Abdul يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 01:30 PM
ئىنكاسىڭىز تولىمۇ ساددا بالىلارچە يېزىلىپتۇ .
بازارغ ...
پىكرىڭىزغۇ توغرا لىكىن . مەن مۇنداق تۆۋەندىكىدەك ئويلاپ قاپتىمەن .
بىر مىلىيونلۇق ماشىنىمۇ بازارغا بارالايدۇ . 1000 يۈۋەنلىك ئىشەكمۇ بازارغا بارالايدۇ . بۇنى بىلىمەن ئەلۋەتتە . ھەم ھەر ئىككىسىنىڭ يولۇچىغا بىرىدىغان تەسىرنىمۇ بىلىمەن ئەلۋەتتە . بىراق بىر مىلىويۇنلۇق ماشىنىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا قىلچىمۇ ئىشلەتمەي . ھويلىدا توختۇپ قويۇپ بۇ دىگەن بىر مىلىيونلۇق ماشىنا . ياپۇنيەدە ئىشلەنگەن . خوتى ئاپتىماتىك خوت . دۇنياۋى ئېلغارلىقتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھاۋا تەڭشگۈچ. ئورۇن بەلگۈلەش سېستىمىش سەپلەنگەن . سائىتىگە 220 كىلومىترلىك سۈرئەتكە يىتىش ئۈچۈن 4.5 سېكۇنۇت ۋاقىت كۇپايە دەپ ھەر كۈنى ماختاپ قويۇپ . چاقىغا تىلىنى تەككۈزۈپ بىر پارچە. ئىشكىگە يۆلۈنۈپ بىر پارچە . رولدا ئولتۇرۇپ بىر پارچە .....رەسىمگە چۈشۈپ قويۇپ . مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ھوزۇرى بۇنى ئېژدىمائى تۇمۇشىمىزا ئىشلىتىشدىن ئالغان ھوزۇردىن ئىشلەتمەي مۇشۇنداق توختۇتۇپ قويغاننىڭ ھوزۇرى ئارتۇق دىسە مۇشۇمۇ ئەقىلگە سىغامدۇ .
ئىسمى بىلەيزۈك بولغانكەن . ئۇنى زىيادە نامراتلار سېتىۋىلىپ سالالمىسۇن مەيلى . بىراق ھىچ بولمىغاندا نورمال زەردار باي قىز-ئاياللار سېتىۋىلىپ ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى . تەننازلىقىنى .جەزبىدارلىقىنى .....نامايەن قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ياساپ ماختىسا ئاندىن بۇنىڭ يولى باشقىچە . 20 نەچچە مىلىيون پۇل قانچىلىك پۇل دىمىسەممۇ مەندىن ياخشى بىلىسىز . بۇنچە قىممەت نەرسىنى ھەر قانچە ماختىسمۇ ماختىغان تىل قوش تىللىق بولۇپ قالمايدۇ . كۆرگەنگە يا مەلۇم كۆز كىسەللىرىگە پايدە قىلمىسا ھوزۇرى باشقىچە . ئاھ ! پاھ ! دىيىش مەنچە بىر ئەخمەقلىق .
بىرەر گۈزەل-سەنئەت ئەسسرى بولسىكەن ماقۇل . پات-پات قاراپ قويسا ئادەمنىڭ تەپەككۇرۇنى قاناتلاندۇرۇپ گۈزەل تۇيغۇلارغا باشلاپ ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ..... گۈزەل-سەنئەت ئەسسرىنى مىھان-سارايلارغا ئىسىپ قويسا ئالتۇن-ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىدۇ، لىكىن ئاشۇ 20 نەچچە مىلىيونلۇق قاشتېشى بىلەيزۈكنى تامغا ئىسىپ قويسا مىتىرى 10 يۈۋەنلىك گۈللۈك رەختچىلىك يارىشامدۇ ؟
ياكى بىرەر داڭلىق خەيرى-ساخاۋەتچى كىشىنىڭ قۇرۇت يەپ چۈشۈپ كەتكەن چىشى ياكى بىرەر بولسىكەن ...
ھىچ بولمىغىندا ئەنگىليە پادىشاھى ئېلزابىتنىڭ ھىلىقى قىممىتى نەچچە مىلىيونلۇق كالتە ئىشتىنىغا ئوخشاش ھەي ئەينى ۋاقتىدا مۇشۇ ئېلزابىت سىكىلەڭ چاچنىڭ كەينىدىن قاراپ كۆزىمىز يەتمەيىتتى . مانا ھىچ بولمغىدا شۇ كاساپەتنىڭ ھىدى سىگەن كىيمىگە بولسىمۇ ئىرىشتىم دىگەندەك كىچىكىنە تەسىراتلارنى تەسىر بىرەلەيدىغان ئېلزابىتقا ئوخشاش ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغىلغىان كۈلكىسنى كۈلگەن . ئەلگە زۇلۇم سالغانلارغا قارشى جىننى پىدا قىلالىغان ...دەك بىرەر كاتتا كىشىنىڭ كۆينەك چاپىنى . سىسىق ئىشتان-پايپاقلىرى بولسىكەن ....
ھىچ بولمىغندا ئەينى ۋاقتىدا بېيجىڭغا كەلگەن قۇربان تولۇم ئاكىمىزنىڭ سەپەردە مىنىپ كەلگەن ئىشىگىنىڭ گوتو-سۆڭەكلىرى ياكى توقۇم . ئۇچۇلۇقلىرى بولسىكەن ..... بۇنىڭ يولى باشقا .
بەزى نەرسىلەر بار بىرەر ئۇلۇغلار سۈفلەپ قويغان . بىرەر خانىش سۆيۈپ قويغان . بىرەر دۆلەت ئەربابى قولنى كۆتۈرۈپ قارشى ئىلىپ قويغان .بىرەر شاھزادە تەبەسسۇم قىلىپ قويغان. دۈشمەنلەر قىيناق جەرياندا تۈكۈرۈپ قويغان .....شۇنداق كۆرۈمسىز ئىنسانلار بار شۇ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىسىڭ قىممىتى مۇشۇ بىلەيزۈكتىن نەچچە ھەسسە كىشىگە باشقىچە ھۆزۈر بىرىدىغان .............