كەشمىرگە خېلى ئۇزۇن مەزگىل سەئىدىيىگىمۇقارام بولغان . سەئىدخان ۋاپات بولۇپ ، ئابدۇرەشىتخان بىلەن مىرزا ھەيدەركوراگانى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قېلىپ ،جازالاي دېسە ئاتسىنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان ھەم خان كۈيئۇغلى بولغاچقا ئۇنى كەشمىرگە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتېۋىتىپ كۆزدىن نېرى قىلغان .بۇ بۈيۈك تارىخچى كەشمىرنى ياخشى مۇداپىئە قىلىپلا قالماي ،ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابىغا خاس كۆكسى -قانى كەڭلىكى ۋە پەزىلىتنى نامايان قىلىپ ، يازغان كاتتا تارىخنامنى ئۆزىگە ئازار بەرگەن جىيەنىنىڭ نامىغا بېغىشلاپ «تارىخي رەشىدىي »دەپ قويدى . كېيىن سەئىدىيە ئازغۇن سوپىلار ۋە ئاجىز ھۆكۈمرانلار تۈپەيلى ئاجىزلىشىپ كەتكەندە بابۇرىيلەر ئىمپىريىسى ئۇنى ئۆزى ئىدارە قىلۋاتقان ھىندى زېمىنغا قوشۇۋالدى .شۇندىن ئېتىبارەن كەشمىر ھىندىستانغا تەۋە بولۇپ ،تاكى 1947-يلى ئەنگىليە ھىندىستان مۇستەقىللقىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا ،كېيىن مۇشۇنداق توختىماي جېدەل قىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن بابۇر زامانىسىدىن ھېسابلىغاندىمۇ 400يىل تىچ -ئىتتىپاق ياشىغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئايرىپ ئىدارە قىلىش لايھىسىنى ئۇتتۇىغا قويۇپ ،پاكىستاننى ھىندىستاندىن ئايرىپ چىقاردى . شۇندىن تارتىپ ئىككىسى كەشمىرنى تالىشىپ سوقۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ .
شۇڭا تارىخىي نۇقتىدىن ،كەشمىر ئەسلى سەئىدىيىگە قارام بولغانىكەن ئۇنداقتا ھازىر جوڭگۇغا تەۋە بولسا قائىدىگە ئۇيغۇن دەپ ئېلىمىز تارىخچىلىرىغا خاس تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن ئىنكاسىمنى ئاخرلاشتۇراي