مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kell

يەتتە رەڭلىك قاشتاش ( فانتازىيە ) داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 01:24:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى تەقاززالىق بىلەن كۈتىمەن.......

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12499
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32519
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 12:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى يوللانماپتىغۈ...؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67245
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 10:37:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز بۇرادەر مەن تىخى بۇ ئەسەرىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى يوللىمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن   داۋامىنى تىزرەك يوللىشىڭلارنى ئۆمۈر قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 11:25:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
16- باب  مەشىق

قوغدىغۇچى ئىچىدە غالىپنى تىللاپ كەتتى . مۇنداق بىر غەلىتە مەخلۇقنى قانداق قىلىپ يىقىتىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى . غالىپنىڭ ئەھۋالىمۇ بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتتى . ئۇ پەقەت پاسسىپ ھالەتتە تىزلىكىنى توختىماستىن ئاشۇرۇپلا ھەركەت قىلىۋاتاتتى . بۇ خىل پاسسىپ ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا ئۇنىڭغا پايدىسىز ئىدى . نېمىلا دىگەنبىلەن توختىماستىن تىزلىك ئاشۇرۇش نۇرغۇنلىغان ئامىللارغا چىتىلاتتى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىغاچقا ئۇزۇنراق ھەركەت قىلىش ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ھارغىنلىقتىن باشقا نەرسە ئەكەلمەيتتى .

مۇنداق ھالەتتە ئۇلار بىردەم تىركەشكەندىن كىيىن غالىپ پاسسىپ ھالەتتە تۇرىۋىرىشتىن زىرىكتى . باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەركەتچان قۇم خالتىسىغا ئوخشاپ قىلىشتىن سەسكەنگەندەك بولدى دە ، ئۆزىمۇ بىر ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىقىشنى خىيال قىلدى دە ، كىنولاردىن كۆرىۋالغىنىچە ئۇدۇللا قوغدىغۇچىنىڭ ئىڭىكىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى دە ، تىزلىكىنى يەنە ئاشۇرۇپ ئارقىسىغا دەرھاللا ياندى . قوغدىغۇچى ئۆزىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بىكارغا كىتىپ بارغانلىقىنى ئاز دەپ ، بىكاردىنلا بىر مۇشىت يەۋالغانلىقىغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى . گەرچە غالىپنىڭ بۇ مۇشتى ئۇنىڭغا ھىچقانچە زەربە بىرەلمىگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىتىملىق زەربە كاللىسىنى سىلكىۋىتىشكە ئازراق مەجبۇرلىدى . قارىغاندا غالىپقا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسا بولماپتۇ . قوغدىغۇچى ھۇجۇمدىن مۇداپىئەگە ئۆتتى . چۈنكى قالايمىقان مۇشىت ئىتىپ غالىپنى بىرەرنى بولسىمۇ ئۇرىۋىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى .

غالىپ قوغدىغۇچىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى ھۇجۇمغا ئۆتۈش پۇرسىتى كەپتۇ دەپ ئويلىدى دە ، يەنە بىر مۇشىت بىلەن قوغدىغۇچىنىڭ ئىڭىكىنىڭ ئاستىغا بىرنى سالدى دە ، دەرھال ئارقىغا ياندى . قوللىرىنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىشى بىلەن ئىسىنى ئازراق يىغدى . نەس باسقۇرنىڭ سۆڭىكى نىمانداق قاتتىق ؟ تاياقنى مەن ئۇرسام مىنىڭ قوللۇرۇمنىڭ ئاغرىپ كىتىشىنى قارا . غالىپ قوللىرىنى ئازراق ئۇۋلىۋەتكەندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتتى . چۈنكى ئۇ قوغدىغۇچىنىڭ مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى . ‹ سەنلا ھۇجۇم قىلمايسەن ، مانا مەنمۇ ھۇجۇم قىلالايمەن . ھە قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسەن ؟ › دەپ ئويلىدى غالىپ . يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى ، بۇ قېتىم ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق ساۋاقنى ئېسىدە تۇتۇپ ، قوغدىغۇچىنىڭ سۆڭەكلىرى پولتىيىپ چىققان جايلىرىغا ھۇجۇم ئۆتۈپ سالماسلىق ئۈچۈن ، قوغدىغۇچىنىڭ قورسىقىغا بىرنى سالدى ، قوغدىغۇچى ئېڭرىغىنىچە ئىگىلىپ تۈگۈلۈپ كەتتى ، قارىغاندا غالىپنىڭ بۇ قېتىم تايىقى ئۆتكەندەك قىلغان ئىدى . غالىپ يەنە بىرنى سالدى ، قوغدىغۇچى تېخىمۇ تۈگۈلۈپ كەتتى . ۋاھ ، قارىغاندا بۇ ئويۇندا مەن ئۇتۇپتىمەن دەپ ئويلىدى غالىپ . كىلىشتۈرۈپ يەنە بىرنى سالدى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى ھىچ قايتىپ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .

