سىنى سېغىندىم
بۈگۈن سىنى سېغىنىپ تۇرۇپتىمەن، كاللامدىكى پۈتۈن خاتىرلەرنى تازىلاپ پەقەت سىنى، سىنىلا قالدۇرۇپ قويغاندەك، پىروگراممامغا سىنىلا يېزىۋەتكەن ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش، يۈتۈپ كەتكەن بالىسىنى ئىزدەۋاتقان ئانىدەك پەقەت سىنى، سىنىلا سېغىنىپ تۇرۇپتىمەن.
بۇ زادى نىمىنڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، بىلىشنى ئويلاپمۇ كەتمىدىم. ساڭا ئالاقىدار بارلىق ئەسلىمىلەر بۈگۈنكى ناشتىلىقىم، تامىقىم، پائالىيتىم بۇلۇپ قالدى.
ناشتىغا چىققاندا سەن بىلەن ناشتا قىلغان ئورۇندا ئولتۇردۇم، يولدا ماڭغاندا سىنىڭ ئىزىڭدىن ماڭدىم. سىنى يېنىمدا بار خىيال قىلىپ گەپ قىلدىم. سەن بىلەن كۈلۈشكەن يەردە توختاپ خۇددى ئۆزۋاقتىدىكىگە ئوخشىتىپ كۈلۈپ باقتىم.سىنىڭ كىيمىڭنىڭ رەڭگىدە كىيىم كىيۋالغان قىزلارنى كۆرسەم ئىتتىك مېڭىپ بىردەم ياندىشىپ ماڭىۋالدىم.
بەك ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى بىلىمەن. ئەمما، كۆڭلۈم تىنىچلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ماڭا نىسبەتەن ئەخمىقانە بولمىدى.
http://www.rohqin.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا duran18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-31 12:08 AM