sanhumar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:15 PM
بۇيەدىكى ھەۋەس بىلەن سىز دىگەن ھەۋەس ئوخشىمايسدۇ
مەن تۇڭگانلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى كۆپ كۆرگەن ۋە ئۇلار بىلەن كۆپ ئۇچراشقانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردىكى 私欲 نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ماس كىلىدىغان توغرا مەنىسىنى دەپ بىرىۋاتىمەن. بۇنى ھەۋەس دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا ئەمەس. 私欲 دىگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەنزۇچە ھەدىس تەرجىمىسى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرساق ياكى ئەسلى ئەرەب تىلىدىكى ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلسىڭىزمۇ بۇ سۆزنىڭ نەپىس، يەنى ئىنساننىڭ نەپسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
شۇڭا بۇ يەردە بۇ سۆزنى ھەۋەس دەپ تەرجىمە قىلىش ئەسلى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىپلا قالماستىن، پۈتۈن ھەدىس مەزمۇنى ۋە ۋەزنى ۋە پاساھىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
مەن تىما ئىگىسىنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەس، بەلكى مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكى دىگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرماقچى.