‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى بىلەن ئۈرۈمچى LB مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيسىنىڭ 2- قانىلىدا، ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممسى. ‹‹شىرىن چۈش››تە غايە بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى پەرق، تالانت بىلەن تىرىشچانلىق ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت، جۈرئەتلىك قەدەملەرگە پايانداز بولغان سەھنە گۈزەل ھەم تەسىرلىك ھېكايىلەر، شۇنداقلا سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. تالانىت ئىپادىلىنىشى، قەدەملەر جۈرئەت بىلەن بېسىلىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا شىرىن چۈشلىرىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىدۇ!
‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى ۋە تىزىملىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە
بىرىنچى، ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى ھەققىدە: 1. ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا مەيدان ھازىرلاش، ياردەم بېرىش، كارخانىلاردىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تالانت ئېگىلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئوبراز يارىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىغان. 2. ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسى بىر يىلدا ئىككى پەسىل، ھەر پەسىلدە 26 سان ئىشلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ 2- قانىلىدا ھەپتىدە بىر سان قويۇلىدۇ. 3. ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسىنىڭ ھەر سانىدا بىر نەچچە ماھىرنىڭ تالانتى ۋە ئارزۇلىرى باھالىنىدۇ. نەق مەيداندىكى يىتەكچى باھالىغۇچىلار ۋە ‹‹شىرىن چۈش›› تاماشىبىنلىرىنىڭ باھالاش ۋە بېلەت تاشلىشىدىن كېيىن، ئەھمىيەتلىك غايە ئىگىلىرىنىڭ ‹‹شىرىن چۈش››لىرى نەق مەيداندىكى ‹‹شىرىن چۈش›› قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن رىئاللىققا ئايلاندۇرىلىدۇ. 4. ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەت تاشلاش نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ماھىرلارغا بېلەت تارقاتمايدۇ، ماھىرغا ھەمراھ بولۇپ كەلگۈچىلەر پىروگرامما زالىنىڭ يان خانىسىدا ئولتۇرۇپ، خانىدىكى ئىكراندىن نەق مەيداننى كۆرسە ۋە ماھىرغا مەدەت بەرسە بولىدۇ. بىلەت تاشلاش نەق مەيدانىغا ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى ساپالىق ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. 5. ھەپتىلىك ۋە ئايلىق ‹‹شىرىن چۈش›› ماھىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تالانتى، نەق مەيدان، تور ۋە تېلېفۇندىن تاشلانغان بېلەت سانى ئارقىلىق پەسىللىك مۇنەۋۋەر ‹‹شىرىن چۈش›› ماھىرى شەرىپىنى تالىشىشقا قاتنىشالايدۇ.
ئىككىنچى، ‹‹شىرىن چۈش›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىش ھەققىدە:
1. مەزكۇر پىروگراممىغا قايسىلا ساھەدىن، قانداقلا تالانتى بولسۇن، ئىشقىلىپ سەھنىدە ئىپادىلەشكە جۈرئىتى بولغان ھەر قانداق كىشى قاتنىشالايدۇ. 2. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلاردىن ھىچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. 3. ماھىرلار تېلېفۇن ياكى تور ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ. ‹‹شىرىن چۈش›› قىزىق لىنىيىسى:
18699058455
‹‹ماھىر تىزىملاش جەدۋىلى››نى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
بۇ يەرنى بېسىڭ
شىرىن چۈش قوللانمىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
بۇ يەرنى بېسىڭ
4. كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىر پارچە، ئۆز ئوبرازىغا ۋەكىل بولالايدىغان سۈرىتىدىن بىر پارچە تەييارلىغاندىن كېيىن، ‹‹شىرىن چۈش ماھىرلىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى تولدۇرسىلا بولىدۇ. تالانتىڭىز پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ‹‹شىرىن چۈش››كە بىمالال قاتنىشالايسىز. 5. ئارزۇنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، ئۇ سىزگە ھەمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن چۈش كەبى شىرىن بولىدۇ. ‹‹شىرىن چۈش››لىرىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغان سەھنە كۆز ئالدىڭىزدىلا! تالانتىڭىز بار، ئەمدى جۈرئىتىڭىز بولسىلا ئويلاپ باقمىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. ‹‹شىرىن چۈش›› قەدەملىرىڭىزگە تەشنا! 6. ‹‹شىرىن چۈش››نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى ئۇيغۇر ناۋا تورىدا!
www.uynava.com uynava.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 02:03 AM
|