- نېمە ؟

ئەسلىدىنلا غالىپنىڭ توختىماي قوغدىغۇچىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ تۇرغان ئەتراپتىكىلەر تەڭلا تۇرۇپ قىلىشتى . چۈنكى بۇ قوغدىغۇچى غالىپنىڭ توختىماي كىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە قوغدىغۇچىنىڭ تۈگۈلۈپ كىتىشلىرىنىڭ ھەممىسىلا غالىپنى ئالداش ئۈچۈن قىلغان ھىيلىلىرى ئىدى . مۇشۇنداق قىلغاندىلا غالىپ ئۇنى ئۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ، ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالاتتى . سۈرئىتى ئۇنىڭغا يەتمىگەن ئىكەن ، ئۇنى بىردەم ساقلاپ تۇرسا نىم بوپتۇ ؟ شۇنداق قىلىپ غالىپنىڭ ئاخىرقى ئاتقان مۇشتىنى تۇتىۋالغان ئىدى . چۈنكى غالىپ خۇشلىقىدا ئۇنىڭدىن قېچىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى . نېمىلا دىگەنبىلەن قارشى تەرەپ دىگەن نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان ، ئۇرۇش - مۇشىتلاشلاردا تەجىربىسى مول ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىدە .

قوغدىغۇچى ئىككىلەنمەستىنلا غالىپنىڭ يۈزىگە بىر مۇشىت سالدى دە ، يەنە بىر مۇشىت سىلىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى . بىراق غالىپقا قاراپ ئاتماقچى بولغان ئىككىنجى مۇشتىنى توختىتىۋالدى . چۈنكى غالىپ بىر مۇشىت بىلەنلا ئايلىنىپ كەتكەندەك لەسسىدە بوشاپ كەتكەن ئىدى . چاقچاق ئەمەس ، غالىپنىڭ بۇ ئەسكەرنىڭ بىر مۇشتىنى كۆتۈرىشىنىڭ ئۆزى بىر گەپ ئىدى .

- توررىس ، بولدى قىل . ئۇ تېخى كىچىك بالا .

پور ئالىكىس ئۇ قوغدىغۇچىغا ۋارقىرىدى .

- غالىپ .

رائىلە يۈگۈرگىنىچە كىلىپ غالىپنى يۆلەشتۈردى . غالىپ سەل ئەكسىگە كەلگەندەك بولدى . مۇشىت يىگەن يۈزى شۇ ھامان كۆكىرىپ چىقتى . رائىلەنىڭ غالىپقا شۇنداق بىر ئىچى ئاغرىپ كەتتى . نېمىلا دىگەنبىلەن قىز بالا ئەمەسمۇ .

- ھا ھا ھا ، غالىپجان ئەپەندى ، كەچۈرۈڭ ، بۇ توررىسنىڭ ئاچچىقى راستىنلا كەلگەن ئوخشايدۇ . نېمىلا دىگەنبىلەن سىزمۇ ئۇنى قۇم خالتىسىدەك تازا ئۇرۇۋالدىڭىز ئەمەسمۇ ؟

رائىلە غەزەپكە تولغان كۆزلىرى بىلەن ئالىكىسقا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن غالىپنى يۆلەشتۈرۈپ ياندىكى بىر سافاغا ئولتۇرغۇزدى . غالىپ سەل ئەكسىگە كەلگەندىن كىيىن :

- پىراففىسور ، ئەگەر تەجرىبەڭلار ئاخىرلاشقان بولسا ، مەن قايتىپ كىتەي .

