mehriya يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 12:49 PM
شۇنداق ئىشلارمۇ بار دەپمۇ ئاڭلىدىم . شۇڭا بېشىم قېتىپ ...
مۇشۇ خاتۇن خەق دىگەن كىچىككىنە ھەيرانلىقنى كۆرسە ھاياجانلىنىپ كىتىدىغان مىجەزىنى زە قانداق قىلساق بولاركىن تاڭ
شۇنچە پۇل تاپقان ئادەم ئۆز رايۇنىڭىزدا ئۇستام چىقمىغاندەك مىڭ نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقلىقتىن ئۇستا چاقىرماقچىمۇ ئەمدى . بولسا ئۆز رايۇنىڭزىدىن تىپىڭ ئۇستامنى . كىينكى ئىشلاردىن چاتاق چىقسا كەچىلىرى خىزمەتتىن چۈشۈپ ئاتۇشقا ئۇزۇن يوللۇق تېلېلىفۇن قىلشىتىن زىرىكمىسڭىز ياكى بولمىسا ئايرىپورىتنىڭ يولۇچى مىھانلارنى تەكشۈرەيدىغانلارنىڭ ئالىدا خۇددى بىراۋغا قەرىزدار بولۇپ ئادەمدەك بىچارلەرچە ۋە سۇغا سەكرەيدىغان تەنھەركەتچىسىدەك يالىڭاچ قىلىپ قويۇپ تەكشۈرشىدىن ۋە ياكى ھەر بىر ئۆتەڭدە كىملىك . ئىچىملىك .سۈدۈك .سومكا ...تەكشۈرەيمىز دەپ ئاۋارە بولۇشتىن ئەنىسرمىسڭىز ئۇستامنى يىراق-يىراقلاردىن چاقىرتىپ ئۆي بىزىتىڭ .
مەن دەيمەن . بولسا يولدىشڭىز بىلەن بىللە ئۆي بىزەكچىلىك ماتىرياللرى ساتىدىغان دۇكانلارغا بىرىپ شۇ يەردىن سۈرۈشتە قىلسىڭىز مەخسۇس ئىشەنچىلىك زاۋۇتلارنىڭ سۈپۈتى ئىشەنچىلىك ماتىرياللارى بار ، بىر نەچچە دۇكانغا كىرىپ باھاسىنى سوراپ بىقىڭلار كۆڭلۇڭلەردە مۇئەييەن سان بولىدۇ . ئۆزىڭلار دىتلاپ ئۇستىكارنى چاقىرتسىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بىزەپ بىرىدۇ . ئۆيىڭىزنى كەم بولغاندا ماتىريال ۋە ئىش ھەققى بولۇپ 50000ـ40000 يۈۋەننىڭ بىشىغا سۇ قۇيۇپ بىزەيدىغان ئىشقا ئىشقلىپ قولنى يۈرەككە قايتا-قايتا سىلىپ يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىدىغان ئىشنى قىلىڭ .
تېما ئىگىسىنى ئانداق-مۇنداق دىگىنىم ياكى ئىستىلىدا مەسىلە بار دىگىنىم ئەمەس . ئىكمان بار مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆز رايۇندىكى ئۇستىكارلارغا قىلدۇرغان ياخشى . ۋاقىتى بىزەتكەن ئۆينى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئالىمادىس بوۋىقىڭىز جىش ئىتىپ قويسا ۋە ياكى ئەخلەت چىلىكىگە تۈكۈرگىلى ئۈلگۈرمەي پولغا تۈكۈرۈپ تازلاشقا ئۈلگۈرمەي خىزمەتكە كىتىپ كەچلىگى كەلسىڭىز ھىلىقى بوۋىقىڭىز جىش ئەتكەن يەر بىلەن تۈكۈركىڭىز تەككەن يەرنىڭ پول تاختىيى پاختىلشىپ تىۋىتى ئۆرلەپ چىققان . تاماق ئەتكەندە ئىس تارتقۇدىن قىچىپ چىققان ئاققۇن ھورلار تامنىڭ تورۇسنىڭ ۋە تامنىڭ يۈزدىكى بىزەككە تەگسە ئاي ئۆتمەي تورۇسنىڭ ۋە تامنىڭ يۈزدىكى بىزەك نەچچە يىل سۇ كۆرمىگەن تەكلىماكاننىڭ تۇپرىقىدەك يىرىلىپ ئىسىمىنى بىلگىلى بولمايدىغان