3
مەن خاتىرەمنى قولۇمغا ئېلىپ، ياتاق ئىچىدىكىلەر توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى يېزىشقا باشلىدىم: ئەنە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدىكى كارىۋاتتا خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ، بەخىرامانلىق بىلەن ئۇخلاۋاتقان پاكار، دوقماق، يۇمىلاق يۈزىدىكى كىچىك بۇرنى ئاستىدىكى ئوماق ئېغىزى يېرىم ئېچىلغان، ماڭا ئوخشاش بودەك مۇنۇ ياتاقدېشىمنىڭ ئىسمى توختى ئىكەن. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى ئۆزگىچە. ئۇ باشقىلاردەك قىزغىن ئەمەس، خۇددى بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان چەت يايلاقلاردىكى پادىچىدەك جىمغور. ئۇ مەن ياتاققا كىرگەن چېغىمدا ئىشتىھا بىلەن پېتىر كۆمەچ يەۋېتىپتىكەن، سالام قىلغىلى ئالدىغا بارغان ئىدىم، قولىنى تەڭلەپ قويۇپ ئېغىزىدىكى لوقمقنى مەززە بىلەن چاينىغاچ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىغان ئىدى. مانا ئەمدى قورسىقى تويۇپ قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ تۈگەپ قالغاندەك غەمسىز، بىخۈدۈك ھالەتتە تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان.
ئەنە، توختىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى ئۈستىگە گۈللۈك رەخت بىلەن ئەدىيال سېلىنغان رەتلىك ئورۇندا سومكىسىدىكى چۇۋۇق كىيىم- كېچەكلىرىنى بوغچىسىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن قاتلاۋاتقان ئاۋۇ ئاۋاق ياتاقدېشىم ئۆزىنى: ‹‹ئىسمىم پەرھات، بۇ يىل ئون يەتتە ياشقا كىردىم. ئۆيۈم قويچى يېزىسىدا. مەنمۇ توققۇزىنچى يىللىق بىرىنچى سىنىپقا تەقسىم قىلىندىم، خالىساڭلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالايلى.›› دەپ تۇنۇشتۇرغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئوچۇق-يورۇق ھالىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىن دوست بولۇپ ئۆتۈشكە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدىم. ئۇمۇ پەرۇختەك ئېگىز ئىدى، ئەمما ۋىجىك بەدىنى، رەتلىك، پاكار چېچى، چىرايىدىكى ئۆزگىچە ئىپادە بىلەن پەرۇختىن پەرقلىنىپ تۇراتتى.
ئاۋۇ ئىشىكنىڭ سول تەرىپدىكى تام بۇلىڭىدا كۆك تاشلىق يوتقىنىغا يۆلىنىپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغان خىيالچان يىگىتنىڭ ئىسمى ھېيتەم ئىكەن، مەن بۇنى پەرھاتتىن سوراپ بىلىۋالدىم. قۇيۇق قوشۇما قاشلىرىنى يىغىپ تۇرۇپ، قارا قۇمچاقتەك پىلدىرلاپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى كىتابقا مىختەك قاداپ ئولتۇرغان بۇ ياتاقدېشىم بىلەن تېخى پاراڭلاشقۇدەك بولمىدىم. ئۇ قولىدىكى دائىم كالتاكتەك يۇمىلاقلاپ قاتلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ، كىتاب قىرى ئۈزۈك-ئۈزۈك بولۇپ سۇنۇپ كېتەيلا دەپ قالغان كونا ‹‹تارىم ژورنىلى››غا قولىدىكى قېرىنداش قەلىمى بىلەن ئاللىنېمىلەرنى سىزاتتى، قەلىمىنى كىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھال رەڭ بولۇپ قالغان كۆڭلىكىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا ئەپچىللىك بىلەن تاشلاپ قويۇپ، ئەمدىلا ئاۋۇشقا باشلىغان بىر نەچچە تال ئۇزۇن ساقىلىنى سىيلىغىنىچە تورۇسقا قاراپ ئويغا چۆمۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بۇنچە ئىجتىھات بىلەن كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىغا زوقلىنىپ قارىدىم، ئۇ يەنىلا خىيالچان كۆرۈنەتتى.