پىراففىسور غالىپقا قاراپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى . قارىغاندا غالىپنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىۋاتاتتى .

- غالىپجان ئەپەندى ، بۇ مۇشىتنى بىكارغا يىمىدىڭىز . مەن سەل تۇرۇپلا ھىساۋاتىڭىزغا بىر مىليون دوللار سىلىۋىتەي . دورا پۇلىڭىز بولسۇن .

ئالىكىس غالىپقا تەسەللىي بەرگەچ پىراففىسورغا قاراپ :

- پىراففىسور ، قارىغاندا غالىپجان ئەپەندىنىڭ چاققانلىقى سىلەرنىڭ سامورايلارنىڭ چاققانلىقىدىن ئىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ . مۇنداق بىر تالانىت ئىگىسىنى كۈندە مىھمانخانىدا ياتقۇزۇش تازا توغرا ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە غالىپجان ئەپەندىنىڭ بەدەن ساپاسى ئويلىغىنىمدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن . ئۇنىڭغا پەقەت ئازراق پۇرسەت بەرسەكلا ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك تالانىت ئىگىسى بولغۇدەك .

- شۇنداق ، شۇنداق . ئالىكىس ئەپەندىنىڭ قانداق دانا پىكىرى باركىن ؟

- ھىچقانداق دانا پىكىر دىگىلى بولمايدۇ . ئەگەر غالىپجان ئەپەندى ماقۇل كۆرسە ، مەن ئۇنى ئىلىپ قىلىپ ، توررىسنىڭ مەشىقلەندۈرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرسەم دىگەن ئۈمىت دە مەن .

- مەن قوشۇلمايمەن . مەن دىگەن ئادەتتىكى بىر ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش تالاشلار بىلەن خوشۇم يوق . نېمە ئۇ سىلەرنىڭ مەشىقلەندۈرىمەن دىگىنىڭلار ؟ مەن سىلەرگە مەن ئالاھىدە تالانىت ئىگىسى بولىمەن دىمىدىم يا .

ئالىكىس غالىپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ :

- غالىپجان ئەپەندى ، سىز ھىچكىمگە ئۇنداق تەلەپ قويۇپ باقمىدىڭىز ، بىراق سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزدە باشقىلار بىلەن تىركىشىش دىگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . گەرچە بىر ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىڭىز بولسىمۇ ، بىراق تەن ساپايىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكى سىزنى باشقىلاردىن كۆپ ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .

- دىدىمغۇ ، مەن ئۈچۈن مەشىقلىنىش كەتمەيدۇ . سىلەرگە رەخمەت .

غالىپ شۇنداق دىگىنىچە بىشىنى بۇراپ رائىلەگە قاراپ :

- رائىلە دوختۇر ، قايتايلى .

پىراففىسورغا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى . چۈنكى پىراففىسورمۇ ئالىكىسنىڭ دىپىنى چالىدىغاندەك قىلاتتى . بىراق رائىلە ئەمدىلا غالىپنى يۆلەشتۈرىشىگە ، پىراففىسور :

- غالىپجان ئەپەندى ، ئەگەر سىز خەتەرگە ئۇچراپ قالغۇدەك بولسىڭىز تىزلىكىڭىزنى ئاشۇرۇپ قىچىپ كېتەلەيسىز ، بىراق مۇنۇ رائىلە دوختۇر خەتەرگە ئۇچراپ قالسىچۇ ؟

غالىپ تۇرۇپ قالدى . بۇ ... ...

- ئەگەر ، ھازىر ئالىكىس ئەپەندى سىزگە ئېيىتقاندەك ئۆزىڭىزنى مەشىقلەندۈرسىڭىز ، ئۆزىڭىزنىلا ئەمەس ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى قوغدىيالايسىز. ئۇنداق ئەمەسمۇ يە ؟

غالىپ سەل ئويلىنىپ قالدى . دېمىسىمۇ شۇ ، ئۆزىنىڭغۇ ئۆزىنى خەتەردىن ئىلىپ قاچقۇدەك ھۆنىرى بار . بىراق رائىلەگە بىرەر خەتەر يىتىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق . يەنە كىلىپ قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا پۇل بىرىدۇ ، ئۇنى ھەقسىز تەربىيلەپ قويماقچى . مۇنداق ياخشى ئىشنى ئۇ يەنە نەگە بىرىپ تاپىدۇ ؟

شۇنداق قىلىپ غالىپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن :

- بولىدۇ ، ئالىكىس ئەپەندى ، سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قوشۇلغانمۇ بولاي . بىراق مىنىڭ يەنە بىر نەچچە تەلىپىم بار.

