مەن « ‹ئا› ھەرپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر» دىن مۇنبەرگە يوللانغانلىرىنى توپلاپ، مۇنبەردە قايتا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلار بۇنىڭ ئەھمىيەتلىك تىما بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بەزى ماقال-تەمسىللەرنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ۋە بەزى قوشاقلارنىڭمۇ ماقال-تەمسىل قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. بۇنىڭغا مەن تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
1-تورداشلار كۆپلىگەن ماقال-تەمسىللەرنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى ماقال-تەمسىل بولىدۇ، دەپ قارىغان جۈملىلەرنىمۇ ئىنكاسقا يوللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەن ماقال-تەمسىلگە كىرمەيدىغانلىرىمۇ بولۇشى مومكىن. مەن مۇشۇ خىل ماقال-تەمسىللەرنى يوللىغان تورداشلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەمدە بولارنىڭ ماقال-تەمسىل بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تورداشلار ئۆزلىرى ئايرىپ چىقسۇن دىگەن مەقسەتتە ، بۇ خىل ماقال-تەمسىللەرنى ئەينەن كۆچۈرۈپ توپلاپ يوللاپ قويغان ئىدىم.
2-تورداشلار ئىنكاسقا يازغان، مەن توپلاپ يوللىغان ماقال-تەمسىللەر ئىچىدە ھەقىقەتەن بەزىبىر شىئېر-قوشاقلارمۇ بار. بۇ شىئېر-قوشاقلاردا ماقال-تەمسىل پورىقى كۈچلۈك، شىئېرىي پىكىر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، مەزمۇنلۇق ۋە ئوبرازلىق بىر كۇبلىت شىئېر (قوشاق) ھاسىل بولغان دەپ قاراپ، ئۇنى چىقىرىۋەتمىدىم. پەقەت ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان ئايرىم ماقال-تەمسىللەرنىلا چىقىرىۋەتتىم.
3-مەرھۇم پېشقەدەم شائېرىمىز مەھەممەت رېھىم توپلاپ چىقىپ، 1979-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق كىتابنى ئوزاقتىن بۇيان ساقلاپ كىلىۋاتاتتىم. ئۆزۈم مۇنبەرگە يوللىغان ماقال-تەمسىللەر ئاساسەن دىگىدەك مۇشۇ كىتابتىن ئېلىنغان، بەزى تورداشلار «توغرا بولماي قاپتۇ» دەپ قارىغان ماقال-تەمسىللەرمۇ مۇشۇ كىتابتىن ئېلىنغان.
4-« ‹ئا› ھەرپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالغىنى يوق، ئايرىلىپ قالغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. قالغانلىرىنى يوللاش-يوللىماسلىقنى كېيىنگە قالدۇردۇم.
ئاخىرىدا «ماقال-تەمسىل ئېيتىشىشتىن خۇلاسە » ناملىق تىمامنى باھالىغان تورداش qaxmazulal غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.