مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئاھ !تۈمەن كويلۇق پەردە ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 08:13:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇقىتىم شانيازنىڭ پەيلى چاتاق، تەتەيخاننى، تەكەخاننىڭ ئۇزنىغا ئالماشتۇرۇپ، خۇتۇن ئىلىش تۇلۇقلىمىسىغا ئىرشكىسى كەلگەن چىغىۋا،
ئاخىرى قانداق بۇلار بۇ يىكايىنىڭ، تىزىراق يۇللانسا بۇلتى داۋامى،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 08:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانىياز دىگەرنى ئۆتەپ بولىشىغا تەتەي ئۇنىڭدىن سورىدى .سەن قىلۋاتقان ھەركەتلىرىڭى قانداق ھەركەت ؟ -مەن ناماز ئوقۇدۇم ،قومۇلدا ياشاپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟ ھەقىقەتەن قومۇلدا بىكارغا ياشاپسەن .-ھەمەن راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن .قارىماققا بەك ئەستايىدىل ھەم ھەيۋەتلىك كۆرىندىكەنسەن ناماز ئوقۇساڭ . -ھەئە شۇنداقمۇ ناماز ئوقۇغاندا باشقىلارغا گەپ قىلىشقا ۋە مىدراشقا بولمايدۇ ، پەقەت بەلگىلەنگەن بۇيرۇلغان ھەركەتلەرنىلا قىلىشقا بولىدۇ.-ئاڭلىماققا بوپ قالدىكەن .-سەن بىرەر دىنغا ئىتقات قىلمامسەن ؟ -مەنما ياقەي ، بەزىدە ساياھەتكە چىققانلاردا بۇتخانىلارغا بىرىپ كۈجە كۆيدۇرۇپ قويىمەن.ئۆتكەندە چىڭخەيدىكى بىر بۇتخانىنىڭ يۇز يۇەنلىك گۇناھ تىلەش كارتىسىدىن بىرنى سېتىۋالغان . سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىمۇ پۇل خەشلەپ گۇناھىنى تىلۋالغىلى بولامدۇ .
شانىياز دەمەللىققا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى . ئاندىن گىلىنى قىرىپ قويۇپ :بىز ئىشىنىدىغان ئاللاھ يەككە يىگانە بىر ئاللاھ  ،ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى . شۇنداق پۇل خەشلەپ ساۋاپلىق ئىش قىلسا بەلكىم گۇناھى يىنىكلەر ، ئەمما بىلسەڭ بىزنىڭ رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە پۇل مال ،دۇنيا دىگەنلەرنىڭ ھېچقانچە ئورنى يوق . يەنە كىلىپ نامازنى پۇل خەشلەپ باشقىلارغا ئۆتەتكىلى بولمايدۇ . ئشىقىلىپ بۇ ئسىلام دىگەن سەن پۇل خەجلىسەڭ پۇتىدىغان پۇكەيدىكى مال ئەمەس ، چوقۇم چىن قەلب ىڭدىن ئىشىنىسەن ، ھەم كۆرسەتكەن ئەمەللەرنى تۇلۇق بىجىرىشىڭ كېرەك . بۇ يەردە مېنىڭچە ،مېنىڭ قارىشىمچە دەيدىغان گەپ يوق .
        -ئۇنداقتا ئسىلام دىنىغا كىرگەنلەرگە ئاللاھ ئۆزى نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرەمدۇ .-ھەئە ۋاي ياق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 08:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ....

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 09:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىلەن بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئارىسدا بىر ئەلچى بار .ئىسىمى مۇھەممەت ئەلەيھىسىسالام ، سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كەرىمنى ۋە ئۆزىنىڭ سۇننىتىنى مۇكەممەل ھالدا يەتكۇزۇپ بولۇپ دۇنيادىن كىىتپ بولغان . بىز ئاشۇ يول بويىچە ماڭساقلا بولىدۇ ، (ياسىر قازى بولمىغاندىن كىيىن بىز دەپ ئويلاپ قويدى شانىياز ) .تۇيۇقسىز شانىيازنىڭ كۆزى ئارامسىزلىنىۋاتقان تەكەخانغا چۇشۇپ گەپنى كەستى ، بەلكىم سەن توردىن ئىسلام دىنى توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى بىلۋالالايسەن ،ھازىر خەنسولاردىنمۇ ئىسلام دىنىغا كىرىپ ۋىديو يوللاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . ناۋادا سەن دۇبەيگە بېرىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىڭنى جاكالىساڭ بىرەر پۇلدارنىڭ ئۇچۇنچى خاتۇنى بولالىشىڭدا گەپ يوق . شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا دۇبەيلىك بۇلۇپ قالىسەن .
          - ۋاھ دۇبەي دەپ قوي .ئەمما مېنىڭ ھازىرقى كۇنۇم ياخشى ، بىرەر دىنغا ئىتقات قىلىشنى ئويلاشسام ، ئىسلام دىنىنىمۇ ئويلىشىمەن . ئەتتىگەن ماڭا ياردەم بەرگەنلىكىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم . سەن ياخشى ئىش قىلىشنى ئىگەڭنى  خوشال بولسۇن دەپ قىلامسەن ؟- ھەئە ئاللاھنى رازىلىقىنى ئىزلەپ قىلىمىز .
    -ھە ئە قومۇلدا سەن ماۋۇ تۆت كوچىدىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتىگە بېرىپ بىرەر تۇڭگان ئايال مۆئمىننى تاپالايسەن . بۇمۇ ئىسلامنى چۇشۇنۇشنىڭ بىر تىز يولى . مانا ئايىلىم تەكەخاننى ئىزدىسەڭمۇ بولىدۇ ، ئۇ دىگەن تېپىك بېشىغا كۇن چۇشكەندە ئاندىن ئاللاھنى ئەسلەيدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىرسى .
- ھەي ھەي ھەي ، بولدى شانىياز ، مېنى ئۇستاز بولغۇچىلىكىم يوق .تۆت كوچىغا  تۇڭگان مەسچىتكە بار دەڭ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 09:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتەي پاراڭ سالغاچ كارۋات قويۇلغان ئىچكىرى ھوجۇرىغا قاراپ كۆپ ئۆتمەيلا قايتىپ چىقتى . مەن بىر قۇر كۆرۇپ چىقىتىم . ساراي ئۆينىڭ پەردىسىنى ئوڭشىغىلى بولىدىكەن . بالىخانا ئۆينىڭ پەردىسىگە ئاستى تەرىپىگە 15 سانتىدىن 20سانتىغىچە چاچا  چاپلىساق ئۇمۇ قاملاشقىدەك ، ئەمما ئۇستىدىكى مىتال بىكىتكۇچنىڭ ئۇزۇنراقىنى ئالماشتۇرۇپ بىكىتسەكمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ، ئىچىكىر ھوجۇرىغا بىرنىمە قىلىشنىڭ زورۇيىتى يوقكەن . كارۋات توسىۋالىدىكەن .مېنىڭچە بالىخانىدىكى پەردىگە چاچا قىلدۇرماڭلار ، - ياق ياق دىدى قاسىم ، بالخانىنىمۇ ئوڭىشىتايلى بولمىسا ھاجىگۇل مېنى پەردىنىڭ ئورنىدا ئېسىپ قويىدۇ . - ئوغابالا ئەكەك دىدى تەكەخان ئېغزىنى پۇرۇشتۇرۇپ ، -مەيلى مەيلى دىدى شانىياز ، -سەن بۇلارنى ھىساپلاپ باقە قانچە بولىدىكىن ، يەنە بىر گەپ سەن ساراي ئۆينىڭ پەردىسىنى زادى قانداق ئۇزارتماقچى ؟ مېنىڭ شۇنىڭغا ھەخلىم ھەيران .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 09:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلار پەردىنىڭ پاتراق پۈتىشى ئۈچۈن  يول كۆرسىتەيلى .............
توي ئوينامىز..............

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107937
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2014-6-21
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 11:50:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا ئىنتىزارمەن.

گۈل بىلەن باغ گۈلىستان،گۈل قۇرىسا زىمىستان،تەۋبە قىلغىن ئەي ئىنسان،بارار جايىڭ قەبرىستان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە دۆتلۈك بىر پەردىنى دەپ دۇنيانى ساياھەت قىلۋاتامدۇ نىمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 04:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.پەتەڭگە ، تويلۇق پەتەڭگە -تويلۇق خۇرۇم ئاياق ، بەلكىم نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى پەتەڭگە دەپ كەلگەن بولساق كېرەك .
2. قاچارلىرىنى يېقىشىپ ---مەڭىزىلىرىنى يېقىش

3. لالما ئىتتەك قاسىمنىڭ مۇرجۇقىدىلا يۇرگەن -مۇرجۇق -بوسىغا

4.ئىككىسى قىر يېغى چىقىپ سوقۇشىۋاتسا - قىر يېغى - قىر دىگەن چىگرا بويى پاسىل ،چەت ياقا  ، يېغى دىگەن جەڭ ، قىريېغى دىگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى چىگىردىكى  ھايات ماماتلىق جەڭ .
يەنە بىرسىگە چەت ياقىدا  سوقۇشۇپ قالغاندا ئاجىرتىپ قويىدىغان ھېچكىم يوق ئەھۋال  يازمىدا ئىككىنچى خىل ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلغان

5.مۇڭقۇي دىگەن شۇ مۇڭقۇي ، يەنى ئۇندىن ياسىلدىغان شىلىم ، كۆچمە مەنىدە گالۋاڭ ، كاللىسى ئىشلىمەيدۇ .كاللسىى چېلىنىپ كەتكەن ، ھەممە ئىشنى چېلىپ مۇڭقۇيدەك قىپ قويىدىغان ، يىنىك نارازلىق ھەم تىللاش مەنسىى بار ، لېكىن ئۇ بىر قارىشى تۇرۇپ سەكرەپ كەتكۇدەك تىللاش ئەمەس ،

6.نەدىن ئارا ئۇچراشتى بۇ  قانچۇق ،    نەدىن ئارا - ئشىنىڭ ئوتتۇرسىدىن تۇيۇقسىز پەيدا بولدى ، ئارا -ئوتتۇرسىى ،بۇ بىر تۇراقلىق سۆز ،

