چىللىغان خورازنىڭ پوكىنىدا قان
نۇر مۇھەممەد شۈكران
ياماننىڭ دوستلىرى ھەر يەردە يامان،
زەھەرنى تېلىدا ئوينايدۇ يىلان.
ياخشىنىڭ بېغىدا سايرايدۇ بولبۇل،
ھەسەلنىڭ خۇرىچى گۈل-چېمەن ھامان.
تاغلارغا باش قويۇپ ئۇخلايدۇ زېمىن،
دەريالار قىرغاقنى ئاقىدۇ يالاپ.
تۆمۈرمۇ ئۆزىگە ياغاچ ساپ تىقار،
كۆچۈكمۇ چوڭ بولۇر ئانىسىنى تالاپ.
قوياشقا ئەڭ يېقىن چوققىدىدۇر قار،
بىر ئوتنىڭ ئىچىدە مۇزلايدۇ بەدەن.
بىر تال ئوق دۇنيانى قىلىدۇ گۇمراخ،
بىر تال ئوق ئۇچىدا ياشنايدۇ ۋەتەن!
غالىپلىق مېھنەتسىز بولمايدۇ ئاپىر،
چىللىغان خورازنىڭ پوكىنىدا قان.
ئايالنىڭ چېچىغا باغلانغان ئەركەك،
پىچاقنى غىلاپتىن سۇغىرار شۇئان.
قۇياشنىڭ تەپتىدە قانايدۇ ئۇپۇق،
كۆكلەمنىڭ باغرىدا يېرىلىدۇ قۇش.
قانلارنىڭ ھىدىگە چۆمۈلمەي تۇرۇپ،
زېمىستان قوينىدا ھوۋلىماس ھوقۇش.
پۇراقلىق گۈلنىڭ بولغىنىدەك تېكىنى،
بىر ياخشى بەندىگە جۈپلەنگەن يامان.
دۈشمەنمۇ يىراقتا ئەمەس يېقىندا،
شامالدا سورۇلۇپ ئايرىلار سامان.
بۇلۇتسىز ئاسماندىن تۆكۈلمەس يامغۇر،
غېرىپقا غېرىپلىق بولۇر باشپاناھ.
خۇشپۇراق باغلاردا گۈللەر ئېچىلغان،
كېپىنەك، ھەرىلەر...كېلىدۇ يانا.
شەيئىنىڭ تۈزىلىشى زەپمۇ مورەككەپ،
بوز يەرنىڭ باغرىنى يىرتىدۇ ساپان.
بىر كالىنىڭ پوقىدا ئەڭ ئاخىرقى دان،
بىر تال شۇ داندىنمۇ كۆكلەيدۇ جاھان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 07:24 PM