مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: شورلۇق

چېقىر ئۈجمە (پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103707
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 12:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز  ھارمىغاي  قېرىندىشىم  

سېنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭ ،دەل  سەن  بۇرۇن  باشقىلارغا  ئاتا  قىلغىنىڭدۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 10:58:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5
كۆلنىڭ بويىدىكى بىر تۇپ چېقىر ئۈجمىنىڭ غولىغا 4-5 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتى، شاخلىرى تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ ، ئىككى مو ئەتراپىدىكى يەرنى ئىگىلەيتى، قارىماققا بۇ چېقىر ئۈجمە بۇ كۆلنىڭ ئۈسىتىگە يېيىلغان غايەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشايتى. ئۈجمىنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى .  بەلكىم  100 يىل بولغاندۇ ياكى 200 يىل بولغاندۇ ۋەياكى 300يىلدىن ئاشقاندۇ ، بىلىدىغانلار ئالىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ چېقىر ئۈجمە كېلەر يىلى قۇرۇپ كېتەر ۋەياكى يەنە 100يىل ياشار ، ھەتتا 200 يىل ياشار ھەتتاكى 300يىلدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق .چېقىر ئۈجمىنىڭ سايىسى ئاستىدا  قاسىم زىيالى بىلەن رۇزەك سەتىراچ سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى . قىسقىسى بۇ چېقىر ئۈجمە ئۇزاق تارىختىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنتى. تالايلىغان قىسمەتلەرگە گۇۋاھ ئىدى.
ئەخمەت تۈلكە بېشىنى يەرگە سالغىنىچە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنى كۆرگەن قاسىم زىيالىنىڭ بەدەنلىرى غۇژژىدە تىكەنلىشىپ ، پۇت-پولى تىترەپ كەتتى ، قوشۇمىللىرى تۈرۈلدى ، مۇشتۇمىللىرى تۈگۈلدى.رۇزەك سەتىراچنىڭ كۆزلىرى پاقىراپ ، چىشلىرى بىر-بىرىگە تېگىشىپ غىچىرلاپ كەتتى.
-بۇ نائەھلىنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.
- بۇ تۈن چاشقىنى نۇرغۇن ياخشى ئادەملەرنىڭ بېشىغا چىقتى.
-بىر ئېغىز سۆزۈڭ بىلەن يوقاتقان ئادىمىڭنى مىڭ ئېغىز سۆز بىلەنمۇ قايتۇرىۋالالمايدىكەنسەن.-رۇزەك سەتىراچ شۇنداق دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كىرپىكلىرى سۇغا چىلانغان قىياقلاردەك نەلىشىپ كەتتى.
- مۇشۇنداق مەرەزلەرنىڭ كاساپىتىدىن قاچانغىچە يۈرەكلەر سۇ ياشارمىزكىن  تاڭ؟
-ئاشۇنداق كۆڭلى قارا گۇيلارنىڭ خاپىلىقىدىن ئوڭ باشلىغان ئىشلىرىمىزمۇ تەتۈر .
-ئۆز-ئارا ئامەت ، بەخت ساڭا يار بولسۇن دەپ بىر-بىرىمىزگە خاتىرجەملىك تىلىشىدىغان چاغلار كەلمەسكە  كەتتىمۇ ئەمدى  ئۇكام قاسىم ؟ .-رۇزەك سەتىراچ شۇنداق  دېگىنىچە قاسىم زىيالىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى سۈيى تارتىلغان دېڭىزغا ئوخشاپ قالغانتى. ئۇسسۇزلۇقتىن ، قورۇمىچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەردىدىن باغرى چاك-چاك بولۇپ يېرىلىپ كەتكەنتى.
- بىر-بىرىگە  خوشاللىق ، خاتىرجەملىك ، غەلبە  ئەمەس ، قايغۇ-مۇسۇبەت ، مەغلۇبىيەت ، سورۇقچىلىق تىلىشىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدىغۇ-تاڭ ، ھازىر.-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە باغرىنى شامالغا كەڭرى  ئېچىۋەتتى ، شۇئان يۈرىكىگە شامال ئۆتۈشىپ كەتتى.
-نۇمۇس قىلماي باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭكى قىلىۋالىدىغانلار ، يەپ-ئىچىشنى ، ئويۇن-تاماشانى ئالىي نىشان قىلغانلار ، ئىچىدە يىلان ماڭىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىپتۇ ، قاسىم بۇنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ قورقۇنچلۇق .- نۇرغۇلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رۇزەك سەتىراچ شۇنداق دېگىنىچە ئېغىر ئۇھ تارتتى. قاسىم زىيالى ھاياتنىڭ نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچكۈرگەن بوۋاينىڭ مىسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئارمانلىق چىرايىغاتۇيدۇرماستىن قاراپ قويدى . ئۇنىڭ داۋاملىقلا ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان كۆزلىرى قاسىم زىيالىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىۋەتتى. بوۋاي 90 ياشلارغا ئۇلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئاتا مىراس كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ جېنىنى جان ئېتىپ كېلىۋاتاتتى. بوۋاي بۇ دۇنياغا كېلىپ تۈزۈك خوۋلۇق كۆرمىگەنتى . ئۇ مەيلى يېشى چوڭىيىپ قالسۇن ، مەيلى خوۋلۇق كۆرمىسۇن ئەقلى ئويغاق ، زېھنى ئوچۇق ، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، ھەق-ناھەق قارىشى ئايدىڭ بوۋاي ئىدى.تۇرمۇشى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتسىمۇ شۈكرى-قانائەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ، كۈنلەرنى قانائەتچانلىق بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك چىرايىغا قاراپ قاسىم زىيالىنىڭ كۆڭلى بۆلەكچىلا يېرىم بولۇپ ، يۈرىكى ئۆڭۈپ ، لەۋلىرى بىلىنەر بىلىنمەس تىترەپ كەتتى. ئەمدى بوۋاينىڭ چىرايىدىن قىز باغرىغا ئوخشاش چوغدەك تۇيغۇلارنى زادىلا تاپقىنى بولمايتى.بۇ يەردىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ زادى نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تازا دېگەندەك چۈشۈنەلمىگەچكە  كۈنلىرى سېرىقتال ئىدى. نادانلار ئاقىللار ئۈستىدىن ماراقچىلىق قىلاتتى. كۆپلىرى بىر-بىرىنىڭ گېپىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويۇشمايتى. شۇ سەۋەبلىك يورۇقلۇقتىن ئايرىلىپ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. مۇشۇنداقلا بولىۋېرىدىغان بولسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ، بىر-بىرىنى تۇونۇيالمايتى ھەتتا ئۆزىنى ئۆزى تونۇيالمايتى.بىكارچىلىقنىڭ ئادەمنى ئىچى-ئىچىدىن تۈگۈتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى چامى يېتىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، لاغايلاپ يۈرۈشمەيتى ، قۇرۇقتىن-قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇشمايتى.  
مۇئەزىنلەرنىڭ ياڭلىق ، يېقىملىق، مۇڭلۇق ئەمما سۈرلۈك ئاۋازلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئاڭلىنىشقا باشلىغاندا ئۇپۇق ئەمدىلا ئاقارغانتى. خورازلارنىڭ بەس-بەس بىلەن چىللاشلىرى ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ، قوي-كالىلارنىڭ مەرەپ – مۆرەشلىرى ، ئىت ، ئىشەكلەرنىڭ قاۋاپ ، ھاڭراشلىرى بۇ خىلۋەت ماكاننى شىرىن ، تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋەتتى. غىچىرلاپ ئىشىكلەر ئېچىلىپ ، ھويلىلاردا ، كوچىلاردا  كالتە-كالتە يۆتەل ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئاسمان ئاقىرىپ يۇلتۇزلار شالاڭلاشقا باشلىدى. بۇ مەھەلىنىڭ ھاۋاسى ساپ ئىدى . ئادەملەرنىڭمۇ كۈلكىسى ، يىغىسى ھەقىقى ھەم ساپ ئىدى. بۇ يەردىكى ئادەملەر تەبىئەتنىڭ كۈلدىرىدىغان ھەم يىغلىتىدىغان كۈنلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن دادىل يۈزلىنەلەيتى. بۇ مەھەللىنىڭ ساپ ھاۋاسى ، تەبئى مۇھىتى ئۇلاردا غائالاھىدە بولغان چىدام ۋە غەيرەت يېتىلدۈرگەنتى. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ قەلب گۈلزارلىقى ئادىمىيلىك سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئەتراپىغا خۇشپۇراقلارنى چېچىپ تۇراتتى. ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى چۇڭقۇر ھەم ساغلام ئىدى.بۇ يەردىكى كىشلەردە قۇياشنىڭ ئىللىقلىقى ، تەبىئيەتنىڭ ئىناقلىقى بارتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر خىل سۈزۈك نۇر تارىلىپ تۇراتتى. ئىنسانىيلىق ئۇلارنىڭ گۈلتاجى ، ئىنساپ ئۇلارنىڭ قىممىتى ئىدى. بىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسە چوقىسىدىن بىر ئوت كېرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك ئازابلىناتتى. يۈرەكلىرى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشاتتى ، بەدەنلىرى تىترەپ ، كۆڭۈللىرى تاشقا تەككەن چىنىدەك پارە-پارە بولۇپ كېتەتتى.
- ھۇ خانلىرىم ، يامان بولىدۇ ، ئاۋۇ ئۇياتلىق يەرلىرىنى يېپىپ يۈرۈشسىلە، قاقاقلاپ  كۈلىشمىسىلە.
مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىدىن كېلىۋاتقان ھاجى خېنىم دوقۇمۇشتىكى تۇربىدىن چىلەك ، چاينەكلىرىگە سۇ ئېلىشىۋاتقان قىز-چوكانلارغا قاراپ شۇنداق دېدى.قىز –چوكانلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ مەيدىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئوچۇق بولسا، بەزىللىرىنىڭ ئاپپاق پاقالچەكلىرى سۇدىن ئېلىۋېتىلگەن بىلىقنى ئەسلىتەتتى. دۇقمۇشنىڭ قارىشى تەرىپىدىكى دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرغان بىر ئايال ھاجى خېنىمنىڭ گەپلىرىنى زادىلا كۆڭلىگە سىغدۇرالمىدى . « باشقىلارنىڭ قانداق كېيىنىشى بىلەن خەقنىڭ كارى . كىم بىلمەيدۇ ئۇنىڭ بۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى . نۇرغۇن ئائىلىنى بۇزدى ، نۇرغۇن ئەرنى تاپتىن چىقاردى ، نۇرغۇنلىغان ، قىز-چوكانلارنى ئازدۇردى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ، تۇرۇپلا ئۆتكەن يىلى ھەج قىلىپ كېلىپ  باشقىلارغا پەندى-نەسىھەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سېپىپ يۈرسە ئەجەپ قىزىقارلىق بولىدىكىنە؟ . كونىلارنىڭ جالاپ قېرىسا بۈۋۈم بولىدۇ دېگىنى شۇمىدۇ –يا؟ » سۇپىدا ئولتۇرغان ئايال شۇلارنى ئويلاپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى. بۇ چاغدا ھاجى خېنىم يەنە بىر دوقمۇشتىن قايرىلىپ بولغانتى.
****        ****                         ****
-        قۇياش قۇياشقا ئوخشىماي قالدى.
-        ئەر ئەرگە ئوخشىماي قالدى.
-        ئايال ئايالغا ئوخشىماي قالدى.
-        سۇ سۇغا ئوخشىماي قالدى.
-        ھاۋا ھاۋاغا ئوخشىماي قالدى.
-        توي تويغا ئوخشىماي قالدى.
-        ئۆلۈم ئۆلۈمگە ئوخشىماي قالدى.
-        دادا دادىغا ئوخشىماي قالدى.
-        ئانا ئانىغا ئوخشىماي قالدى
-        بالا بالىغا ئوخشىماي قالدى.
-        قىسقىسى خېلى بولدى مەن ئۈچۈن خشاللىق خوشاللىققا ، ئازاب ئازابقا ئوخشىماي قالدى.
-        تىلىمۇ ، دىلىمۇ سۆزلەيدىغانلارنى ئۇچراتماق تەسلىشىپ كەتكەندە ھەممە نېمە شۇنداق ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ.
  ئاخۇن سوكو بىلەن توختى سىكىلەك  سۆزلەشكىنىچە كېلىپ چېقىر ئۈجمە سايىسىدا ئولتۇردى. تۇدى كاشىلا كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى.
-ئوخشامدۇ ، ئوخشىمامدۇ نېمە كارىمىز – دېدى ئاخۇن سوكو كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە. ئۇ كۆزلىرىنى شۇنداق داۋاملىق چىمچىقلىتىپ تۇراتتى.
- كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ.-دېدى توختى سېكىلەك ئۇنى بۈگۈنلا كۆرىۋاتقاندەك  ھەيرانلىق ئىچىدە.
- كارىمىز بولسا نېمە بولىدۇ ، بولمىساچۇ؟.
- كارىمىز بولمىسا بىز ھالاك بولۇپ كېتىمىز.
- كارىمىز بولسىمۇ ھامان بۇ بىر كۈنى ھالاك بولۇپ كېتىمىزغۇ ؟.
- سەن گەپنى ئويلىماي دەۋېرىدىكەنسەن.
- نېمىگە ئاچچىقلىنىسەن ، بۇنداق ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاچچىقلىنىش ئەقىلنى كېسېۋىتىدۇ.
-ئۇنداق بولسا سېنىڭچە توختىماي پاسكىنىچىلىق قىلىپ يۈرگەن بىر ئايال ، بىر سەكرەپلا تۆرگە چىقىۋالسا بولامدۇ دەيمەن.
-خۇدا ئىنساپ بەرگەندۇ.
-دېگىنىڭدەك بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
- نېمىلا دېمەيلى نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى.
- مەينەتچىلىكنىڭ كاساپىتى.
- يالغانچىلىقنىڭ ، ئەقىدىسىزلىكنىڭ كارامىتى.
-ئادەمنىڭ ھاياتى تېپىشماق ھەم ھېكمەتلەر  تولغان بولىدۇ.
- توغرا دەيسەن تېپىشماقلارنى يىشىپ ، ھېكمەتلەرنى چۈشەنەلىگەنلەر ئۆمۈر بېغىنى گۈللەرگە تولدۇرۇپ ، ھاياتىنى قىممەت تاپقۇزالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ھەر بىر باسقان قەدىمىدىن ئازغان، تىكەنلەر ئۈنىدۇ.
-بەخت دېگەن خۇددى چۈشكە ئوخشايدىكەن.
-ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى بەخت ئىزدەپ ، بەخت بىلەن مۈكۈشمەك ئويناپلا كەپتىمەن.
- مەن بەختنى ئەسلىمىللىرىم ئىچىدىنلا ئىزدەپ كەپتىمەن سەن چۇ؟ .
- چۈشۈمدىنلا بەخت ئىزدەپ كەلدىم.
-بەخت دېگەن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ قەلبىدىلا.
- بەخ ھەر قانچە سۆيۈملۈك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەكس ئازاب-ئوقۇبەت ، بالا-قازا .
- شۇڭا بالا قازادىن ئۆزۈڭنى قوغداشنى ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر قىلىشنى بىلىۋالغىن.
- بەخت دېگەن بۇ كىسپۇرۇچ مۈكۈشمەككە ئوخشايدىكەن . مۈشكۈلاتقا يولۇققاندا « ئەلھۆمىلىللا » دىيەلىسەكلا كۈلپەتلەرنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن قۇتۇلالايدىكەنمىز.
بۇيەردە بۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى تىڭشايدىغانلار يوقتى.پاراڭچىلار ، پاراڭخۇمارلار تېخى يېتىپ كېلەلمىگەنتى، كېلىش ئۈچۈن تەرەتدۇت قىلىۋاتقاندا، ياكى يولغا چىقىپ بولغاندۇ، كېلىۋاتقاندۇ. ياكى بولمىسا بۈگنچە كەلمەس بولۇپ ئۆيلىرىدە يانپاشلاپ ياتقاندۇ، تاتلىق ئويقۇدغا كەتكەندۇ ، شىرىن چۈش كۆرىۋاتقاندۇ ، قارا بېسىپ ئويغىنىپمۇ كەتكەندۇ. ۋەياكى بولمىسا كېلىپ كېتىپمۇ بولغاندۇ.
ئالدىنقى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە تامنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن غەيرەت ، بۇلتۇرقى كەلكۈندە يوقاپ كىتىپ جەسىدىمۇ تېپىلمىغان نامەت ، تۈگمەنگە كېتىپ بارغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. تۈگمەنگە كېتىپ بارغۇچى تۇرۇپلا ۋەھىمىگە چۈشۈپ ، چىكىللىرىدىن تەر تۈكۈلۈشكە باشلىدى. ئىككى تەرىپىدىكى زومچەك-زومچەك قەبرىلەر ئۇنىڭ ۋەسۋەسە ، ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋېتىۋاتتى.
