مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: musilina

مېنىڭ داداممۇ شۇنداق دادا ئىدى...! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 01:24:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داۋامى يوللاندى



ئالتە پەرزەنتنىڭ ئىچىدە يالغۇز بىر قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن دادام ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى،گەرچە ئىككى بالىغا ئانا بولۇپ قالغان بولساممۇ،يەنە مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ كېتىدۇ،بۇ قېتىم   ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا شۇ جاپاكەش دادام قارا قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا ‹‹بۇ سوغۇقتا جاپا تارتىپ  تاماق ئەكەلمەڭ...››دەپ تۇرسام ،نەچچە كۈندە بىر تاماق توشۇپ تۇردى،تاماق بىلەن قوشۇپ يېگىنىم مىننەتدارلىق،خىجىللىق يېشى بولدى.ئوپراتسىيە  قىلدۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئاي چامىسىدا چوڭ ئۆيدا ياتتىم،بۇ جەرياندا دادامنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىنى تېخىمۇ بەكراق چۈشەندىم،بىچارە دادامغا بەزى كۈنلىرى كۈندۈزى بىرەر سائەت ئۇخلىۋالغۇدەكمۇ پۇرسەت يوق  ماڭغىنى ماڭغانكەن،بىر كۈنى بىر نەۋرە قىزىپ قېلىۋاتقان،بىر كۈنى بىر نەۋرىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىۋاتقان،بىر كۈنى بىر ئىش ،يەنە بىر كۈنى بىر ئىش.ئۆيۈمگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆيدە تاماق ئېتەلمىگەچكە، شۇ مېھرى ئاتەش دادام ‹‹ئەكەلمەڭ...››دېگىنىمگە قويماي،چوڭ ئۆيدىن  تەييار خېمىر،چۆپ ...دېگەندەكلەرنى توشۇپ تۇردى.
قايسى كۈنى مۇنبەر كۆرۈپ ،ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ  ‹‹ئۇلار شۇنداق  ئاتىلار ئىدى ››دېگەن ناخشىسىنى قويۇپ قالدىم،ناخشىنىڭ جۇشقۇن مىلودىيەسى،تېكىست مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى قەلبىمنى يەنە بىر قېتىم لەرزگە سالدى،ناخشىنى يېنىش –يېنىشلاپ ئاڭلىدىم.ھەر بىر ئاڭلىغاندا مېھرىبان،جاپاكەش دادامنىڭ مۈكچەيگەن سىيماسى كۆز ئالدىمغا كېلىپ،بوغۇزۇمغا ئاچچىق يىغا ياماشتى.
ئىزدەش تورىدىن ‹‹ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى››دېگەن ناخشىنى تېپىپ ،ناخشا تېكىستىنى قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقتىم.




ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى


ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئابدۇللا


ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.



ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.



دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
كۆردى نى-نى دەردۇ- بالالار.
ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،
كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.



نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.



تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.



بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.


      ٭٭ ٭٭ ٭٭


يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.



توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.



مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا.



سايىلەردە ئانام ئەللىيى،
مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقۇدا.
خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،
شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.



چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.



مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.



مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت.



داۋامى بار.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 01:28 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 01:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ شىئىرنى بۇرۇنمۇ ئوقىغان   لىكىن ھىچقاچان بۇگۈنكىدەك يەسىر قىلمىغانتى رەھمەت سىزگە

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 02:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتىن خۇرۇچ ئېلىنغان ئەسەر مانا مۇشۇنداق يېقىشلىق ، تەبئىي تەسىرلىك چىقىدۇ ...
بەكمۇ ياخىشى چىقىپتۇ

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5801
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 03:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش دىگەن ئەنە شۇنداق....بەكلا ياخشى چىقىۋاتىدۇ،داۋامىغا تەشنابىز....

مېنىڭ دادام كىچىكىمدە تۈگەپ كەتكەن،بەزىدە ئولتۇرۇپ ئويلاپ كېتىمەن  دادام بولغان بولسا ئۇنى قىلىپ بېرەر ئىدىم دادام بولغان بولسا بۇنى قىلىپ بېرەر ئىدىم دەپ.............
لېكىن ياندا بار ئانامغا تېخى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ بولالمىدىم...................
تىرىشىۋاتىمەن.....................................................................................

