ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:16 PM
پورتىمال ئورۇقكەن ئەمەسمۇ؟
ھازىرئۇرغان نوچى ئەمەس..ت ...
سىزنىڭ قارىشىڭىز بويىچە بولسا مىليادىرلار يەۋەتسە بولىدۇ نامراتلارنى !
بىز دېگەن ئۇيغۇر ! كۈچلۈكتىن قورقۇپ ئاجىزنى بوزەك قىلىش بىزنىڭ خاراكتىرىمىزگە ماس كەلمەيدۇ ! ئىككى خىل كۈچ تەڭپۇڭ بولالمايدۇ ، چوقۇم بىرى يېڭىدۇ . پۇلى بولمىسا رىجىمغا ئالا شۇ ! چىققاندا يەنە تۇتىشا ! مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ خەقنى پىروگراممىلاپ ، بۇ يانمايدىغان گۇيكەن دېگەن ھېسياتقا كەلتۈرۈۋەتمىگىچىلىك ئاۋارىچىلىق تۈگىمەيدۇ ! ئەمىلىيەتتە تاياق يېگەنگە ئادەم ھېچنىمە بولمايدۇ ! كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇرۇشۇپلا كەلدىم ، ھەق ناھەق مەسىلىسى ، غورۇر ۋىژدان مەسىلىسى ئۇرۇشۇشقا ئاپىرىدۇ ! كاژنى بازا ئوڭشايدۇ دېگەن شۇ ! كىچىكىمدىن تولا ئوپچا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ كەتتىم ، لېكىن بىرەر قېتىم ئادالەتسىزلىك قىلىپ باقمىدىم ، ئەمىلىيەتتە ئۇرۇشۇپ تۇرمىسا يۈرەك كىچىكلەيدۇ ، مېنىڭ دۇنيارىمدا ئۇرۇشۇش ناچار قىلىق ئەمەس بەلكى ئەركەكلەرگە خاس ئىش ، ئۇ بىر خىل ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ! ئەمما شىياڭگاڭ كىنولىرىدەك مەينەت ئىپلاسلارچە قولغا تاياق توقماق تاش پىچاق ئىشلەتسە بولمايدۇ ! ئويلاپ باقساقلا بىلىمىزكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى بەك ئۇرۇشىدۇ ئەمما ھېچبىر ئاداۋەت ساقلاشمايدۇ ، مانا بۇ چېنىقىشتۇر . ئەر كىشىنىڭ بېشىغا ھەر ئىش كېلىدۇ ، مۇساپىر بولىدۇ تاياق يەيدىغان ئىشلار چىقىدۇ . تاياقتىن قانداق ئادەم قورقىدۇ ؟ ئەلۋەتتە يەپ باقمىغان ئادەم قورقىدۇ ! شۇنداق قورققاندا ئا كىۋەزلىكتىكى ئاسپىرانتتەك غورۇرنى ئىناۋەتنى پايخان قىلىپ قىزنىڭمۇ نەزىرىدىن چۈشىدۇ ، تاياق يېسىمۇ بىر يەيتتى ، ئەمما بىر ئۆمۈر ئازابلىنىدۇ نومۇسىنى يەۋاغىنىغا . ئورنۇڭدىن تۇرە دېگەن گەپنى ماڭا قىلغان بولسا كانايدىنلا ئېلىپ ، جايىڭنى تېپىپ ئولتۇرامىغاندىكىن ياتە ! دەپ ياتقۇزۇپلا قوياتتىما مەن ...
پۇل ئاز بوغاندىكى دەپسىز قېرىنداش ! بىز ئۇيغۇرلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا باي ئەمەس . لېكىن ئەزەلدىن غورۇرلۇق مىللەت ، ئاسماندا تور يەردە قاپقان دېگەن فىلىمدىكى جاڭشىخاۋمۇ نامرات بىر تىككۈچى ئىدى ، ئۇ ئەجىبا پۇلدار قىلىنىپ تەسۋېرلەنمەپتىغۇ ! ياپونىيىنىڭ قىززىققانلار مەكتىپى ناملىق فىلىمىنى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئۇ نەق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ئىدى ، كىچىكىمىزدە بىزمۇ ئۇرۇشماقچى بولساق تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدا توخۇ پۇتى تاشلىغاندەك باغقا چىقامسەن دەيتتۇق ، ئۇ يا چىقىمەن ، يا چىقمايمەن دەيتتى ، باغقا چىقساق ئاتامسەن ئاتايمۇ ؟ دەپ سوراپ ئاتاتتۇق مۇشنى . قولغا ھېچنىمە ئالمايتتۇق كۆزگە جان يەرگە ئۇرۇشقا بولمايتتى ئۇرۇشۇشتىن كېيىن بىللە كىرىپ كېتەتتۇق ، بىز ئۇرۇشساق ھەتتا سىنىپتىكى قىزلارمۇ چىقىپ كۆرەتتى ئارىدا ئاداۋەتمۇ قالمايتتى... ئاۋۇ ياپونىيە فىلىمى نەق شۇنداق فىلىم بولۇپ ھەرىكەتلىك فىلىملەرنىڭ ئەڭ نوچىسى دەپ قارايمەن ، بىر خىل چىنلىق بار 1 - 2 - بۆلۈملىرى بار ، 3- بۆلۈمى جەمئىيەتنى تەسۋېرلىگەن بولغاچقا ھۆكۈمىتىمىز چەكلىگەن ، ئاۋۇ 2 قىسمىمۇ بەك ياخشى ranjimayman تورداش سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izdinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 04:07 PM