مەن دەرس ئاڭلاش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ يوللىيالمىغان ئىدىم ، ياخشى يوللاپسەن .بىراق مەزمۇننى ئازراق تۇلۇقلاپ قۇياي :
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سەككىز ناھىيە بىر شەھەردىن تۇلۇقسىزلارنىڭ مۇسابىقىسىگە 13 نەپەر ، تۇلۇق ئوتتۇرا مۇسابىقىسىگە 12 نەپەر بۇلۇپ جەمئى 25 نەپەر ئوقۇتقۇچى قاتناشتى . دەرس تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلۇپ ئىككى مەكتەپتە بىر ۋاقىتتىلا ئۈتۈلدى . دەرس ئاڭلاشقا تەخمىنەن 60 ئوقۇتقۇچى سىرتتىن كەلدى . دەرس ھەقىقەتەن ياخشى ئۈتۈلدى ، دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ئاجايىپ ھىسلارغا چۆمدۈم . مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن تۇلۇقسىزنىڭ دەرسىنى ئاڭلىيالمىدىم . تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن يەنە ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە دەرس ئۈتۈشكە قاتناشقان ئىسلامجان تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدا يەنە بىر سائەت دەرس ئۆتتى ، دەرس ئۈتۈلۈپ بولغاندىن كىيىن خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى .
مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئۆتكۈزۈلسە بەك ياخشى بۇلاركەن ، ئاڭلىۋېلىشمۇ ھەركىمگە بىر غەنىمەت پۇرسەت بۇلىدىكەن .