خوجايىنلار سىلەردەك بولسا
ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى
( بۇ شېئىر 2014 –يىلى لۈكچۈندىكى << ئىگىز ئوردا >> رېستۇرانىدائۆتكۈزۈلگەن 30 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوقۇلغان .)
يۇرتىمىزدا قۇرۇلۇپ ، ئىگىز ئوردا رېستوران ،
تائاملارنى تونۇتتى ، چىن مەنىدىن خەلقىمگە .
ئۇيغۇر ، دىگەن قولى گۈل ، دىيىشەركەن باشقىلار ،
ئاشپەزلەرمۇ توشۇپتۇ ، تائاملاردىن بىلىمگە .
پولو ، لەڭمەن ، توخو، گۆش ، قورومىنىڭ تەمى بار ،
يىسەڭ خۇددى بولارسەن ئۆز ئۆيۈڭدە يىگەندەك .
سۇغا سالغان گۆشىنىڭ تەمى ئايھاي ئۆزگىچە ،
يەپ بەختكە چۆمەرسەن ، خۇددى ھېيتلار كەلگەندەك .
مەرىكىنىڭ پەيتىدە ئايلىنىدۇ سورۇنغا ،
توي ئوينايسەن بۇ يەردە شاھىنشاھ ۋە بەگلەردەك .
رازى بولۇپ قايتىدۇ مېھمانمۇ ھەم سورۇندىن ،
بويۇن قىسىپ قالمايسەن ، پۇل خەجلەپمۇ خەقلەردەك .
مەرىپەتنىڭ كانى بۇ ، سۆزلەر يەنە ئالىملار ،
زامانىۋى مەدەنيەت ، كەلگۈسىدىن قىسسەلەر .
ئاڭلىغانلار لېكسىيە تولار قايتا دەرمانغا ،
ئاڭلىيالماي قالغانلار دەيدۇ يەنە ھەسسىنە .
مۇقام، مەشرەپ ياڭرىسا ، نۇر تاراتسا ئىلىم – پەن ،
رېستورانلار ئايلانسا بىلىم كانى مەكتەپكە .
بالىلاردىن نىمە غەم ، ئويناپ – كۈلۈپ يۈرمەمدۇ .
باشلىمامدۇ رېستوران ئادەملىككە ، ئەدەپكە .
مانا بۈگۈن ئەكبەرجان ، سەلىمەلەر ئۇستازغا ،
رەھمەت ئېيتىپ دىلىدىن ، قۇتلۇقلاپتۇ بايرامنى .
تونلار ياپتى بىر ئۆمۈر بور – توزاندا ئۆتكەنگە .
ئەمدى قانداق ئۇنىتاي ، بۇنداق ئۇلۇغ قاينامنى .
يۇرتىمىزدا خۇجايىن مۇشۇلاردەك يول تۇتسا ،
مەرىپىتى يۇرتۇمنىڭ كۈندەك چاقناپ تۇرمامدۇ .
پۇل تاپقانلار پۇللارنى خۇددى پۇلدەك خەجلىسە ،
ئەل – پۇقرانىڭ كۈنلىرى خۇددى ھېيتتەك ئۆتمەمدۇ ؟.
ئاخىرىدا تىلەيمەن رېستورانغا بەرىكەت ،
ئەۋلاد ئۈچۈن تەر تۆككەن ئۇستازلارنىڭ تىلىدىن .
تىلەكلىرى ئىجابەت دەيدۇ ئەللەر ئۇستازنىڭ ،
ئىجابەت بوپ قىسىڭ سىز ، بەختۇ – ئامەت گۈلىدىن ؟!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 08:43 PM