ئىت بىلەن ئادەمنىڭ ، چايان بىلەن ئادەمنىڭ ، ھەرىلەر بىلەن ئادەمنىڭ ، ئىشەك بىلەن ئادەمنىڭ پەرقىنى تالىشىپ كۈننى كەچ قىلىۋېتىپ ، ئەتىسىمۇ يەنە تالىشىشنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدىغان توپا چىراي ئادەملەر پات-پات يۇنۇس قاغىنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇ بۇنداق چاغدا مەمەت قۇيۇننىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ئېغىر خۇرسىنىپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئايغىچە  شۇ مەسىلىنى تالاشقىنى ئويلاپ  تۇرۇپلا كۆڭلى يېرىم بولسا ، تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ياشلىقىدا قلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن خىجىل بولۇپ  ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ، ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسە ئاسمان يىراق  .  كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا  ھەۋەس بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارايدۇ. « مەن ئۆلگەندە يەر مېنى قوينىغا ئالارمۇ ؟» بۇ خىيال كۆڭلىدىن كېچىشى ھامان پۈتۈن بەدىنى سوغۇق بىر تىترەك چىرمىۋالدى.
-        ئەخمەت ئۆلۈپ كېتىپتۇ ، يۈرۈڭلار نامىزىغا بېرىپ كېلەيلى .
-        قايسى ئەخمەت؟.
-        ئوتتۇرا مەھەللىدىكى  قاسىم كاناينىڭ بۇلتۇر كۈزدە تۇرمىدىن چىققان بالىسى ئەخمەتچۇ؟.
-        ساپ-ساقلا يۈرمەمتى؟.
-        مەن تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن.  بازاردىن تاۋۇز ئېلىپ يېنىپتىكەن .
-        ئۇنداق بولسا نېمە بولغاندۇ؟.
-        ئۇقمىدىم.
-        يېقىندىن بۇيان ئورۇقلاپ ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، چىرايى سارغىيىپ  كېتىپتىكەن .
-        كۆرىدىغان كۈنى پۈتكەن گەپ.
-        رىسىقى تۈگۈگەن گەپ.
-        ئۆلۈم دېگەن قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسدا .
-        شۇنداق ، ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار بۇ قارا كۈن.
ئادەملەر ئەخمەتنىڭ نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىردىن ئىككىدىن ھەتتا توپ-توپ بولۇپ تىز-تىز قەدەملەر بىلەن كېتىشىۋاتماقتا. چېقىر ئۈجمە سايىسىغا يىغىلغانلارمۇ ئوتتۇرا مەھەللىگە قاراپ قەدەم يۆتكەشتى. چېقىر ئۈجمە ، كۆل سۈكۈتكە چۈمدى. بۇيەرنىڭ سۈكۈتىنى بۇزىدىغانلار مىھىت نامىزىدىن تارقىشىپ بۇ يەرگە كېلىشەر ياكى ئۆيىگە تارقىشىپ كېتەر . ئەمما  ئەتە يەنە كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئەتىسىمۇ كېلىدۇ... چېقىر ئۈجمىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ، خىيال سۈرىشىدۇ ، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىشىدۇ ، بىر-بىرىگە يول قويۇشماي ، بىر-بىرىگە قايىل بولۇشماي گەپ تالىشىشىدۇ . توپا چىراي ئادەملەرنىڭ توپا تۈكۈلۈپ تۇرىغان گەپلىرى كۆل بويىدا ، چېقىر ئۈجمە ئاستىدا يەنە داۋاملىشىدۇ.ئۈجمىنىڭ سايىسى كۈنلۈكتەك يېپىپ تۇرغان بۇ كۆلنىڭ بويىدا توختى ياۋاش مانا بۇ شېئىرنى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدۇ. بەلكىم ئۇ بۇ شېئىرنى بەك ياخشى كۆرسە كېرەك . لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن  « نېمىشقا بۇ شېئىرنى كۆپ ئوقۇيسەن ؟ » دەپ سوراپ باقمىدى، بەلكىم سورغىسى كەلمىگەندۇ . ئەگەر سوراپ قالسا ئۇ نېمە دەپ جاۋاپ بېرەركىن –تاڭ؟. بۇنى   خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئۇ قانداقلا جاۋاپ بەرمىسۇن بۇ شېئىرنى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن بەك ياخشى ئوقۇيدۇ . شۇنداقكەن ئۇنىڭ بۇ  شېئىرنى  بەكمۇ ياخشى كۆرىشىدە گەپ يوق. توختى ياۋاش ھەر كۈنلىكى ھىچ بولمىغاندا بىرەر بەت بىر نەرسە ئوقۇمىسا ياشىيالمايدىغاندەك ، كۈنلىرى ئۆتمەيدىغاندەك قىلاتتى. كۈن بارغانچە تىكلەشمەكتە ، ئۇ توختىماي ئوقۇماقتا .
ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯨﺪﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ،
ﺧﻮﺵ ﻛﯧﻠﯩﭙﺴﯩﺰ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
ﺩﻩﺳﺘﺨﺎﻧﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﯕﺎ،
ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻳﻪﻧﻪ، ﺩﻩﻣﻤﯘ - ﺩﻩﻡ.

ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯩﭽﻘﺎﭼﺎﻥ.
ﮬﻪﻡ ﻳﯩﮕﯘﺯﺩﯗﻡ ﺗﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﻧﻐﯘﭼﻪ،
ﺑﺎﻍ-ﯞﺍﺭﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﺘﯩﻢ، كۈتتۈﻡ،
ﺋﯘ ﻳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ.

ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺳﯧﻠﭗ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﭘﻮﻟﻮ-ﮔﯚﺵ ﻳﻪﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﯨﻤﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ،
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪىن.

ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﯘ،
ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻤﻪﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ.
ﺑﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﯘﻟﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ،
ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰ ﺟﺎﻧﻨﻰ.

ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻗﺴﺎﻡ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘ،
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ.
ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﺘﯘﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ.

ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎﻡ-ﻳﻮﻟﻼﭘﺘﯘ ﺋﯘﻧﻰ،
ﺋﺎﺗﺎﯓ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﺎﭘﻘﯩﻦ ﺩﻩﭖ.
ﺋﺎﺑﻰ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻮﺯﯨﻐﺎ،
ﺋﯩﻨﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚيىن ﺗﺎﭘﻘﯩﻦ ﺩﻩﭖ.

ﺋﯘﻣﯘ ﺗﯚﺭﺩﯨﻦ ﭼﯘﺷﻤﯩﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ،
ﻣﻪﻥ ﻳﻪتكۈزدۈﻡ ﺗﯘغقاﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ،
ﺗﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻏﯩﯔ-ﭘﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ،
ﺳﯩﺮ ﺗﯘﺗﻤﯘﺩﯗﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﯧﺮﯨﻘﻨﻰ.

ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﺎ مېھمان،
ﻗﻮﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯚيۈﻣﺪىمۇ؛
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﻯ ﻛﯚﭘﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ،
ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﭼﺎﻱ-ﺳﯜﻳﯩﻤﺪىمۇ.

ﮔﺎﮬﻰ ﻓﺎرىس، ﮔﺎﮬﻰ ﺋﻪﺭﻩبىي،
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻡ.
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻝ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﺧﻮﺵ-ﺧﻮﺵ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﺎﯕﺎ ﺩﻩﻣﻤﯘ-ﺩﻩﻡ.

ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ،
كۆڭلۈممۇﺋﺎﻕ، ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻤﯘ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ؛
ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯓ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﮔﯘﯞﺍﮬ ،
ﻗﯘﺷﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻗﻮﻧﺪﺍﻕ!
