Ay.sadap يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:55 AM
پىرىماتلار -گورىللا، مايمۇن، شىمپەنزە ۋە ئادەمنىمۇ ئۆ ...
كەچۈرۈڭ، بۇ سوئالىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب بەرمەي قاپتىمەن. پىرىماتلار سىز چۈشەنگەندەك ئومۇرتقىلىق ھايۋان دېگەندەك مەنىدە ئەمەس. بۇ ئۇقۇملارنى مەن سىزگە تۆۋەندە تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قوياي:
ئومۇرتقىلىق ھايۋان ۋە پىرىماتلار دېگەن سۆزلەر ھايۋاناتلارنى كىلاسسىغىكيەلەش (ياكى تۈرگە بۆلۈش) نى تەتقىق قىلىدىغان تاكسونومىيە (تۈرگە بۆلۈش ئىلىمى) پېنىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلاردىن. بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى باشقا-باشقا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىرى يەنە بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ھايۋاناتلارنى تۈرگە ئايرىشتا بىز بىز چوڭ جەھەتتىن ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار دېگەن تۈرلەرگە بۆلىمىز. ئەمما چوڭىدىن كىچىكىگە قاراپ بۆلسەك بۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي بۆلۈشكە توغرا كىلىدۇ: دۇنيا، تىپ، سىنىپ، ئەترەت، ئۇرۇقداش، ئائىلە، تۈر.
مەسىلەن ئىنساننى مۇشۇ بويىچە تەپسىلىي تۈرگە ئايرىساق كاتىگورىيىسىنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگە قاراپ مۇنداق ئايرىيمىز:
ئادەم ھايۋانلار دۇنياسى، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تىپى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى، پىرىماتلار ئەترىتى، ئىنسانسىمانلار ئۇرۇقدىشى، ئىنسانلار ئائىلىسى، ئىنسان تۈرىگە تەۋە.
دېمەك، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار بېلىق سىنىپى، قوش ماكانلىق ھايۋانلار سىنىپى، بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار سىنىپى، قۇشلار سىنىپى ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپىدىن ئىبارەت بەش سىنىپقا تەۋە بارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمدى پىرىماتلار دېگىنىمىز ئومۇرتقىلىق ھايۋاناتلارغا تەۋە بولغان بەش سىنىپ ئىچىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپىدىكى مايمۇنسىمانلارنى كۆرسىتىدۇ. پىرىماتلار (ياكى مايمۇنسىمانلار) دېگەن ئىسىم بىر ئەترەتنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ بارلىق مايمۇن قاتارىغا كىرىدىغان ھايۋانلار ۋە ئىنساننى كۆرسىتىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار خىلى بەكلا چوڭ ئىسىم بولۇپ، پىرىماتلار ۋە باشقا مىڭلىغان ھايۋانات تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 08:45 AM