7.گۇناھ تىلەش كارتىسى ، ئادەتتىكى كارتىغا ئوخشاش ، ئۇستىدە گۇەنيۇننىڭ رەسىمى بار  بىر كارتىنى بىر خەنسونىڭ قولىدا كۆرگەن ، يىنىدا ساقلاپ يۇرەتتى ، بۇنى يۇز كويغا ئالدىم ، ئاشۇ بۇتخانىدىكىلەر مەن ئۇچۇن گۇناھىمنى تىلەپ قويىدۇ ، دەپ يۇرەتتى ، ھازىرقى يۇز كوينىڭ تۇزۇك كۈچى يوق بەلكىم ئۆسۇپ كىتىكلىك ئۇلارنىڭ بۇ ئەخماقانە لېكىن ئەسقاتىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى .دىمەك بۇ ئەمدى دۆلىتىمىزدىكى بۇتخانىلارنىڭ بىۋاستە بازار ئىگىلىكىگە  ئىشتىراك قىلغانلىغىنىڭ مەسھولى بولسا كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 06:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتەي ساراي ئۆيدىكى پەردىگە قاراپ :
-بۇنداق پەردە كۆپ ئۇچۇرمايدۇ ، بۇ پەردىنىڭ ئايىغىدىن ئون بەش سانتا پۈكۇپ قويغان يېرى باركەن ، -ھە چۇشەندىم -دىدى شانىياز ، بۇ تەتەي بايىتن بىكارغا زوڭزايماپتىكەندە .ھەممىسى موشۇ تەكەخاننىڭ ھاڭگامىسى ، ۋاي تۆشۇك تەشكەن پەردىنى ئۇزارتىشقا بولمايدۇ ، تۆشۇكى بار تۇرسا دەپ كەتسە مەن پەردە دىگەننى چوقۇم بېشىدىن ئۇزارتىدىغان ئىشكەن دەپ ئويلاپ كاللامغا سىڭدۇرۋاپتىمەن ، مانا مۇنداق ئاياغ تەرىپىگىمۇ بىر قاراپ باققۇلۇقتى ئەمەسمۇ ،
-ئەسلىدە -دىدى تەتەي شانىيازغا قاراپ -ئاغىنەڭنىڭ ئۆلچىشىدە مەسەلە يوق ، بۇنىڭ ھەممسىى ئۆرۇمچىدىكى پەردىچىلەرنىڭ ئىشى ، قانداق ئىشكىن تاڭ بۇنداق ئۆرۇمچىدىن پەردە ئېلىپ كىلىپ يا قىسقا بولۇپ قالغان يابولمىسا ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىشلار بەك كۆپ ، يەتمىش سەكسەن پىرسەنىت ئۆرۇمچىدە پەردە بۇيرۇتقانلار دەل سىلەرگە ئوخشاش ئاۋارچىلىققا قېلىپ پەردە دۇكانلىرىغا ئاپپىردۇ ، نۇرغۇن پەردە دۇككانلىرى ئاۋارچىلىقتىن قورقۇپ ياكى پايدا ئاز بولغانلىقتىن  رەت قىلىدۇ .
ھە ئەسلىدە قاىسم ئاخۇننىڭ پەردە ئۆلچىشىدە خاتالىق يوقكەندە ،ھەممىسى ئۆرۇمچىدىكى پەردىچىلەرنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بولغان ئىشكەندە ، ئەمما تويغا ئۇچ كۇن قالغان تۇرسا ئۆرۇمچىگە چىقىپ زوكۇنلىشىىشقا كىمنىڭ چولىسى .
-ئۇنداقتا قانچە بولدىكەن ھىساپلاپ باقە
-ئۇچ پەردىنىڭ ھەممسىنىڭ لەپلىمىسى باركەن ، ئۇنىڭ لەپلىمىسىگە ئىشلەيدىغان ئىش بار ، يەنە ئايرىم توخماق ئورناتمىسا بولمايدۇ . مونۇ چاچا قىلساق ، سۆكۇپ ئوڭىشىساق ، يىغىپ كەلگەندە 730 سوم بولدىكەن .
-پۇتۇنلەپلا ۋەتمەمدۇق . -ياق بۇنى بىر ئادەم قىلمايدۇ ، سۆكۆش باشقا ئورنىتىش باشقا .-مەيلى ئەمىسە ،تەكەخان پۇلنى ساناڭلا ، بۇ بىزنىڭ خىنىمىز بولاپ كەتسۇن . تەكەخان سومكىسىدىن ئىككى مىڭ كوينى چىقىرىپ قاسىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . -تەكەخان مەن سېنى پۇلنى تەتەيگە بەر داۋاتىمەن . - خىنا دىگەن خىنا ، ياردەم دىگەن ياردەم ، مەن توي كۇنى قولۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ دەپتەرگە پەردەڭلەرنىڭ رىمونىت ھەققى بىزدىن دەپ يازغۇزالمايمەن. ھەممە ئىش يولى بىلەن كەلمىسە بولمايدۇ .يېڭى كەلگەن كىلنچەك باغۇ دەپتەرنى تونۇيدۇ. شانىياز بىلەن قاسىم بىر بىرىگە قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇشۇپ قويدى .شانىياز ئۆزىنىڭ گىپىنى يىرغان تەكەخانغا غۇچچىدە ئاچچىقى كەلدى . بىراق تەتەي ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇلار تەتەي بىلەن ئەتە كەچكىچە پۈتۇن ئىشنى پۇتتۇردىغانغا چىڭدىشىپ  قاسىمنىڭ ھوجۇرسىدىن چىقتى . پەلەمپەيدىن چۇشۇپ كىتۋېتىپ شانىياز ئاستا تەكەخانغا دوق قىلدى . بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئۆيدە سەن ئەر بولساڭ بولغۇدەك .تاماقنى مەن قىلىپ قاچىلارنى مەن يۇياي ، ئۆينى سۇپۇرۇپ ،كىرلارنى مەن ئېرىغداي . -ھوھوش ئۇنچۇلا دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىز باغۇ يەنىلا تالانىڭ ئىشىنى قىلىۋىرىڭ .خىنىغا كەلگەندە مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاڭ .گەپكە كەلگەندە سىزگە تەڭ كىلەلمىسەممۇ ، كاللام سىزنىڭكىدەك ئىشلەپ كەتمىسىمۇ ئەمما خىنىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى بىلگۇچىلىكىم بار .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش