Yatmix يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 08:14 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .tuz. ئەپەندى
تىمىلىرىڭىزنى ناھايىتى ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام
بۇ سۇئالىڭىزغا تەپسىلى جاۋاب بىرەي دىسەم گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ . يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا ئىنسان يامان ئىش قىلىپ ، يامان نىيەت يامان سۆز قىلىپ ، گۇناھ بولدىغان ئىشلاردىن زەررىچىلىكمۇ خۇشاللىق تاپالمايدىكەن . ئىنسان باشقىلاغا ياخشىلىق قىلىپ ، ئىنسانىي قەدىر قىممىتى بىلەن ياشىسا خۇشاللىق بەخت ھىس قىلدىكەن . ھەر بىر كۈنى شاتلىق ئىچىدە كۆڭلى ئازەدە خاتىرجەم ياشايدىكەن . مېنىڭچە ياش جەھەتتىن ئەمەس ئەقىل جەھەتتىن ئىنسان ياخشى يولغا قاراپ ماڭىدۇ . خۇلاسىلىغاندا زەررىچە ياخشىلىق ئىنساننى نۇرغۇن - نۇرغۇن تىخىمۇ زور ئىسىل پەزىلەتلىك ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ ھەم باشلايدۇ . مەسىلەن ، يولدىن بىر ئەخلەتنى ئىلۋىتىش ، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش ، ئەپۇ قىلىش ، كەڭ قورساق بولۇش ........ دېگەندەك . مانا مۇشۇنداق ئىشلار ئىنساننى ياخشى توغرا يولغا يىتەكلەيدۇ .
زەررىچە يامان ئىش ، ئىنساننى نۇرغۇن - نۇرغۇن يامان قىلمىشلارغا يىتەكلەيدۇ . مەسىلەن ، تاماكا چىكىش ، سىرىق نەرسە كۆرۈش ، ھەر بىر قىممەتلىك كۈنلىرىنى ئەھمىيەتسىز ئەسكى ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ، يامان گەپ قىلىش ...... دېگەندەك .
شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى ، ھەر بىر ئىنسان ، ھەر بىر كۈننى ئىمتاھان مەيدانى بۇ ، مەن ئىمتاھان بىراتىمەن دەپ بىلىپ ، ھەر بىر كۈىنى قەدىرلەپ نىيتىنى دۇرۇس قىلىپ ياخشى ئىش ساۋبلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلغاندا ھەرقانداق شارائىت ھەم ھەرقانداق دەۋىردە ياشاش تەس ئەمەس بەلكى ھوزۇرلۇق مەنلىك بولىدۇ ......