نامەلۇم دۆلەتلەرنىڭ يىزىقسىز خەرىتىسى ھاسىل بولۇپ قالىدۇ . بىزنىڭ تونۇشلار سىزدەك ماشتاق يىقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام دەپ ئالاھىتەن تەكلىپ ئىتىپ ئۆي بىزەتكەن . ئۇ تەكلىپ قىلىنغانلارمۇ ئاسماندىن چۈشمەپتۇ شۇ شىجاڭدا بار ئادەملەركەنتۇق . ئۆينى بىزەپ تاپشۇرۇپ بىرىپ كەتكەندىن كىيىنكى نەچچە ئايدىن كىيىن ئۆيلەرنىڭ بىزەكلىرى پورلىشىپ . ئاستىدىن قىل قاپتۇ توبانىڭ چۇچىللىرىدىن يۇقتۇرۋالغان نەم بىلەن ساختا پول تاختايلارنىڭ ياغاچ توپىسىدىن مۇخ ۋە موگو ئۈنۈپ چىققىلى . تولا تېلېفۇن قىلىپ . تولا ئىزدەپ بىرىپ ئاخىرى تاشلاپ قويدى . بىر كۈنى داتلاپ ۋە تەسەللى ئىزدەپ ماڭا تېلېفۇن قىپتۇ . نىمە دەيمەن ئەمدى . ئارتۇق گەپ قىلماي ھىلىقى پول تاختاي يۈزىدە ئۇنۇپ چىققان موگونى دەسسەپ سالماي ئاز-تولا پەرۋىش قىلىپ قويۇڭلار يەنە بىرە-ئىككى ئايدىن كىيىن جۇت سوغۇق كىلىدۇ . شۇ سۇغۇقتا ئۇ موەو بىلەن مۇخلاردىن خوگو قاينىتىپ ئۆي بىزىتىش سەۋەپلىك زىيان بولغان پۇلنىڭ ئاچچىغىنى شۇ خوگودا بىسىڭلار ئەمدى دەپ قويدۇم .
بەزىلەر قانۇن بار دەيدىكەن .ئەلۋەتتە قانۇن بار . بىراق قانۇن بار قانۇن قوغدايدۇ دىگەن بىلەن شۇ ھەر كۈنى قانۇنگۈلنىڭ ئالدىغا باردىغانغا ئىشى يوق بىكارلىق ئادەم بولسا ئۆيدە . زىرىكمەي-تىرىكمەي ئەزىر قىلىپ ئاقتۇرسا بولدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ بىر ئىشنى بىر باشقا ئىلىپ چىقىشقا مۇنداقلا تىرىشىپ باقىمىز باشقا ئىلىپ چىقالىساق چىقتۇق .ئىلىپ چىقالمىساق ئا مەيلىيا .نىمە قوغلۇق ...دەپلا ئۆز كۆڭلىمىزنى ئۆزىمىز ياساپ بەش مولۇق شىمىشكە ئىلىپ قوساق كۆپىكىمىزنى شۇ شىمىشكىنىڭ شوپۈگى تۈكۈرۈپ قوساقىمىزنى بوشىتىدىغان ئادىتىمىز بار . يا مۇشۇ ئىشىمنى قىلىپ بىرىڭلار دەپ پويىز ئىستانسىىدىن ياكى پىنسىيەگە چىقىپ قىلغىلى ئىش يوق باغچىلاردا ماجاڭ ئويناۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ يەرلىرىگە قاراپ كۈنىنى ئۆتكۈزۋاتقان بىكار تەلەپلەردىن بىرەنى ماۋۇ ئۆي بىزەشتە ئالدامچىلىققا ئۇچۇردۇم .قانۇنغا ئۆزۈم ماڭاي دىسەم خىزمەتتىن بوشىنالمايدىكەنمەن مىنىڭ ئورنۇمدا سىللەر قىلىپ بىرەمسىلەر دەپ يا ياللىغىلى بولمىغان بۇنداق ئىشلارغا .
بولسا ئۆي بىزەتكەندە ئۇلارغا سىز ئەمەس . بەلىك سىز ئۇلاردىن زاكالەت پۇلى ئىلۋىلىڭ . مانچە كۈندە ياكى ئايدا ئۆينى تولۇق بىزەپ قولۇمغا بىرىسڭىز دەپ . ماتىرياللارنى ئۆزىڭىز ئىلىپ بىرىپ ئىشىپ قالغىننى يانۇدۇرپ بەرسىڭىز بۇۇرنقى سىز سېىتىۋالغان باھادا دۇكاندار ئۆزى ئىلىۋالىدۇ .( پۇتننى ئالىدۇ . پارچىسىنى بەدىڭ قىلىپ ئىشلىتىسىز مانداق ەەپمۇ بار مەۋەدە )