- قېنى ئىيتىڭ غالىپجان ئەپەندى .

- بىرىنجىدىن ، مىنىڭ مەشىق جەريانىدا ئازدۇر كۆپتۇر پۇل تېپىۋالغۇم بار .

قارىغاندا غالىپ مۇشۇنداق چاغدىمۇ بۇ ئالىكىس دىگەن باينى قانداق باپلاشنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى . گەرچە بۇ بىر ئەپەندىنىڭ بايلارنى باپلىشىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ ، بىراق غالىپنىڭ مۇنداق ساددا خىيالى ئالىكىسنى خۇش قىلىۋەتتى .

- بولىدۇ . ھەر ئايدا ھىساۋاتىڭىزغا بىر مىليون دوللار سىلىۋىتەي .

غالىپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ مۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى ئازراق چىقارماقچى ئىدى خالاس. بىراق باشقىلارنىڭ بىراقلا بىر مىليوندىن چۈشىشىشى ئۇنى ھەيران قالدۇردى . بىر مىليون دىگەن قانداق پۇل ھە ؟ تېخى دوللار دىسە ... ... بۇ پۇللارنى ئىلىپ يۇرتىغا قايىتسا .... غالىپ خېلى بىر خىياللارنى سۈرىۋالغان بولدى . ئاندىن يەنە :

- ئىككىنجىدىن ، رائىلە دوختۇرمۇ ھەر ۋاقىت يېنىمدا بولىشى كىرەك . ئۇنىڭغىمۇ ماڭا ئوخشاش تەمىنات بىرىشىڭىلار كىرەك . بولمىسا بۇ مەشىقنى قىلمىساممۇ مەيلى .

- ھا ھا ھا ، غالىپجان ئەپەندى ، قارىغاندا بۇ دوختۇر خانقىز سىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىكەن . بۇ تەلىپىڭىزگىمۇ قوشۇلدۇم . مەشىق ئەتىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ . تەييارلىق قىلىپ قويارسىز .

پور ئالىكىس شۇنداق دىگىنىچە غالىپنىڭ يەنە گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن ئىغىزىغا قاراپمۇ قويماستىن ، پىراففىسورنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى . غالىپ :

- ئالىكىس ئەپەندى ، يەنە ... ...

ئىشىك ئالدىغا بىرىپ قالغان ئالىكىس ئارقىسىغا قاراپ :

- ھە يەنە بىرگەپ ، سىزنىڭ تەلىپىڭىز بەك ئىشىپ كەتسە ، مەنمۇ ماقۇل دەۋىرىشكە ئامالسىزمەن ، بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قىلىڭ . ئەتىلىك مەشىققە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ .

دىدى دە ، پىراففىسورنى ئىلىپ چىقىپ كىتىشتى . غالىپ رائىلەگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 01:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك جەلپ قىلارلىق چىقىۋاتىدۇ....


داۋامىغا ئىنتىزارمەن......

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67245
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 01:51:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ياخشى ئۇقۇۋالدۇق

ئالىي باشقۇرغۇچى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108323
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-7-9
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 06:50:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياقتۇردۇم

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرىۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11716
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1699 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 06:59:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ، ياخشى يىزىلىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشقايسىز ،مەنمۇ يېقىندىن بۇيان ئىلمى فانتازىيلىك رومان ‹‹2126-يىلى :يەرشارىدا ئوتكەن ئىشلار››نى يىزىۋاتىمەن .ھازىر 1-قىسىم 1-بۇلۇمنىڭ 9بابىنى يىزىپ بولدۇم ،ئادىرىسى http://yuedu.163.com/book_reader ... 3ac5aac15802e8353_4
تەلىم بەرگەيسىلەر،رەھمەت .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12499
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32519
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 09:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ...

داۋامىغا تەشنامەن.............

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32231
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3394 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 11:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى  كۈتىمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش