behishbagh يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 09:39 PM
مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن قۇرۇق گەپ بولسىمۇ ...
ئېسىل ھەي ئېسىل پىكىر قىپسىز .
مەن دەيمەن بارغۇ نۇرغۇن پۇپ تىپىپ باي بولۇپ بولغانلارنىڭ ھەممە گىپى تولىمۇ مەنىلك ۋە تولىمۇ توغرا ئاڭلىنىدۇ . گەپنىڭ ئوچۇغىنى دىگەندە بارغۇ كۆپىنچىسنىڭ تارىخىدا يىگىلى بىر دەنىمۇ مومىسى يوق . بىر تىيىىنمۇ پۇلى يوق ھالەتتىن كۆپ تىرىشىىش ئارقىلىق ئاخىرى داڭلىق بار بولغان بايانلارنى كۆپ ئۈچۈرتىمىز . بۇنداق تارىخى يىزىش مودا بوپ قالدى . قىنى شۇ داڭلىق بايلاردەك كاللىسى ئىشلەيدىغان بىراق يىنىدا بىر تىيىن پۇلى يوق كىىشلەردىن بىر نەچچىسى بىلەن باغلىشاي . نوچى بولسا بىزنىڭ رايۇنىمىزغا كىلىپ بىر ئىگىلىك تىكلەپ باي بولۇپ باقسۇنا . ئەگەر شۇنداق قىلىپ 15 يىل ئىچىدە كاتتا زەردار بولالىسا باشقىلار نىمە دىسە دىسۇن يەرگە تۈكۈرسۇن دىم يىتىپ تۈكۈركىنى ئىچەي .
تۈففى ئىگەكىم شۇ ئەپلاتۇنچە پاراڭلىرىغا .
ۋاي مۇشۇ يەردىمىچۇ . داڭلىق ئايال كىنو-ئارتىسلىرنىڭ تارىخىنى ئەينى ۋاقىتتتا ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەرياندا تاماققا ۋە قىممەت ياتاققا تۆلىگىدەك پۇلى يوق كونا بىنالارنىڭ يەر ئاستىدىكى ئىجارىسى تولىمۇ ئەزان دەرىزىسى يوق كىچىك يەر ئاستى ئۆيلەردە يىتىپ دىگەندەك كىيىن داڭلىق چولپانغا ئايلانغان دەپ ماقتاپ تىخى قەدىمى يادىكارلىق سۈپىتىدە بەزىللىرىنى ئىكسكۇرسىچىلەرگە ۋە زىيارەتچىلەرگە كۆرسىتىدىكەن . ئىشقىلىپ مەن بەك دىققەت قىلدىم ئەر كىشىلەرگە قارىغاندا خوتۇن خەقلەر بەك تىز باي بولدىكەن . مەن تۇرغان يەردە بىر خانىم بار ئىدى يىڭى كەلگەندە پۇتىدا ئەزان باھالىق باسنۇشكا . قولىدا سەنشىڭنىڭ بۇرۇنقىسى بىراق چىراي دىسە بار . بەدەن دىسە بار . ئايلىقى 12000 يۈۋەن . باشتا ۋەي بىر مىللەت دەپ بىز بىلەن پوپۇشۇپ بىللە ئۆتكەن بىراق بارا-بارا خەن تونۇشلىرى كۆپىيىپ ئىشقا تولا كەلمەي ئشىتىن توختاتقان . مانا نەچچە ئاي بولا-بولماي بېجىڭنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستىسدە يىللىقى نەچچە مىلىيونغا يىقىن بىر يەرنى رىستۇران قىلىپ ما كۇنى تونۇش ئۇستاملار بولسا تىپىپ بەرگەن بولساڭلار جىنىم ئۇكام ھەدەڭ سىنى ئۇنتۇپ قالمايىتتى مەنمۇ قىلغىنىڭنى قايتۇرىتتىم دەپ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ كەتتى . قارىسام ماشىنسى دىگەن كاتتا . ھىلىقى ئەزان باھالىق باسنۇشكىسى چەتئەلنىڭ داڭلىق ئايىغىغا ئالمىشپ بوپتۇ . چىىچۋالغان ئەتىرىنىڭ پۇرىغى تاس قالىدۇ تەننى بىھۇش قىلغىلى .......بۇرۇن تولىمۇ قاملاشقان بىر ئەر بىلەن تولىم چىرايلىق بىر قىز كەلگەن ئىزدەپ پارىڭىنى ئاڭلىمىدىم ئارلىق يىراق بولغاچ بىراق بەك ئۇزۇن تاكاللاشتى بولغاي . كىيىن تونۇش بىر قىزدىن سورىسام ئۇ ئاداش يولدىشىكەن . چىرايلىق قىز بولسا قىزكەن . كىتىپ ئۆيىمىزنى ئۆي قىلايلى كىيىنلىكىڭنى ئويلاپ قوي دىسە چالۋاقاپ ئۇنماپتىمىش . مۇشۇ يەردە پۇل تىپىپ كاتتا زاردار بولۇپ ئۈرۈمچىگە چامادان-چامادان پۇل سىلىپ بىرىپ دوس-دۈشمەنلىرىگە كۆرسىتىپ قويارمىش ................
ئۈگىنىش دىگەننى مەكتپەنىڭ ئازدە -يورۇق كاردولىرىدا . كۇتۇپخانلىرىدا ، ھىچ بولمسا مېتىرو بىكلەتلىرىنىڭ ئىسىق ۋە تىنىچ زاللىردا قىلسىمۇ ھىچ بىرسى چەكلىمەيدۇ . نىمە دەپ شۇنداق يەرنى ئۆزىگە ئۇۋا قىلىۋالىدۇ .
ھازىرچە شۇلارنىڭ توغرا . خەپ كەلگۈسىدە ئاۋاز سۈزۈش ئۈسكىنىسى كەشىپ قىلغاندا قىنى شۇ ئۈسكىننى شۇ ئەسكى يەر ئاستى ياتاقلارنىڭ تىمىغا قويۇپ بىر ئاڭلاپ باقايلى ۋايجى-ۋايجاندىن باشقا ئاۋاز چىقىدۇ دىسە مەن ئىشەنمەيمەن .
سوقىرات ماندا دەپتكىەن . ئەپلاتون ماندا دەپتكىەن . تاتار ئوغلى ماموقان مۇنداق دەپتكىەن . .گەپنى دىمەك بەك ئاسان .
قىنى شۇ مۇنداق قىلساڭ باي بولىسەن . ئانداق قىسلاڭ باي بولىسەن دىگەن شۇ نوچىلار كىلىپ بىزنىڭ رايۇندىكى ئۆزىنىڭ جەمىيئەتتە يۈزى يوق . ئىشىندى بانكىدا 5000 يۈۋەن پۇلى يوق بىراق ئەڭ ئەقىللىق ئەڭ زىرەك . ئەڭ قاۋۇل ئادەمدىن 100 نى ھۆددىگە ئىلىپ كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە شۇ 100 ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئوننىمۇ ئەمەس 7~6 ئادەمنى مىلىيادىر ئەمەس مىلىيوننۇر قىلىپ باقسۇن مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ شۇ كىشىنىڭ مۇنچىغا كىرسە بەددىننى ئۇۋلاي . كىر-قاتلىرنى يۇياي . ھىلىقى بىر نىمىسنىڭ تۈكىنىمۇ تازشلاپ قوياي بولدى .
مەن تونۇيدىغان بىر ئائىلە بار تۆت ئوغلى بار . ھەممىسى باشلانغۇچنى چالا پۈكۈزۈپ مەكپتەپتىن توختاپ بىرسى بىليارتخاندا تاش تىرىپ جان باقاتتى . بىرسى كوچىلاردا تەلەڭگىدە سەرەڭگە-چاقماق . پايپاق كۆتۈرۈپ دىگەندەك سېتىپ جان باقاتتى . قالغىنى ...بولدىلا نىمە قىلدىغىننى دىمەي . ھازىرچۇ چوڭى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىسلام جەمىيتىدە ئوقۇتقۇچى . يەنە بىرسى دۆلەت شىاتى خادىم . قالغان ئىككىسنىڭ خىزمىتىمۇ شۇنداق ياخشى . ئۇ بالىلارنىڭ ئانىسى تۇل ىوتۇن ئىدى كىيىن بىر تامچى ئۇستام بىلەن توي قىلغان ئۇ كىشى ھازىر چوڭلار مائارىپدا بىر نەچچە ئاي ئوقۇپ رەسمىي شىتاتلىق خىزمتكە چۈشكەن بىراق كونا ئىچى كۆرەلمەس ئوقۇتقۇچىلار تولا كەينىدىن گەپ تىپىپ شۇلارنىڭ دەستىدىن پىنسىگە چىقىپ ئايلىقنى ئىلىپ يۈرىۋاتىدۇ .
يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بار بۇرۇن مەكتەپنىڭ تازلىقىنى قىلىدىغان ۋە مەكپتەنىڭ ئېتىزلىقىنى سۇغۇرۇپ دىگەندەك ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارنى قىلدىغان دېھقان ئىدى شوجاڭ ئايالنىڭ كۆزى بۇ ئاداشقا چۈشۈپ قىلىپ توي قىلغان كىيىن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويۋىدى پۈشتەكنى تازا چىقىرتىپ ئۇششاق سىنىپنىڭ باللىرنى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇياندىن-بۇيانغا يۈگۈرتىپ يۈرگەن ئاخىرى رەسمىيلىشىپ كەتتى .
قانداق بىر زەردار بولسۇن چوقۇم ئۇنىڭ باي بولۇشىغا چوقۇم ئىنتايىن مۇھىم بولغان سىياسيى ئەۋزەللىك . جەمىيئەت تۈزىلمىسى . ئارقا يۆلەنچۈك . مىراس . ....قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەل بولغان ئامىل مۇھىيتىنىڭ بىرسى چوقۇم بارلا بار . قانداق بولسا باي بولغىلى بولىدۇ . سىزمۇ باي بولالايسىز ......دىگەن كىتاپلار رايۇنىمزغا يىڭى كىرگەندە مەيلى قايسى بىر دۇكانغا بىر نەرسە سىېتىۋالغىلى كىرسەم ھەممە دۇكاندارنىڭ ھەممە سۆدىگەرنىڭ قولىدا شۇ كىتاپ . كىتاپ ئوقۇش ياخشى ئىش . بىراق سىياسى تۈزلىمە . ئەۋزەل مۇھىيت بولمسا قانداقمۇ باي بولغىلى بولسۇن . مانا ئۇ كىتپلار ئوقۇلۇپ تاشلىنىپ قالغىلىمۇ بەش-ئالتە يىلدىن ئاشتى شۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىرەر مىلىيوننۇر چىققان بۇرادردىن بىرنى ئۇچۇرتۇپ ياكى كۆڭلۈدىكى سۆز پىروگىراممسىدا كۆرۈپ باقمىدىم . مانداق قىلىپ بەرسەك باي بولمىدىڭلار . قۇتقۇزۇش پۇلى بەرسەك باي بولغىلى ئۇنمىدڭلار . يۆلىسەك يىتىۋالدىڭلار ....گىپىگە قارىتا ئۇنى دىسە بۇنى دەيدۇ . بۇنى دىسە ئۇنى دەيدۇ ئىشقىلىپ گىپى چىرايلىق . ۋاي شۇ ھەممە توك-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ھورىنمىدۇ . تىرىشمايدىغان ئەبگالارمىدۇ دەيمەن .
بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ .
جەمىيئەتتە يۈزى يوق . بانىكدا پۇلى يوق . ھىچ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك تونۇش-بىلىشى ياكى بىرەر يىقىن سودىگەر تونۇشى ...يوق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مىلىادىر كاتتا زەردار باي بولدىغانلار چىقىدۇ دىسە 100000 مىڭدە بىرسى چىقارمىكن بولمسا ئاللاھغا ئامانەت . مۇشۇ مۇخبىر دىگەن كۆتۈرمىشكەشلەر بارغۇ ئازىراقلا پۇل تاپقان بايلارنىڭ تارىخىنى تۇرمۇشىدا مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ-سۆزلىرىنى ئاجايىپ پەدازلاپ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك قىلىپ سۆزلەيدۇ دىسە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 09:24 AM