[سائەت(2)] سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟
-سائەت تاقايدىغان ۋاقىت كەلدىمۇ؟
-ياق، كەلمىدى.
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
بۇ يەردىكى سائەت ئەقلىي قول سائەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىلي قول سائەت ئىنگىلىزچىدا smartwatch دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئۇيغۇرچىدا ئەقلىي قول سائەت، چىچەن قول سائەت ياكى چىچەن سائەت دىيىش مۇۋاپىق. مەن ئاتاشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن چىچەن سائەت دەپ تۇراي.
چىچەن سائەت ئۇ نۇقۇل سائەت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ تاقالما كومپيۇتېرغا تەۋە. ئۇنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسدا ئىجرا بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىجرا بولىدىغان ئەپلىرى بولىدۇ. كۆپۈنچىلىرى يانفونغا قوشۇمچە ئۈسكۈنە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. سائەت ئىقتىدارىدىن باشقا يانفوندىكى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، تېلېفۇنغا جاۋاب قايتۇرۇش، كالېندار، ھىساپلىغۇچ، ھاۋارايى … قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولىدۇ. چىچەن سائەتلەرگە يەنە گىرىسكوپ، تىزلەتكۈچ، تېرمومېتىر، بارومېتېر، GPS، كامېرا، كومپاس، تومۇر سوقۇشنى سىزىش سىنزورى، مىكرافون، كاناي قاتارلىق سىنزور، ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولىدۇ. كۆكچىش، سىمسىز تور ياكى تىلگىراف تورلىرىنى قوللايدۇ.
چىچەن سائەتلەرنىڭ تارىخىنى سېلىشتۇرساق خېلى ئۇزاق زامانلاردىن سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن. casio باشچىلىقىدىكى ئەنئەنىۋىي سائەت ياساش كارخانىلىرى بۇرۇندىنلا ھىساپلىغۇچىسى بار، ئادرىس دەپتىرى بار، تىزگىنەك قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سائەتلەرنى ياسىغان. ئۇندىن باشقا بەزى شىركەتلەرمۇ ئاندا- ساندا چىچەن سائەتلەرنى ياسىغان. ئەمما ئومۇمىي يۈزلىنىش بولالمىغان.
يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان چىچەن سائەتلەر يامغۇردىن كىيىن ئۈنۈپ چىققان ئىشەك مەدىكىدەك كۆپىيىپ كەتتى. گەرچە ھېچقانداق بىر شىركەت چىچەن سائەتتىن ئالاھىيدە پايدا تېپىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى ئىستىقباللىق بىر كەسىپتە كەينىدە قېلىشنى خالىماي ئۆزلىرىنىڭ «چىچەن سائەت» لىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ چىچەن سائەتلەردىن سونىي شىركىتىنىڭ 2-3 يۈرۈش چىچەن سائەتلىرىنى، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Gear نامىدىكى 3-4 يۈرۈش سائەتلىرىنى، يېڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياساپ بازارغا سالغان كاربون ئىكرانلىق pebble سائەتلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
بىز بىلىمىز تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، يانفون… دېگەندەك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۆلچىمى شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭا بىز بۇلارنى سېتىۋالماقچى بولساق ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى، باھاسى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ مەلۇم ماركا، مەلۇم تىپتىكى مەھسۇلاتنى تاللاپ سېتىۋالىمىز. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ئۆز دائىرسىدە ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت سەپلىمە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.
ئەمما چىچەن سائەتكە كەلسەك بۇ بىر يېڭى مەھسۇلات. چىچەن سائەتتە زادى قانداق ئىقتىدارلار بولىشى كېرەك. ئىنسانلار زادى چىچەن سائەتكە ئىھتىياجلىقمۇ، ئۇنىڭ زادى ئادەملەرنى مەھلىيا قىلىدىغان قانداق تەرىپى بار؟ بۇلار تېخى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ھازىر بازاردىكى مەھسۇلاتلارنى «چىچەن سائەت» نوقتىسىدا تۇرۇپ سېلىشتۇرۇشمۇ بىر مەسىلە.
خوش. ئەمدى مەن نىمىشقا سائەت تاقايدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى دىيىشىمنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
1. مەن داۋاملىق سائەتكە توك قاچىلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. ھازىر مەيلى مىخانىكلىق سائەت بولسۇن ياكى ئېلېكتىرونلۇق سائەت بولسۇن «سائىتىم توختاپ قاپتۇ» دېگەن گەپ بىز ئاڭلىمايدىغان گەپ. كۇۋارتىس سائەتلەرنىڭ توكىمۇ كەمىدە بىر يىل يىتىدۇ. كۈنىگە بىر قېتىم ئاچقۇچ بۇرايدىغان ئىشمۇ يېقىن ھىساپلىغاندا 30 يىل بۇرۇنقى ئىش. ھازىرقى مىخانىكىلىق قول سائەتلەرمۇ ئادەمنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ماڭىدۇ. يەنە بىر قىسىم قوياش ئىنىرگىيەلىك سائەتلەرنىڭ توكى 10 يىللارغىچە تۈگىمەيدۇ. ئەمدى چىچەن سائەت تاقىدىم دەپ يېرىم يىل، بىر ئاي ئەمەس ھەر كۈنى سائەتكە توك قاچىلايمەن دەپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. قولۇمدا سائەت، بىرسى «سائىتىڭىز قانچە بولدى» دىسە، «سائىتىمنىڭ توكى يوق» دىيىشنى تېخىمۇ خالىمايمەن. قاقچىلىك كىلىدىغان سائەتكە ئۆزىدىن يۇغان زەرەتلىگۈچ، بىر غۇلاچ سىم كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىمۇ خالىمايمەن. مانا بۇ مىنىڭ قوسۇغى تويمايدىغان، ئاسما ئۇكۇل ئاسمىسا ماڭمايدىغان سائەتنى ئالماسلىقىمدىكى بىرىنچى سەۋەب.
2. ھازىرقى چىچەن سائەتلەر يانفوننىڭ قوشۇمچە ئۈسكۈنىسى، مۇستەقىل ئۈسكۈنە ئەمەس. چىچەن سائەتنىڭ سىزنى جەلىپ قىلىدىغان ئىقتىدارى ئۇنىڭ سائەت ئىقتىدارى ياكى ئۇنىڭ سائەت بولغانلىقى ئەمەس. ئۇنىڭدىكى ئىقتىدارلار. ئەمما ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلار ياكى مەزمۇنلار سىزنىڭ يانفونىڭىزدىن كىلىدۇ. يېنىڭىزدا يانفون بولمىسا سائىتىڭىزگە ئۇچۇر كەلمەيدۇ، تېلېفونمۇ كەلمەيدۇ. قەدەم سانى، يۈرەك سوقۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ گەرچە سائەتتىكى سىنزور ئارقىلىق ھىساپلانسمۇ ئەمما يىغىلغان ئۇچۇرلار يانفوندا ساقلىنىدۇ. ناۋادا يانفون بولمىسا چىچەن سائەتنىڭ تور ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلىدۇ.
3. ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن. ھازىرقى چىچەن سائەتلەرنى ئاساسەن يانفون كارخانىلىرى ياساۋاتىدۇ. مەسىلەن: سوني، ئالما، ئەلجى، سامسۇڭ قاتارلىقلار. شۇنداقلا بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يانفونلىرىغا باغلاۋاتىدۇ. دېمەك مەن مەلۇم بىر چىچەن سائەتنى ئالسام ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنە شۇلارنىڭ تېلېفۇنىنى ئېلىشىم كېرەك. مەن بۇنداق «ئىشەككە مۈشۈكنى قوشۇپ سات»ىدىغان سودىنىڭ خىرىدارى بولۇشنى خالىمايمەن. مەن يانفون ئالسام مەلۇم ماركا ئىچىدىن ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق يانفونلار ئىچىدىن تاللاپ ئالالىشىم كېرەك.
4. سائەتلەرنىڭ باھاسى قىممەت. ئىشلىتىش دەۋرى قىسقا. مودا يانفونلارنىڭ قانداق يېڭىلىنىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. ئالمىمۇ يىلىغا بىر قېتىم يانفونىنىڭ يېڭى نەشرىنى چىقىرىدۇ. سامسۇڭ بولسا ئالتە ئايدا بىر يېڭىلاۋاتىدۇ. گۇگۇلنىڭ Nexus يۈرۈشلۈك يانفونلىرىمۇ يىلىغا بىر دىگۈدەك چىقىۋاتىدۇ. بەزى سىتاستىكىلاردا ئەقلىي يانفونلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى 8 ئاي بولىۋېتىپتۇ. چىچەن سائەتلەرمۇ مۇشۇنداق نەرسە. سونىي سائىتىنى بىر يىلدا 3 قېتىم يېڭىلاپ بولدى. سامسۇڭمۇ ئۈچ قېتىمدا ئالتە سائەت چىقىرىپ بولدى. ئالمىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بۇنداق پۇرچىقى پىشمىغان سائەت تېخىمۇ شۇنداق. بۇ يىل بىر سائەت ئالسام كىلەر يىلى تېخىمۇ ياخشىراق بىرسىنى ئېلىشىم كېرەك. بولمىسا قۇلۇمدىكى مودىدىن قالىدۇ. ياكى ئىچىگە سۇ كىرىپ كىتىدۇ. ئەمما ئەنئەنىۋىي سائەتلەرنىڭ بىر قەدەر نامى بار ماركىلىقلىرىنى ئالساق 5-10 يىل گەپ يوق تاقىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدا مودىدىن قالىدىغان ئىشمۇ يوق. قىممىتىمۇ ئالدىراپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
5. ئاساسىي ئېقىم بولالمايدۇ. چىچەن سائەتلەر تېخى پەيدا بولۇش، مۇكەممەللىشى باسقۇچىدا. سىرىتقى شەكلى، كۆرۈنىشى مۇقىملاشمىدى. سىرتقى شەكلى ئاساسى ئېقىمدىكى سائەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. MOTO 360 دىگەنگە ئوخشاش ئاز بىر قىسىم سائەتلەر ئادەمگە سائەت تاقىغاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم سائەتلەر ئادەمگە ئويۇنچۇق تاقىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ھەم ئۇنى تويدا كاستىيوم بىلەن، ئېتىز بېشىدا كەتمەن بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تاقىيالىشىڭىز ناتايىن.
