ياخشى ئورۇنلاپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ .
مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ، YAMAHA-PSR510 مودا چاغلاردا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ يېزىمىزدىكى توي تۆكۈننىڭ سېزىنى چېلىپ بەرگىلى چاپاتتىم ھەپتىدە 5 كۈن ...
ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك ئىلغار ئېلىكتېرونلۇق روياللار نەدە تۇرسۇن ، ئاشۇ 510 نى شۇنداق ئەتىۋارلايتۇق . YAMAHA-QS300 نى ئۈرۈمچىدىن ئويۇن قويۇپ بارغان داڭلىق ئەترەتتىلا كۆرەتتۇق ، ۋوييو ، خېچىڭجى دېگەن ئاشۇكەن ھە دەپ قالاتتۇق
ئۇ ۋاقىتلاردا رويالنىڭ تىلىنى باسمىساق مۇزىكا چىقمايتى ، ھازىر شارائىت ياخشى بولۇپ كەتتى . توكقىلا چېتىپ قويسا بۇرۇنقى زاماننىڭ ئۈنئالغۇسىدەك چىقىۋېرىدۇ مۇزىكا دېگەن
لېكىن ھازىرمۇ ھەقىقى ھەۋەس بىلەن مۇزىكا چالىدىغان ۋە ئىشلەيدىغان بالىلار ئاز ئەمەس ...
ئاۋاز ۋە ئۇدارنى ياخشى تاللاپسىز ، سىزگە بىرلا تەكلىپىم : ئۇدار تاكىتىغا دىققەت قىلىڭ .