سول يېنىمدىكى ياغاچ كارىۋات بوش قالغان. تېخىچە بىرەرسى ئىگەللىمىگەن ئىدى. بەلكى ئەتىگىچە بىرە يېڭى دوست كىرىپ ئورۇنلىشار...
ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئاق گۈللۈك شاپاق دوپپا كىيىۋالغان، كۆزلىرى پىستىدەك قىسىلغان، سېرىق ئالا قاشلىرى بۇغداي باشىقىدەك پارقىراپ تۇرغان ئاۋۇ ئىلىپ بۇرۇن، ئوتتۇرا بوي يىگىتنىڭ ئىسمى رېھىمجان ئىكەن. ئۇ بەكمۇ كۈلگۈنچەك ئىكەن، قاچانلا قارىسا بويۇنىنى ئوڭ تەرىپىگە قىسىپ كىچىك ئېغىزىنى يېرىم ئايسىمان قىلىپ تۇرىدىكەن. ئابايام پەرۇخنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلگىنى مۇشۇ، باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ كۈلكىسىگە قاراپلا ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ناھايىتى ئىللىق ئىكەن، ھەممە ئشلارغا ئاپتاپپەرەستەك كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان بۇ ياتاقدېشىمنىڭ غۇبارسىز قەلبىنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەنگەندەك قىلاتتىم، چۈنكى ئۇ باياتىن ‹‹شىبلىتىڭنىڭ بىر پېيىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن خالانىڭ كاتىكىگە چۈشۈرۈپ قويدۇم، مېنىڭكىنى ساڭا بېرەي، ئەمدى.›› دېگىنىچە خىجالەتتە قالغان يېڭى ياتاقدېشىنىڭ جىددىيلىك قاپلىغان چىرايىغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قويدى، ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمىدى. مەن باشقىلارغا گومۇش چىراي كۆرۈنىدىغان بۇ ئاق كۆڭۈل يىگىتكە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم، ئۇنىڭ پىستە كۆزلىرى بىردىنلا گازىر كۆزگە ئايلاندى.
ئىشكنىڭ ئۇدۇل ئوڭ تەرىپىدىكى بۈرجەكتىكى كارىۋاتتا بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ گەجگىسىنى قاماللاپ، پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تورۇسقا تىكىلگىچە ئوڭدا يېتىۋالغان بۇ تونۇش يىگىتنى مەن خېلى بىلىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى نەمتۇللا، ئۇ مەندىن ئۈچ ياش چوڭ، بۇ يىل يىگىرمە ئىككى ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئۆيىمۇ قارىساي يېزىسىدىن، ئەمما دادىسىنىڭ مېيت نامىزىغا بارغانچە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىغىنىم ئۈچۈن ھازىر قايسى ساي بويىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ئۆيۈم بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، ئەگرى-بۈگرى يوللار، ئوخشاش كەڭلىكتىكى سايلىقلار كۆپ بولغاچقا ئادرېسىنى ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ قويىمەن. بىز ئىلگىرى تولۇقسىزنى بىر سىنىپتا ئوقۇپ تاماملىغان، ئۇ بۇرۇنمۇ ھازىرقىدەك كەمسۆز ئىدى. نازۇك ئىشلارغىمۇ بىردەمدىلا ئاچچىقلىنىدىغان بۇ كونا دوستۇمغا ئالدىراپ چاقچاق قىلىپ كەتمەيمەن، شۇڭىمۇ ئۇ ماڭا: ‹‹مەندىن نومۇس قىلدىڭ، ھەرقاچان. باشقىلار بىلەن قىزغىن پاراڭ قىلىسەنۇ، ماڭا ئېغىز ئاچمايسەن! بوپتۇ، سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم!›› دەپ قېيداپ ئۈلگۈردى. ئۇنى مەن چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ بۇنداق قېيداشلىرى مەن ئۈچۈن بىردەملىك. مەن سەل تۇرۇپ ئۇنىڭغا: ‹‹خاپا بولما، جېنىم دوستۇم. بىز ئىككىمىز قانداق پاراڭلارنى قىلىشمىغان؟ ئەجىبا ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا سۆزلەشكۈدەك قانداق يېڭىلىق بار؟›› دەپ دوستلارچە گەپ قىلايچۇ قېنى، ئۇنىڭ كىرپە تىكىنىدەك ئۇچلۇق قارا ساقاللار قاپلىغان چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاشۇنداق ساددا.
