.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:13 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
دېمەك سىز بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئاغرى ...
ۋە ـ ئەلەيكۇم ئەسسالام ... شەرەپ ھىس قىلغان ئىش يوق ...
تېما ماۋزۇسىدا : ‹‹ قۇربان ھېيىتتا ھاراق ئىچتىڭىزمۇ ›› دەپ سوراپتىكەن .
يالغانچىلىقنى راۋا كۆرمەي ، ئىچكىنىمنى دېدىمغۇ ... ؟ سىلەر مەن قورىققۇدەك
ئادەم ئەمەسقۇ ؟ ئاللاھتىن قورقىماي ئىچكەن يەردە سىلەردىن قورقۇپ يۇشۇرۇشنىڭ
نېمە ھاجىتى ؟
بىراۋنىڭ ئەيىب ـ نوقسانلىرىنى جامائەت ئالدىدا سازايى قىلىپ ئۆزىنى ئالىيجاناب
كۆرسىتىش ، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشمۇ ئوخشاشلا ھاراقكەشلىك قىلغاندەك
خاتالىق ئىشتۇر .
‹‹ تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ ›› ئائىلىڭىزدىكەر ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭىز بىلەن
جەم بولۇپ ئولتۇرغاندا ، مۇساپىرلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك يېرىم بولدىغانلىقىنى
قىلچىمۇ ھىس قىلالمايسىز .
ھاراقنىڭ ئۆزىدىن كەيپى ھارامدۇر . خۇدىنى بىلەلمەي ، مەسىت ـ ئەلەس بولۇپ
ھاياسىزلىشىپ يۈرمەي ، ئەقلىدىن ئازماي ، يولدىن چىقماي ئىچىپ قويدۇق شۇ ...
قېنى ھېيتنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بىرنى كۆتۈرىۋېتەي...