بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ﷲ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر (4-سۈرە: نىسا 135-ئايەت)
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن) (69-سۈرە ھاققە ، 39، ئايەت )
4) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش. مۇسۇلمان كىشى پەقەت ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
-----ھەدسىلەر
جۇڭگو ئىسلام جەمىيىتى تور بېتىدىن كۆچۈرۈلدى
كۆڭۈل بۆلۈشمۇ مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، بۇ مۇھەببەتنىڭ ساختا مۇھەببەت، قۇرۇق داۋادىن پەرقى بولمايدۇ. -----
مەزمۇن كۆكلەم تورىدىن كۆچۈرۈلدى
دىننى كۆز قارىشىمىز بىلەن ئەمەس قۇرئان ھەدىس بىلەن ، قۇرئان ھەدىسنى ئوقۇپ يادىلاپ ئەمەس چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىشنى ئىستەيمەن . « خۇداسى بار ئىشەنمەيدۇ » بوپ قالسا ياخشى بولمىغىنى .
مەن بۇرۇن ھاياتلىق ئىلمى بىئولوگىيەنى بەك ئوقۇغان شۇڭا ئەلى مالىمنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى باردەپ قارايمەن . كۆز-قاراشنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى مېڭە ھەرخىل ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلەن « سەن قىلالايمەن دېسەڭمۇ قىلالمايمەن دېسەڭمۇ ھەر ئىككىلىسى توغرا you say you can, you say you can't both are rigth » دېگەندەك ، قىلىمەن دېسە چوڭ مېڭە كونتىروللىقىدا پۈتۈن ئەزالار پۇت قول يۈرەك ئۆپكە ئېغىز بۇرۇن كۆز قۇلاق دېگەنلەر تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتۈپ قىلالىش ، قىلالمايمەن دېسە ئۇ ئەزالار ئارام ئېلىش ھالىتىگە ئۆتۈپ قىلالماسلىق قاتارلىقلار
ئەمما لېكىن بىراق پىسخىكا بېرىپ روھ بىلەن چېتىلىدىغان مەسىلە
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن (17-سۈرە ئىسرا 85-ئايەت )
ئىشقىلىپ شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ . پايدىلىق ئىلىم بولسا زايە كەتمەيدۇ