ئەنئەنىۋى زەمبىرەكلەرنىڭ ئوت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، داۋىنچى 12 كابىللىق بۇ مىكانىك زەمبىرەكنى لايىھەلەپ چىققان. گەرچە بۇ زەمبىرەكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە ئىجادىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ھەمدە زەمبىرەكنىڭ ئوت كۈچى دائىرىسىنى ئاشۇرۇشتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن بىشارەت بېرىلگەن.
3. تورسىمان بومبا
بومبىنى تېخىمۇ زور يوقۇتۇش كۈچىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، داۋىنچى چوڭ تىپتىكى تورسىمان بومبا لايىھەلىگەن. بۇنىڭدا بومبىلار ئەۋرىشىم كەلگەن بىر كانالچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېتىلىدۇ ھەمدە پارتىلاش جەريانىدا پارچىلىنىپ، يوقۇتۇش كۈچى زەمبىرەكنىڭكىدىنمۇ كەڭ ھەمدە چوڭ بولىدۇ.
4. ئورغاق جەڭ ھارۋىسى
بۇ خىل جەڭ ھارۋىسى ھازىرقى برونىۋىككە ئوخشاپ قالدىغان بولۇپ، قەدىمكى دەۋىرلەردىكى جەڭ ھارۋىلىرىدىن ئىلھام ئېلىنغان. بۇ جەڭ ھارۋىسىغا ئايلىنىدىغان ئورغاق سەپلەنگەن بولۇپ، جەڭ مەيدانىدا يېقىنلاشقان كىشىلەرنى بۇردا- بۇردا قىلىپ تاشلايدۇ.
5. <<بومباردىمانچى ئايروپىلان>>
بۇ خىل ئۈسكۈنىگە 16 دانە زەمبىرەك ئوقى سەپلىگلى بولىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، ئۈسكۈنىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا ئۈسكىنىنى باشقۇرۇدىغان رول ۋە چاق ئوقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
6. <<بىرونلىق تانكا>>
داۋىنچى ئۆزى لايىھەلىگەن <<بىرونلۇق تانكا>>نى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: <<مەن پولات قالقانلىق جەڭ ھارۋىسى ياساپ چىقالايمەن؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئوت كۈچىگە تايىنىپ دۈشمەن قوشۇنى ئىچىگە بۆسۈپ كىرەلەيدۇ، ھىچقانداق بىر كىشى ئۇنى چۇۋۇپ تاشلىيالمايدۇ؛ ئۇ ھەم بىخەتەر ھەم ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. پىيادە ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جەڭگە كىرگەندە ۋە ھۇجۇمغا ئۆتكەندە يارلانمايدۇ>>. بۇ ھازىرقى زاماندىكى تانكىنىڭ ئاساسى بولغان.
7. مۇداپىيە سېپىلى
دۈشمەنلەر مۇداپىيە سېپىلىغا ياماشقاندا، سېپىلنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئەسكەرلەر ناھايىتى ئاددىي بولغان بىر پىشاڭدىن پايدىلىنىپ دۈشمەنلەرنى تېز سۈرئەتتە بويسۇندۇرالايدۇ. مۇداپىئە سېپىلىغا شوتا قويۇپ يامىشىۋاتقان دۈشمەن شوتىسى بىلەن بىللە مۇللاق ئاتىدۇ.
8. قورغان
داۋىنچى لايىھەلىگەن بۇ قورغاننىڭ شەكلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىجادىيلىققا تويۇنغان. قورغان مەركىزى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان يادرولۇق ئورۇنغا جايلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئوپئوخشاش بولغان مەركىزى قورغان سېپىلى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق زەمبىرەكلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى بۇرىۋەتكىلى بولىدۇ.
9. مەنچاناق
داۋىنچى بۇرۇندىن ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى جەڭ قورالى مەنچاناقنى ئىسلاھ قىلىپ، مەنچاناقلارنىڭ ئەسلىدىكى تاشياسىنى ئەسلىدىكى بىردىن ئىككىگە كۆپەيتكەن. بۇ ئارقىلىق تاشلارنى تېخىمۇ يىراققا ئاتقىلى بولىدۇ.
10. قولايلىق زەمبىرەك
زەمبىرەكلەر ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۇنى يۆتكەش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. داۋىنچى ئەسلىدىكى زەمبىرەكنى ئىسلاھ قىلىش داۋامىدا ئۇنى سۆكۈپ، قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەپ چىققان. بۇنداق بولغاندا زەمبىرەكلەرنى ناھايىتى ئاسانغا چۈشەتتى.