مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sadiksirdax

ھەسەتخور ھەققىدە ساتىرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 05:43:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت بىر شېئىر بوپتۇغۇ، بۇ!... ھەسەتخورنىڭ ئىچى ئېچىشقۇدەك!.. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!..
ھارمىغايسىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37483
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5744 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 06:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

ياخشىلارنى كۆرگەندە،غۇچۇرلايدۇ چىشلىرى،
تىنىم تاپماي غەيۋەتنى قىلۇر يازۇ-قىشلىرى،
قاۋاشلىرى گۇياكى ئەسمەتخاننىڭ ئىتلىرى،
نەزەر سالساق كارامەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
بىر كىم ئەگەر شان قۇچسا قاچار شۇئان ئۇيقۇسى،
غاجاش، تىللاش بىردىن-بىر ئۇنىڭ تاپقان گۇمپىسى،
ئۆتەر شوڭا غەشلىكتە ھەركۈن،ھەر بىر سوتكىسى،
كۈندە جېدەل-ئاداۋەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئىناقلىقتىن سۆزلەيدۇ،خەقلەر بىلەن ئەپ ئەمەس،
تىلى تاتلىق يۇمشاقتۇر ئەمما دىلى ساپ ئەمەس،
ئادىمىلىك ئەخلاققا قىلىقلىرى باب ئەمەس،
ھەسەت-پىتنە،مالامەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تاپسا ئۈچ-تۆت ئادەمنى بولار ناتىق مەمەدان،
گىپى زەھەر،يۈرىكى خۇددى قارا سىيادان،
سۇخەنچىلىك كەسپىدە ئىزا تارتماي باقار جان،
شۇنچە نۇمۇس ئاھانەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
قاغاپ ئالغا كەتكەننى دەرت قوشىدۇ دەردىگە،
زىيان تارتسا بىراۋلار چۈمەر شاتلىق پەيزىگە،
كۆڭلى تارتىپ يۈگرەيدۇ،ئەسلى ئامراق غەلۋىگە،
ھېچ بولمايدۇ خىجالەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
دايىم پىتنە توقۇيدۇ كىرىۋېلىپ بۇلۇڭغا،
كەتمىنىدە ھەسەتنىڭ ھاڭ كولايدۇ يولۇڭغا،
ياتالمايدۇ تولغۇنۇپ ئامەت قونسا قولۇڭغا،
ئەسكىلىكتىن ئىبارەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تەلەتىدىن مۇز ياغار،ئېغىزىدىن نىجاسەت،
بولۇپ قالدى خۇمارى غەيۋەت ئاتلىق ھاماقەت،
ئۆزۈمنىڭلا راست دەيدۇ،ئەيىپلىسە جامائەت،
پەسكەشلىكتىن بىشارەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
تىللاپ يۈرەر يات تۈگۈل ئۆز جەمەتى-گىنىنى،
ئەتراپتىكى قوشنىدىن خوپ كۆرمەيدۇ بىرىنى،
ۋايساپ نورغۇن كىشىدىن چىشلەپ يۈرەر لىۋىنى،
دايىم غەيۋەت-شىكايەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئۆز ئەجرىدە بېرەرسى قىلسا ئىجات-ئىختىرا،
تەقدىرلەنسە مۇئەللىم،سازچى،دېھقان،سېستىرا،
ئاڭا زەھەر ياغدۇرۇپ تەڭلەر پىچاق-ئۇستىرا،
ئىناقلىققا خىيانەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئۆز ئۈيىدە-يېنىدا تۇرسا پاتمان سەتچىلىك،
بۇ ھالەتتە نە ھاجەت ،خەقتىن ئىزلەپ كەمچىلىك،
تېخى دەيدۇ گېدىيىپ:« قېنى قايسىڭ مەنچىلىك؟››
شىپاسى يوق جاراھەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
خالىي ئەمەس ھېچقاچان جېدەل-نىزا،غەلۋىدىن،
كۇسۇرلايدۇ ھېمىشە بىراۋلارنىڭ كەينىدىن،
گۇمان قىلىپ ئاۋارە،ياخشى-يامان ھەممىدىن،
ئەمىنلىككە شۇم ئاپەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
ئەل-جامائەت ئېيىپلاپ دەۋەرگەندە؛« پېتىمسىز››،
«تۈزەلدىم››دەپ غە كۈلۈپ كىتىشلىرى تېتىقسىز،
تۇغما مېجاز نەدىمۇ ئۆزگەرگەن بار مۇنچە تېز؟
يەنە دىسەك شۇ ھالەت ناچاروپنىڭ ئىشلىرى.
***
كولىغىچە بىھۇدە ئۆزگىلەرنىڭ ھۇلىنى،
ئوقەت قىلسا بولمامدۇ،ئىشقا سېلىپ قۇلىنى،
تۈزەتمىسە ئەگەردە ماڭغان ئەگرى يۇلىنى،
ئۆز-ئۈزىگە پالاكەت،ناچاروپنىڭ ئىشلىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2961
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16876
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 06:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخور ئاللانىڭ مەرتلىكىگىمۇ ھەسەت قىلغۇدەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 10:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخورلارنى ئۆلتۈرگىدەك يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ بۇ ساتىرانى .

ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 10:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkani يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 06:42 PM
ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى ...

‹‹ ناچارۇپنىڭ ئىشلىرى ›› نى ياخشى يېزىپسىز .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110664
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-10-16
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 01:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ناچارۇپنىڭ ئىشلىرى ››
ياخشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن . ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي غا  ئاپىرىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 02:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھام دىگەن سىزنىلا ئەگىپ يۈرەمدىغاندۇ؟   ياخشى چىقىپتۇ.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkani يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 06:42 PM
ناچاروپنىڭ ئىشلىرى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى ...

ھەر مىسرايىڭىزدا ئۆزگىچە مەنا،   ئۇتۇقلار يار بولسۇن ھەققانى بۇرادەر........

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110934
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 04:32:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەتخور ناملىق ساتىرا بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئاپىرىن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش