aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 12:14 AM
ئەركىنكامغا ھەۋەس قىلۋاتمەن جۇما ؟ دۇنيانى ئايلىنىش ب ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇكام!
بىز بارغان يەرلەر ئاساسەن ساياھەت ئورۇنلىرى بولغاچقا، ئۇ يەرلەردە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بار ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر باشقىلارنىڭ مىللىتىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. ئەمما، ئۆتكەن يىل بىز 6 جۈپ ئەر-ئايال بىللە سەپەر قىلىپ، بۇ يىل 5 جۈپ ئەر-ئايال شۇنداق قىلدۇق. بىز بىللە پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا، ئالدىمىزنى توسۇپ، «سىلەر قايسى مىللەتتىن؟» دەپ سورايدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتتۇق. پاراخوتتا بولسا ئاياللار ئەتلەس كۆينەك، ئەرلەر كارشىنىۋاي كۆينەك كىيىۋالغاندا، بىزنى پۈتۈن پاراخوتتىكىلەر تونۇپ كەتتى. بىز بەزىدە پاراخوتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئۇسۇل مەيدانىدا ئەرەبچە مۇزىكىلارغا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىدۇق. كۆرگىچىلەر ناھايىتى ھەيران قېلىشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 10:21 AM