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95492
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 04:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ئېرىڭىز يوقما ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالغىلى؟

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  يوللاندى



دادام،قەددى تاغلارغا تەڭداش،مېھرى ئاتەش ،كۆيۈمچان دادام ئۇنچە داڭدار،نامى چىققان شەخسمۇ ئەمەس،ئۇ  بىز ئالتە پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان،ھەر بىر ئىشلىرىدا بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۈلگە بولغان،  بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان،مائارىپ سېپىدە  ھەم ئەل –جامائەت ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئالتە پەرزەنت ئىچىدە تۆت پەرزەنتنى مائارىپ سېپىدىكى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلگەن ئەنە شۇنداق ئاددىي ھەم ئۇلۇغ دادا.
ئېسىمنى بىلسەم دادام بىز ھەرقانچە كەپسىزلىك قىلساقمۇ ئۇرۇپ –تىللاپ باققىنىنى ئۇقمايمەن،پەقەت بىزگە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق قايىل قىلارلىق تەربىيەلەرنى قىلاتتى،دادام كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى،بىكار بولسىلا قولىدىن كىتاب چۈشۈرمەيتتى،ھازىرمۇ ئاتمىشتىن ئاشقان بىلەن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تېخىچە تاشلىغىنى يوق،ۋاقتى بولسىلا كىتابخانىدىن ھەر خىل كىتابلارنى سېتىۋالىدۇ،دادامنىڭ شۇ كىتابخۇمارلىقى بىزگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كېرەك،بىزمۇ ۋاقتىمىز چىقسىلا.بىر-بىرىمىزدە يوق كىتابلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيمىز،كىتابنى كۆپ ئوقۇغانلىقىنىڭ تەسىرىمۇ دادامنىڭ سۆز بايلىقى بەك مول،ئىنتايىن  ئىدىتلىق پىكىر قىلىدۇ،ئۆتكەن يىلى ھەرقايسى مەكتەپلەر  ‹‹ مەكتەپ تەزكىرىسى››يازىدىغان ئىش بولۇپ،دادام باشلىق بىرقانچە پېنسىيەگە چىققانلار ‹‹مەكتەپ تەزكىرىسى››يېزىشىپ بەردى،بۇ ئىشقا دادام بەكراق كۈچ چىقارغاچقا،مەكتەپ مۇدىرى دادامدىن بەكمۇ رازى بولدى.
دادام بەك ئالدىن كۆرەر،  قايسىبىرىمىز بىرەر مەسىلىگە يولۇقساق دادامغا مەسلەھەت سالىمىز،دادام ئەتراپلىق،قايىل قىلارلىق يول كۆرسىتىدۇ،دادام يول كۆرسەتكەن ئىشتىن ھازىرغىچە چاتاق چىقىپ باققىنىنى ئۇقمايمەن.مەن مۇشۇنداق بىر دادام بولغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن،‹‹ئاغرىماي-ئاغرىماي بىرلا يېتىپ قېلىپ، ھەممىمىزنى داغۇ –ھەسرەتتە قويارمۇ؟›› دەپ بەزىدە دادامدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.ياراتقۇچى ئىگەم اللاھتىن دادامغا ئۇزۇن ئۆمۈر،تېنىگە سالامەتلىك تىلەشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقارمايمەن.
دادام ‹‹ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى››دېگەن شېئىردا ئېيتىلغاندەك جەڭلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان بولسىمۇ،بىراق تۇرمۇش دوقاللىرىدا مۈدۈرۈپ يۈرۈپ توغرا يول تاپقان ۋە شۇ توغرا يولى ئارقىلىق بىزگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقان ،ۋىجدانلىق،مەسئۇلىيەتچان،غورۇرلۇق  ھەم سۆيۈملۈك دادا،دادام بىزگە يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق ماياك،بىزنىڭ يولباشچىمىز،بىز ئالتە پەرزەنت قەلبىدىكى نۇرلۇق ئابىدە.
مەن بۇ يازمام ئارقىلىق دادامنى ماختاپ كۆكككە كۆتۈرمەكچى ئەمەسمەن. بالىنى تېپىپ قويۇپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان،ئۆيدىكى ئايالى ئېتىپ بەرگەن تەملىك تاماقنى تاشلاپ سىرتلاردا مەنتەڭ ئىچىپ يۈرىيدىغان قىسمەن ساندىكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ،غورۇرسىز دادىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپ قىسىم دادىلار مېنىڭ دادادمغا ئوخشاش جاپاكەش،بارلىقىنى پەرزەنت ئۈچۈن ئاتىغان دادىلاردۇر.
‹‹جەننەت ئانىلارنى ئايىقى ئاستىدا ››دېيىلىدىكەن،ئانىمزمۇ بىز ئۈچۈن نى جاپالارنى تارتتى،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئاتا –ئانىمىز بىز ئۈچۈن شۇنچە بەدەللەرنى تۆلىدى،بىز پەرزەنت بولغۇچىلار‹‹ئاتا –ئانا  بولغاندىكىن قىلىشى كېرەك››دېگەن كۆز قاراشتا بولماي،ئۇلارغا كۆيۈنەيلى،پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى،بىز ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلغان،بىزنىڭ ئوتىمىزدا كۆيۈپ ،سۈيىمىزدە ئاققان شۇ قەدىردانلارغا ۋاپادارلىقىمىزنى يەتكۈزەيلى،پەقەت بولمىسا ئامال يوق،ئىمكان بولسىلا بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىز باقايلى،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېتوتىدا ئېيتىلغان  ‹‹بىزنى باققان ئاتا –ئانىمىز بالىلىرىمىزنىمۇ بېقىپ بېرىشى كېرەك››دېگەن سۆزلەر بىزگە مودا بولۇپ قالمىسۇن،ئاتا –ئانىمىز ياشىنىپ قالدى،بۇرۇنقىدەك كۈچ –مادارى يوق،ئۇلارنى ئاسرايلى،ھەر كۈنلىكى بىر رەت تېلىفون ئۇرۇپ،ئۇلاردىن ھال –ئەھۋال سوراپ قويايلى، بۇ ئالدەمدىن كەتكەندە ھەسرەت چەككەندىن. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتەيلى...
شۇ قەدىردانلىرىمىزغا اللاھتىن تېنىگە سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىمان –ئىنساپ،دىيانەت تىلەيمەن،بارلىق ئەزىزلەر ئامان بولسۇن،توغراق يېشىدا ياشاڭلار قەدىردانلار...!


