ئايال ئەر بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرغىنىنى، ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدىگىنىنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن زارلىناتتى. بىر قېتىملىق ئارام كۈنى ئايال ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتتى ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئاۋۋالقىدەكلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەنلىكىدىن قاقشاپ بەردى. ئانا كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى.
تاماق ۋاقتى، ئانا ئىشكاپتىن بىر قانچە قاچىنى ئالدى، بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە داتلاشماس پولاتتىن ياسالغانلىرى، نەپىس ساپالدىن ياسالغانلىرى ۋە قوپال ساپالدىن ياسالغانلىرى بار ئىدى. ئانا:
- قىزىم تاماق ئۇسقىن,- دېدى.
بۈگۈن ئۆيدە تۆت ئادەم تاماق يەيدىغان بولۇپ، ئايال ئەڭ چىرايلىق تۆت قاچىنى تاللاپ تاماق ئۇستى. ئايال تاماقنى قولىغا ئالغاندا، ئانا:
- قىزىم، سەن بايقىدىڭمىكىن، سەن قولۇڭغا ئالغان تۆت قاچا بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىقى، لېكىن ئاۋۇ قوپال ساپالدىن ياسالغان قاچىلاردىمۇ تاماق يېگىلى بولىدۇ. لېكىن سەن ئۇ قاچىلارغا قاراپمۇ قويمىدىڭ قىزىم. ھەممە ئادەم شۇ چىرايلىق قاچىدا تاماق يېگۈسى كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ نورمال ئەھۋال.
ئايال بۈگۈن ئانىسىنى <<نىمانداق تولا گەپ قىلىدىغاندۇ ?>>دەپ ئويلىدىيۇ يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن ئانىسىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى. ئانا توختىۋىلىپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:
- بۇمۇ ھەم سېنىڭ ھەمىشە بەختسىزلىكىڭدىن ئاغرىنىشڭنىڭ سەۋەبى. بىز تاماق يېگەندە، بىزگە لازىمى تاماقنىڭ ئۆزى، قاچىنىڭ چىرايلىقلىقى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەمەلىيەتتە، نىكاھنىڭ سىرتى بىز تاماق يەۋاتقان قاچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىرايلىق ياكى بولماسلىقى ئۇ بىر شەكىللا خالاس. مۇھەببەت قاچىنىڭ ئىچىدىكى تاماقتۇر. تاماقنىڭ تەملىك ياكى ئەمەسلىكى قاچا بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇڭلاشقا، مەيلى سەن سەت قاچىدا تاماق يە، ئەگەر ئۇ مۇھەببەت بىلەن تولغان بولسا، سەن پەقەت قاچىغا ئۇنچىۋالا قاراپ كەتمىسەڭ، سەن يەنىلا ئوخشاشلا بەختنى ھىس قىلالايسەن.
ئايال ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانىنىڭ گېپىنى تولۇق چۈشىنەلمىدى. بىر كۈنلەردە ئايال قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ئەر دوختۇرخانىدا كېچە-كۈندۈز ئايالدىن ئايرىلماي ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئايالنىڭ كېسىلى ئۈچۈن ئەر ئۆينى سېتىۋەتتى، ئايال بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى.
ئايالنىڭ كېسىلى ئاخىرى ساقايدى. ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە كىشىلەر ھەمىشە ئەرنىڭ ئايالنى قولتۇقلاپ سەيلە قىلىۋاتقىنىنى كۆرەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيى يوق باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئايال كۈندە ياۋا گۈللەرنى، يېشىل ئوت-چۆپلەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كېتەتتى. چۈنكى ئايال ئەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردا ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىلاتتى.
بىر كۈنى، ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىدىن سورىدى:
-قىزىم، سەن يەنىمۇ ئۆزەڭنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن زارلىنامسەن؟
ئايال سالماقلىق بىلەن:
-ئانا، ئۇ يېنىمدا بولسىلا، مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىمەن، مەن ئەمدى چۈشەندىم، نىكاھ راسىتتىنلا بىر قاچىغا ئوخشايدىكەن، مۇھەببەت ئۇنىڭدىكى تاماقكەن، بۇ مۇھىم ئەمەسكەن، مۇھىمى بۇ قاچىدا تاماق بار-يوقلىقى ئىكەن!
بۇ قېتىملىق ئېغىر كېسەلدىن كېيىن ، ئايال قاچا ۋە تاماق توغرىسىدىكى بۇ ھېكمەتنى چۈشەنگەن ئىدى. قاچا، مەيلى قانچىلىك چىرايلىق بولۇپ كەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدا تاماق بولمىسا، ئۇ بىباھا گۆھەر بولۇپ كەتسۇن، ئۇ يەنىلا قۇرۇق. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا، ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا، ئۇلار قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار يەنە قايغۇنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى پەقەت مۇھەببەت بولغاندىلا، تاماققا ئوخشاش، بىزنىڭ نىكاھتىكى "ئاشقازىنىمىزنى"تويغۇزالايدۇ ۋە بىزگە تۇرمۇشنىڭ ئاددىي ۋە بەختلىكلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
مەنبە :‹‹نۇر تورى››دىن مېھراي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ayguzal1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 12:37 AM