ogdulmux يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 01:43 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىم خۇمار ،تىنىڭىزگە ئاللا ساغ ...
سىز قەيەردىكى قايسى يىزىغا چۇشكەنتىڭىز.مەنمۇ بىر دىھقاندۇرمەن، ئەجەبا مەن تۇرۋاتقان يەردىكى دىھقانلار ئۇنچە گالۋاڭ ئەمەسقۇ، ھەممىمىزگە ئايان، 50ياش ھەم يۇقىردىكىلەر كۇپىنچىسى ساۋاتسىز.ئامما ھازىر قى جەمىئىيەتتە، ئۇقۇغان (ھىچ بۇلمىسا تۇلۇقسىزنى)ساۋاتلىق بىر تۇركۇم ياشلار، جەمىيەتكە قەدەم قۇيۋاتىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرنىنى ئىلىۋاتىدۇ.ئاز يىللاردىن كىيىن ئۇيغۇر جەمىئىيىتىمۇ بىر تۇركۇم ساپالىق كىشىلەرگە ئالمىشىدۇ، بىكارچىلار يۇق ئەمەس ھەممە يەردە بار، ئەمما ئۇلار ناھايىتىمۇ ئاز ساندا. لىكىن ئۇلارنى بىكارچىلار، ھىچ ئىش قىلمايدىغان ھۇرۇنلار قاتارىغا چىقىرۋىتىشكىمۇ بۇلمايدۇ، ئۇلار پەقەت ھازىرقى تىز بۇلغان ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشالمىغانلار خالاس، ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھ بىرىدۇ دەپ قاراپ ئۇلتۇرغىنىنى مەن كۇرمىدىم. ئۇلارمۇ پۇل تاپىدىغان ئىشلا بۇلسلا قىلىدۇ، ئەمما ھازىرقى زىل رىقابەت دەۋرىدە باشقىلاردىن ئىش تالىشىپ قىلالمىغانلا يىرى بار، ھازىر ھەممە ئادەم ئۇز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش، ھازىرقى ئىستىمال سەۋيىسى، مال باھاسى، ھەم باشقا مۇناسىۋەتلەردە پۇلنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلمەس ئۇيغۇر يۇق،
سىز يۇقىردا مىسال ئالغاندەك يەر تىرىپ يەرنىڭ ھۇددىسىنى تۇلىگىدەك پايدا ئالالماي يەرلىرىنى تاتقۇزۇپ قۇيدىغان دىھقان پۇلنىڭ ئۇزى ئۇچۇن نەقەدەر مۇھىملىقىنى سىز بىزدىن ئۇبدان بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھ بىرىدۇ دەپ قانداقمۇ ئىش قىلماي يۇرەلىسۇن شۇ دىھقان، بىز دىھقانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، ئۇزۇمنى مىسال ئالسام بىر كۇن بىكار قالىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، تاكى ئەتىگەندىن كەچكىچە، ئەمما بۇلىدىغان كىرىم تايىنلىق قىلىۋاتقىنىمىز ساپلا ئۇنۇمسىز ئىشلار 10مۇ يەر تىرىسىڭىز بىجىرىم ئىككى ئەمگەك كۇچى بۇلمىسا ئۇ يەرنى باشقۇرۇپ بۇلالمايسىز
مەنمۇ ئادەتتە دىھقانچىلىق قىلىمەن، ھەم قۇشۇمچە قۇرلۇشتا ئىشلەيمەن، ئۇزۇم كىچىك قۇرلۇشلارنى كۇتۇرە ئىلىپ قىلىمەن، شۇ كۇتىرە ئالغان قۇرلۇشلارغا مەھەللىدە بىكارچى ئىش قىلمايدۇ دەيدىغان باللارنى تۇلاپ بىرلىكتە ئىشلەيمىز، كۇندىلىكى 100كۇيدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ، لىكىن شۇ پۇلغا راۋىرۇس ئىشلەپ قۇيدۇ. مەنمۇ ئۇ ئىشلاردىن پايدا ئالسامكەن دەپ ئۇيلاپ باقمىدىم، كۇندىلىك ئىش ھەققىم 150-200كۇيغىچە تۇختىسا شۇنىڭغا خۇش لىكىن شۇلار باشقا يەردە ئىشلەي دەپ بارسا ئىش تىپىلمىقى تەس ھەم ماڭىمۇ شۇنداق. بەزى ئاكىلىرىمىز قىلغان ھۇنەرلىرىنى كەمىنە نەچچە ھەسسە گۇل كەلتۇرۇپ قۇيالايدىغان خۇيۇم بار بۇلمىسا ئەمما شۇلارنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىدىن ئاز خىلى ئاز پۇلغا ئىشلەپ بىرەي دىسەك ياق دەيدۇ، ئەمدى سىز ھۇكىمەت ئۇرگانلىرىدىن مائاش ئالىدىغان ئۇرۇندىكەنسەنسىز، ئەمما دۇلەتتىن مائاش ئالماي سىرىتتا يىرىم يىل بىر ئىشلەپ بالا چاقىلىرىڭىزنى بىقىپ باقسىڭىز تۇرمۇش رىتىمىنىڭ نەقەدەر تىزلىكىنى ھەم باشقىلارنى نادانغا چىقىرۋىتىشنىڭ بۇلمايدىغانلىقىنى چۇشىنەتتىڭىز، دۇلىتىمىزنىڭ نۇپۇسى بىر مىلىيارد 300مىلىيۇندىن ئاشىدۇ، مۇشۇنداق زۇر بىر ئەمگەك كۇچى ئارسىدا جەمىئىيەتكە ئاكتىپ پۇزىتسىيە بىلەن يۇزلىنەلمىگەنلەر ئىنىقكى شاللىنىشقا دۇچ كىلىدۇ.
ئەمما بازار ئىگىلىكىگە بۇلغان چۇشەنچىلەر ئىقتىساد بىلىملىرى بىزلەرگە كەم مەكتەپلەردىمۇ ئاز دەرسلىكلەردە، تۇلۇقسىزدا ئۇقۇپ چىققان باللارنىڭ شۇ يەردە ئۇگەنگىنىنى جەمىئىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغىنى ھەم شۇ بىلىمنىڭمڭمۇ جەمىئىيەتتە ئىشلەيدىغىنى ئاز
سائەتمۇ بىر بۇلۇپ كىتىپتۇ، ئەتە يەنە ئۇسۇل ئۇينايدىغان گەپ ئۇخلاپ قالاي ئاستا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھمەت94 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-2 03:12 AM