uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 10:47 PM
بولدى تالاشماڭ بۇرادەر . سىز بىلەن چەتئەل يازغۇچىلل ...
مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ،مەن بىر پىسخكا ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى ، ئوقۇغۇچىمغا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق دېئالوگ يادىمدىن كەچتى ...
ئېدىسوننىڭ پويىزدا گېزىتىنى ساتماي ، تەجرىبە ئىشلەپ پويىزنىڭ ۋاگونىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى سېپى ئۆزىدىن بىر ئۆز بېشىمچىلىق ئىدى ، پويىز باشلىقىنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ بىر قۇلىقىنى گاس قىلىپ قويۇشى بولسا نورمال ھادىسە ئىدى ، بىز ئىدىسوننى ، دەرىجىدىن تاشقىرى تىرىشچان بولغاچقا ، ۋاقتىنى زايە قىلماسلىقى ئۈچۈن ، باشقا يەردە قىلىشقا شارائىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دېدۇق ! پويىز باشلىقىنى ئۆسمۈرلەرگە زوراۋانلىق قىلغان دەلتە دەپ ئەيىبلىدۇق ! ھېچكىممۇ ئەگەر ئېدىسون پويىزغا ئوت قويۇۋېتىپ ، ھەممە ئادەم ئۆلگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ پويىز باشلىقىغا قانداق مەسئۇلىيەت كېلەتتى دەپ ئويلىمىدى ! ئېدىسوننىڭ بىر قۇلىقىنىڭ ئاڭلىماسلىقى سەۋەبىدىن ، باشقىلارنىڭ سەلبى پىروگراممىلاپ قويۇشىدىن ساقلاپ ، شۇ ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتالىدى دەيدىغان ئادەم چىقمىدى ..
نىيۇتۇننىڭ تۇخۇم پىشۇرىمەن دەپ سائىتىنى قازانغا سېلىۋېتىشىنى بىز دىققەتنى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرىۋەتكەنلىكتىن دېدۇق ! ئەمىلىيەتتە بۇ سېپى ئۆزىدىن ھاڭۋاقتىلىق ئەمەسمۇ ؟
ئېينىشتىيىنمۇ ئۇ يىل بۇ يىل چاچ پاچنى تاراپ قويمايدىغان ئادەمكەندۇق ، بىز ئۇنى ئۆزىنى ئىلىم پەنگە زىيادە بېغىشلىغانلىقتىن دېدۇق ! ئەمەلىيەتتە شەخسىي تازىلىق ئىنتايىن مۇھىم ئىدى !
ئېدىسوننىڭ چاقپەلەكنى قايتا - قايتا ياساپمۇ يەنە ياخشى ياسالمىغىنىنى بىز ئەيىبلىمەيلا قالماستىن بەلكى قاتتىق تىرىشچانلىقى دېدۇق ! بىر سىنىپ بالا ئىچىدە شۇنىڭلا ياسىيالمىغىنى بولسا ئەمەلىيەت ئىدى !
داۋىنچىنىڭ تۇخۇمنى 7 يىل سىزغىنىنى بىز شۇنچىلىك ئەستايىدىللىقى ، سەۋىرچان ، كەسىپچانلىقى دەپ بىلدۇق ، ئەمىلىيەتتە ئەڭ دۆت ئادەممۇ 7 كۈن سىزسا سىزالايدۇ ئۇنى !
ئىدىسوننىڭ ھويلىسىدىكى ئالۇچىسىنى چېپىۋەتكەنلىكىنى ، پالتىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى سىناش ئۈچۈن قىلغان دېگەنلىكىنى - ئۇنىڭ دادىللىقى دېدۇق ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم پالتاڭنى سىنايدىغانغا چاپقىلى باشقا نەسەڭ يوقمىدى ؟ دېمىدى
نىيۇتوننىڭ ئالما نېمىشقا ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي ، يەرگە چۈشىدۇ ؟ دەپ يەر تاتىدىكەن دەپ قويغىنىنى ، نىيۇتوننىڭ قانۇنى دېدۇق ! يافەسنىڭ 47 - ئەۋلادى - مېنىڭ 96 - ئۇلۇغ بوۋام بىنچو ھاۋانى بايقاپتىكەن ، دېگەندەكلا گەپ ئەمەسمۇ بۇ !
+ + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + + +
غەربلىكلەر مانا مۇشۇنداق ئەيىبىنى يېپىش ، قوللاش ئارقىلىق نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ، ئەمما بىز ئۇيغۇرلارغا يات مىللەتلەردىنسىڭىپ قالغان بىر خۇي بار ، ئۇزۇن بولدى مەن سېزىۋاتقىلى ، ئالدىمىزدىكى ئادەمنى ھەرگىز ئىقتىدارلىق ، قابىل ئادەم دەپ ئويلىمايمىز ، ئويلىيالمايمىز ! تاكى بىرەرسى ماۋۇ ئىقتىدارلىق ئادەم دېمىگەنگە قەدەر ! ياكى كۆزىمىز كۆرمىگەنگە قەدەر ! داڭلىقلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى شۇنچىۋالا كۆپتۈرۈپ ، سىرلىقلاشتۇرۇپ ، ئىلاھىيلاشتۇرۇۋېتىشنى ياخشى كۆرىمىز يۇ ، كۆز ئالدىمىزدىكىلەرنىڭ سوقراتمۇ ھەيران قالغۇدەك پىكىرلىرىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىمىز ، داڭلىقلارنىڭمۇ بىزدەك ئىككى قولى ، ئىككى پۇتى ، بىر كاللىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ ، مەڭگۈ ئۇلارنى دورايدىغان ، مەڭگۈ ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغىنىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ئېتىراپ قىلىۋېتىمىز ... ئەمما ياراتقۇچىىمىز شۇنىڭكىدەك پىكىر قىلىدىغان ، شۇنىڭكىدەك ئىشلەيدىغان كاللىنى بىزگىمۇ بەرگەن ، بىر - بىرىمىزنى ئېتراپ قىلمايۋاتساق ، مەملىكەتتە ئېتراپ قىلىنامىزمۇ ؟ مەملىكەت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنالمىساق خەلقئاراغا نەدە تۇرۇپتۇ ؟ شۇڭا بىر ئۆمۈرناھىيىدىن چىقمايلا تېرىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ نۇرغۇن تالانتلىقلار ...