6. بەزى ئىقتىدارلىرى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلسىمۇ لىكىن ئۈنۈمسىز. بەلكىم چىچەن سائەتنىڭ قەدىمىڭىزنى ساناپ بىرىشى، سەرپ قىلغان ئىسسىلىق (كالورىيە)ىڭىزنى ھىساپلاپ بىرىشى، يۈرەك سوقۇشىڭىزنى خاتىرلەپ بىرىشى سىزنى قىززىقتۇرىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ ئايدىڭ بولسۇنكى بۇ ئۇچۇرلارنى سىز دوختۇرغا كۆرسىتىپ مەسلەھەت ئالالمايسىز(دوختۇرخانىغا بارسىڭىز يەنە 100 يۈەن تۆلەپ ئېلېكتىرو كارتوگراممىنىڭ مۇزدەك سىمىنى كۆكسىڭىزگە چاپلايسىز). ئۆزىڭىز كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشۈنەلمەيسىز. مەسىلەن سىز يۈرەك سوقۇش ئۇچۇرىڭىزغا قاراپ نىمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلەلمەيسىز. بەلكىم بۇ ئۇچۇرلار كەلگۈسىدە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستېمىلىرى سائىتىڭىزگە ئۇلىنىپ ئاپتۇماتىك مەسلەھەت بىرەلەيدىغان زامانلار كەلگەندە ئاندىن ئۈنىمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دېمەك چىچەن سەئەتلەر ھازىرچە تېخى مۇكەممەللەشمىگەن، ئاساسىي ئېقىمغا كىرمەيدىغان، يېڭىلىنىش دەۋرىيلىكى بىر قەدەر تىز مەھسۇلات.
مىنىڭ بۇلارنى يېزىشىم سىزنىڭ چىچەن سائەت ئېلىش ياكى ئالماسلىق قارارىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىش ئەمەس. پەقەت نۆۋەتتىكى چىچەن سائەتلەرنىڭ قانداقراق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى.
ناۋادا بىر كۈنلەردە مىنىڭ قولۇمدا چىچەن سائەت كۆرۈپ قالساڭلار يازغىنىغا ئەمەل قىلماپتۇ دەپ قالماڭلار. ئۇ مىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالغانلىقىمنى بىلدۈرىشى ناتايىن. ئۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.
1. مەن بىر پىروگراممىر. يېڭى – يېڭى نەرسىلەرگە پىروگرامما تۈزۈشنى ياقتۇرىمەن. بەلكىم چىچەن سائەتكە پروگرامما تۈزۈپ بېقىش ئۈچۈن ئالغان سىناق ئۈسكۈنە بولىشى مۇمكىن.
2. چىچەن سائەت ئالماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرگە مەسلەھەت بىرىش ئۈچۈن ئۆزۈم ئالدىن سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئالغان بولۇشۇم مۇمكىن.
3. بىرەر دوستوم سوۋغا قىلغان بولىشى مۇمكىن. مەن باشقىلارنىڭ بۇنداق ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلالمايمەن. ئەلۋەتتە بىرىلگەن سوۋغاتنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىمەن.
لەتىپە: ئېشەككە مۈشۈكنى قوشۇپ سېتىش
ئەپەندىمنىڭ ئىشىكى يۈتۈپ كىتىپتۇ. نەچچە كۈن ئىزدەپ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم: «ناۋادا ئېشىكىم تېپىلىپ قالسا بىر تەڭگىگە سېتىۋىتىمەن!» دەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشكى ئەتىسىلا تېپىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر «ئەپەندىم، ئەمدى ۋەدىڭىزدە تۇرمىسىڭىز سەت بولىدۇ.» دىيىشىپ ئەپەندىمنى ئېشىكىنى سېتىشقا قىستاپتۇ. ئەپەندىم بازار كۈنى ئېشىكىنى بازارغا ئاپىرىپتۇ. ئېشەكنىڭ بوينىغا بىر مۈشۈكنى باغلاپتۇ ۋە خىرىدار چاقىرىپ دەپتۇ: «ئېشەك ساتىمەن، ئېشەك! ئېشەك بىر تەڭگە، مۈشۈك 99 تەڭگە. ئەمما ئېشەكنى ئالغان ئادەم مۈشۈكنىمۇ بىللە ئېلىشى شەرت!»
ئەسلى مەنبەسى: سارۋان بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 02:39 PM