بۈگۈن ئەتتىگەندە تۇيۇقسىزلا سوغۇق چۈشۈپ كېتىپتۇ...ئاز تولا يامغۇرمۇ تامچىپ قويۇپتۇ تېخى
بىر يىل يەنە شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى...كەينىمگە قارىسام نۇرغۇن خاپىلىقلار ئارىسىغا نۇرغۇن خوشاللىقلىرىم يوشۇرۇنغانكەن،دىمەك بۇ بىر يىلىم ئەھمىيەتسىز ئۆتمەپتۇ...ئانام ھەم بالىلىرىم تېنىمىز ساغلام بىر بىرىمزگە ھەمدەم بولۇپ بىرلىكتە ياشاۋېتىپتىمىز...دىمەككىم بەخت دىگەن مۇشۇ..................
بىرلىرى دەپتىكەن ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا دەپ،خاپىلىق ھەم قايغۇلار ئەگىشىپلا يۈرگەندەك قىلغان بىلەن ھەل بولسۇن ياكى ھەل بولمىسۇن ھەممىسىلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن....ئىنسان دىگەن بارىغا شۈكرى قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان نىمىكەن......
بۇ بىر يىلدا چوڭ پىلانلىرىمدىن ئەمەلگە ئاشقانلىرىمۇ بار ئاشمىغانلىرىمۇ بار...تىرىشىۋاتىمەن
بۇرۇنلاردا ياشلىغىم پاشالىغىم دەپ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلماي ياشىغان كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى...ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى...ناھايىتى تېزلا كەتتى...تۇتۇپ تۇتۇپ بولالمىدىم...شۇ گۈزەل ۋاقتىم...........
ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى تۈگەي دىگەندە ھىس قىلغىنىم بولسا بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تەن ساقلىقتىن ئىبارەت ئىكەن...............ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تېنىنى ساق سالامەت قىلغىن!!!!!!!!!!!
تاققا تۇققا ھىسلىرىم...........................