تولۇق تۈگىدى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 06:47:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 04:11 PM
سىزنىڭ ئېرىڭىز يوقما ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالغىلى؟

ئېرىم بار،اللاھ ئېرىمنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن،بۇ قېتىم مېنىڭ ھالىمدىن بەك خەۋەر ئالدى،دادام -ئاناملارمۇ بەك رازى....

بىراق ئاتا -ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتىگە چىدىمايدىكەن....

اللاھ خالىسا ساقىيىپ كەتسەم،دادام -ئانامنىڭ،ئېرىمنىڭ ،بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئالىمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 08:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايام دادامنىڭ تېلىفوندا ‹بالام،سىز ھازىر كېسەل رۇخسىتى بىلەن ئارام ئېلىۋاتىسىز،توي -تۆكۈن،چاي -چاي دېگەنلەرگە بارماڭ،بىز بەك ئېسىل خەق،ھەم ئەسكى خەق،مەكتىبىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى كۆرۈپ قالسا،‹كېسەل دەپ ئۇ يەر -بۇ يەرلەردە يۈرىيدۇ ›دەپ  دەپ مۇدىرىڭىزغا دەپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن گەپ ئاۋۇپ كېتىدۇ.....››دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلغانتى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كېچىچە غولۇم ئاغرىپ چىقىپ،يولدۇشۇم دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا،مەكتەپتە بىرسىنىڭ ‹‹بازاردا يۈرىيدىغۇ كېسەل دېگەن بىلەن›› دېگەن گەپنى تاپقىنى ئېسىمگە كېلىپ ،دادامغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95492
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 09:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 06:47 PM
ئېرىم بار،اللاھ ئېرىمنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن،بۇ قېتىم مېن ...

سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 09:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ‹‹ئاتىلار››دېگەن ناخشىنىڭ ئادرېسى،ھەر ئاڭلىسام  يۈرىكىم بىر ھاياجاندىن تىترەيدۇ.........

http://web.izda.com/?a=search&am ... D8%B1&field=web


‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش