AxiKkUyI يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 11:28 AM
يالغۇز قويغۇم يوق
مىنىڭ سىنى يالغۇز قويغۇم يوق،
قاچان كېلىسەن
كۈنلەرنىڭ كۆزىدە يايرىسا ھىجران،
ۋاپادىن سۆيگۈگە قەسىر تىزىسەن.
بولغاندامەن كەبى سۆيگۈگە ئەسىر،
ئۆزۈڭنى تونۇماي كۈلۈپ كېتىسەن.
سۆيگۈنىڭ شاخلىرى كۆكلەپ دىلىڭدا،
تۈنلەرنى ياندۇرۇپ ئويغاق ئۆتىسەن.
سەن قارنىڭ باغرىدا يالقۇنلاپ تۇرۇپ،
ئاپتاپتامۇزلىغان يارنى كۈتىسەن.
باغرىڭدىن كۆۋەجەپ چىققان مېھىرنى،
شېئىرغا سىڭدۈرۈپ مىسرا تۈزىسەن.
ئاقماق بوپ قەلبىمنىڭ دەريالىرىدا،
چۆللەرنىڭ چېچىدىن قېچىپ چىقىسەن.
يىللارغا سوزۇلسا دىدارسىز كېچە،
سېغىنىپ قەلبىڭدىن شەبنەم تۆكىسەن.
كۈتۈشلەردەرەخكە ئايلانسا تامام،
ياپراقلارتەكتىگە ئۈنسىز چۆكىسەن.
خىيالىم سۆيگۈڭنى كىرسە يېتىلەپ،
قىينايدۇسېغىنىش، بۇنى بىلىسەن.
سۆيگۈڭنى ساقلىسام يۈرەككە ئوراپ،
ئېيىتقىنا،سەن زادى قاچان كېلىسەن؟!