ئۇدۇلۇمدىكى قاتار كارىۋاتلاردا ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان ياتاقداشلىرىم توغرىسىدا يېزىشنى پەرۇختىن باشلاشنى لايىق كۆردۈم:
پەرۇخمۇ خۇددى ھېيتەمدەك كىتابقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، ئۇ يېڭىلا مۇقاۋىلانغان توم كىتابنىڭ تېخى ئاز-بىر قىسمىنىلا ئوقۇپ بولغان ئىدى، پەرىزىمچە يىگىرمە بەت بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بەكمۇ ئاستا كىتاب ئوقۇيتتى، ئەمما ھېيتەمدەك قەلەم، ماڭا ئوخشاش خاتىرە ئىشلەتمەيتتى. ئۇ كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولغاندا ئۇنىڭدىن سورايمەن: ‹‹قانداق، بۇ كىتابتا قانداق مەزمۇنلار باركەن؟››، قېنى ئۇ نېمە دەپ بايان قىلىدىكىن؟
پەرۇخنىڭ سول تەرىپىدىكى كارىۋاتتا گۆشكىردە يەۋاتقىنىنىڭ ئىسمى ئادىل ئىكەن، ئاڭلىسام مۇشۇ ناھىيە ئىچىدىن ئىمىش، ئۇنىڭ دادىسى ناھىيە بازىرىدىكى خېلى نامى چىققان رەخت سودىگىرى ئىمىش، ئانىسى ئۇستا تىككۈچى ئىمىش. ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان پاكىز، بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا زەپمۇ سىغقان، ئۆلچەملىك بەدىنىگە خوپ ياراشقان قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكىسىغا قاراپلا بايۋەتچە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىنىم توغرا چىقتى. ئۇ رەتلىك سېلىنغان، شوخ رەڭدىكى قېلىن كۆرپە ئۈستىدە پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تۆت بۈرجەك يىغىلغان يوتقىنىغا يۆلەنگىنىچە خۇددى پارقىراپ تۇرغان قارا بەتىنكىسىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك پۇتىنى پولاڭلىتىپ ئولتۇرۇپ مەززە بىلەن تامىقىنى يەۋاتاتتى. ئۇ گۆشكىردىنىڭ قىيمىسىدىكى ياغلىق گۆشلەرنى تېخى باياتىن ئوقۇغان گېزىتى ئۈستىگە تاشلىغان ئىدى، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن يىرگەنگەندەك كۆزۈمنى قاچۇردۇم.
پەرۇخنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كارىۋات بوش ئىدى، ئادىل ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆك رەڭدە سىرلانغان ياغاچ ساندۇقىنى، سودىگەرلەر ئىشلىتىدىغان چوڭ رەخت سومكىسىنى قويۇۋاپتۇ. مەيلى ئەمەسمۇ؟ بىركىمنىڭ شەخسىي ئورۇنى بولمىغاندىكىن.
ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ياشايدىغان بۇ يېڭى ‹‹ئائىلە ئەزالىرى›› توغرىسىدا يۈزەكى بولسىمۇ تونۇش ھاسىل قىلىۋالدىم، چۈنكى بۇلار ئەمدى ماڭا ئۈچ يىل ھەمراھ. بىر-بىرىمىزنىڭ غايە، ئارزۇ-ئارمانلىرى توغرىسىدا تېخى پىكىرلىشىپ باقمىدىم، ئوقۇش جەريانىدا بۇنىمۇ ئالدىرىماي بىلىۋالارمەن، ئەمما ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان دوستلىرىمنىڭ كۆپلىكىگە ئىشىنىمەن.
مەن يېزىشنى توختاتتىم.
(داۋامى بار...)
2014-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.