پىروزە يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 05:07 PM
سىز زادى نىمە دىمەكچى، سىزگە دېققەت قىلىۋاتقىنىمغا خ ...
مەن ھىچنىمە دىمەكچى ئەمەس. مۇھەببەت ئەلۋەتتە گۈزەل نەرسە، لېكىن ئۇ قەبىلپلەردە پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن خوش پۇراق چاچىدۇ. بىزدەك ھاياتتا كۆپلەپ تەجرىبە توپلىغان ياشتىكىلەر بىر نەرسىنىڭ ماھىيىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمىزكەن. مۇھەببەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆرۈپ باقساق ئۇ روھى جەھەتتىكى ئىنتىلىش،ۋىسالىغا يىتىش(جىنسى جەھەتتىن قانائەت تېپىش)تەك مۇنداق چوڭ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتا-ئانىلارچە، قىرىنداشلارچە كۆيىنىش بار دىسە 100%ئادەم توغرا دەپ ۋاقىرىشى مۈمكىن. ئۆزىنىڭ بىلىمىگە مۇھتاج ئادەمنى باشقا جەھەتتىن ئويلاشقا خىجىل بولمىغان ئوقۇتقۇچىنى ھە سېنىڭ توغرىكەن دەپ مەيلىگە قويۇپ بەرسەك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇستۈگە ئۇ قىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، پىسخىكا جەھەتتىن پىشىپ يىتىلمىگەن سەبى مەسۇم قىز. ئۇنى ئالى مەكتەپتىكى 5، 6 يىللىق ياشل؛ىق ھاياتىنى تاماملاپ كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز سىڭلىسىدەك قىرىندىشىدەك كۆرمەۇ ئەكسىچە باشقا خىياللاردا بولۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا توردا ئولتۇرسام بىر چ چ دىشىم بىر كىنو تەۋسىيە قىلىپ قالدى. بىكارچىلىقتا ئىچىپ كۆرۈپ قاپتىمەن. كۆرگىنىمگە ھازىرغىچىلىك پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كىنودا بىر ئائىلىدىكى ئاكا سىڭىلنىڭ بىر بىرىنى ياخشى كۆرەپ قىلىشى ھىكايە قىلىنىدىكەن. ھو ھايۋانلار. كۆڭلۈم شۇنداق ئېلىشتى. سىڭلىسى سۇ ئۆۈپ ئاكىسىغا ئوچۇق سۈمبىسىگە ماي سۈرتۈپ قويۇشنى ئىيتىدۇ. ئاكىسى ئۇنىڭغا ماي سۈرتۈش جەريانىدا بىر قىسما بولۇپ قالامدۇ ئىشقىلىپ، كېيىن ئۇلار ياتاق ئۆينى بىرلا قىلىۋالىدۇ. كېيىن دادىسى ئۇقۇپ قىلىپ بەك ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ. ئاپىسى دىگەن رەسۋانىڭ كارى بولمايدۇ. ئاخرى ئۇلار قىچىپ كېتەمدۇ ئىشقىلىپ، شۇنداق قالايمىقان.يىزىقچىلىق دىگەنگە گۈزەل مۇھەببەت، ئەركىن ھاياتنى يىزىش كىرەكقۇ ئاخىر؟ مۇشۇنداق لاۋزا نەرسىنى يىزىپ قويسا مۇھەببەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىل ا بولسىغۇ مەيلىتى كېيىنكى قىسمىنى قوشۇپ ئويلىساق خىجىل بولمامدۇق؟ بىز مۇسۇلمانغۇ ئاخىر.