ئادەتتىكى ئەزا
كەچكۈز شامىلى
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر (قۇملۇق)
كەچكۈزنىڭ شامىلى چىقماقتا يەڭگىل. قىش چىللاپ سوغۇقنىڭ ھىدىنى باشلاپ. ئالقىشلاپ دەرەخنىڭ گەۋدە شاخلىرى. تىنىدىن سىلكىپلا يۇپۇرماق تاشلاپ. باراڭدىن ئايرىلىپ ئۈزۈم تاللىرى. كۆمۈلدى تۇپراققا كۆزلىرى ياشلاپ. ئەمدىلا بىخلىغان بۇغداي مايسىسى. ئۆسۈشتىن توختىدى دىھقانغا قاخشاپ. ئاق تورنا،ياۋا غاز، سەپ-سەپ بولۇشۇپ. كۆچمەكتە كۆللەردىن چۆللەرنى ئاتلاپ. ئۈششىگەن باغدىكى يۇمران كۆچەتلەر. شۇمشىيىپ تۇرىدۇ باغۋەنگە داتلاپ. كەچكۈزنىڭ شامىلى توختىمايدۇ ھىچ. كۈچىيىپ شىۋىرغان، جۇدۇننى ساقلاپ. ئۆيلەرگە مۈكۈشتى قالدى مۇساپىر. ئوتى يوق تونۇرغا ئۆزىنى قاقلاپ.
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
Janbar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 11:38 PM سىزگە يەنە بىر تەكلىپ بەرسەم رەنجىپ قالارسىزمۇ دېدىم، ...
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