئەتىدىن باشلاپ 5كۈن شىپاخانىنى تاقاپ ئارام ئالىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەگەر 10-چىسلاغىچە بۇ تېما ئۆچۈرۈلمەي قالسا شۇ چاغدا يەنە مەسلىھەت سورىشىنى ئۆتۈنىمەن .
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم بۈگۈرگە كەلسەڭلار ھەقسىز ئوڭشاپ قويۇشقا تىرىشىمەن جۇمۇ.شىپاخانىمىزمۇ بېكەتكە يېقىن.