  تۇخۇم ساتىدىغان ھېلىقى ئادەم ، ھويلىسىدا مىكىيانلىرى بىلەن چۆجىللىرىگە دان بەرگەن ھېلىقى بالىنى ئەزەلدىن تونۇمايدۇ. ئۇ بالىمۇ تۇخۇمچىنى بۇرۇندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان. « ئادەمنىڭ ئادەم بولمىقى نەچچە ئون يىل. ئەمما ھايۋان بولمىقى بىردەملىكلا ...» جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن كىر-قاسماق كىيىملىرىنى ئۈستى-ئۈستىگە كېيىۋالغان چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ  چاڭگىلىشىپ كەتكەن ، شەنبە بازاردا تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى تىلەمچىنىڭ ئۇ گېپىنى ، تۇخۇم  ئېلىۋاتقاچ ئاڭلاپ قالغان بالىنىڭ    قۇلاق تۈۋىدە تابۈگۈنگىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.« تىلەمچىنىڭ بۇ نېمە دېگىنىدۇ؟ ..» بالا  پات-پات شۇنداق ئويلاپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى بىلەلمەي تولىمۇ تىت-تىت بولىۋاتقىنى بالىۋالغىنى بولىدۇ. « بىردەمنىڭ قەدرىنى قىلالمىغان ئادەم ، ھەر بىر چاغنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيدۇ .»  تىلەمچىنىڭ ،  بالا ئۇزاتقان پۇلنى ئېلۋېتىپ دېگەن بۇ سۆزىنى ئۇ  تابۈگۈنگىچە ئۇنتۇيالماي كەلدى. بالا  تىلەمچىنىڭ تۇخۇچى بەرگەن بەش يۈئەننى ئېلىۋېتىپ « مەن بەش كويدىن ئەللىك كويغا بەك ئامراق » دېگىنىنى پات-پات ئەسلەپ ئۆزىچە كۈلۈپ كېتەتتى.دەرھال كۈلكىسىنى توختىپ ئەتراپىغا قارايتى. ئادەم يوق بولسا كۆڭلى خېلى جايىغا چۈشۈپ قالاتتى.بالىنىڭ بۇرىتى ئەمدىلا خەت تارتقان بولۇپ يۈرىكىگە ئارمانلىق شىرىن ھىسلارنىڭ تولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۈندىن-كۈنگە نۇرلىنىپ كېتىۋاتقان چىرايىدىن بىلگىنى بولاتتى. ؟ « ئەرنىڭ ئاشنىسى ، خوتۇننىڭ ئوينىشى...» دېگەندەك گەپلەرنى تۇخۇم سېتىۋالغان بالا قېچىپ كەتكەن ئىشەكنى ئورمانلىقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ھېلىقى كۈندىن باشلاپ خىرە-شىرە بولسىمۇ ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ قوشنىسىنىڭ قىزىغا ئوغۇرلۇقچە قارايدىغان ، ئۇنى پات-پات ئويلايدىغان ، كېچىللىرى خىيال قىلىپ بىركەملەرگىچە ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى.
بالا ئوتخانىسىدىكى قويلارغا ئوت سېلىپ بېرىۋاتاتتى  قاياقتىندۇر قاناتلىرىنى سىلكىپ ئۇچۇپ دېگۈدەك كەلگەن بىر چار خوراز ئوقۇرنىڭ ئالدىغا چۈشكەن قوناق دانلىرى بىلەن دانلاۋاتقان مىكىياننى بىردەم قوغلاپ، ئۇنىڭ  قارىشىلىقىغا قارىماي ئۈستىگە چىقىۋالدى. شۇئان بالىنىڭ ئېسىگە كىچىك چاغلىرىدا قوشنىسىنىڭ قىزى بىلەن لايدا قازان- چۆمۈچ ، قاچا-قۇچا ياساپ ئۆي ئوينىغان چاغلىرى كېلىۋالدى.بۇ تولىمۇ ئاددى ئىشلار بولسىمۇ بالىنىڭ يۈرىكىنى چوغدەك كۆيدۈردى. چىرايىغا خوشاللىق يۈگۈرتتى.قەلبىدە ئاجايىپ بىر تاتلىق سىزىم پەيدا قىلدى. ئىچىدىكى ھاياجىنى تېشىغا تېپىپ چىقتى.شۇ كېچىسى بالا قوشنىسىنىڭ قىزىنى چۈشەپ قالدى. قىز رومىلىنى ئىڭىكىدىن باستۇرۇپ چىگىپ ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ يۈرەتتى. يىگىت ئويغانغاندا كالتە ئىشتىنى ھۆل بولۇپ كەتكەنتى. ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدى. لېكىن ئاجايىپ بىر تاتلىق سىزىم خىلى بىر كۈنلەرگىچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ تۇردى. ھەر قېتىم قوشنىسىنىڭ قىزىغا قارىسا يۈرىكى بۆلەكچە تىپچەكلەپ ، قىلارغا سۆز تاپالماي قالاتتى. « چىرايى قارامتۇل ، كۆزلىرى نۇرلۇق ، لەۋلىرى سۈزۈك قىزنىڭ لەۋلىرى تاتلىق ، مېھرى ئوتلۇق بولىدۇ.» بىر قېتىم ئۆزىدىن چوڭ بالىلارنىڭ شۇنداق دېيىشكىنى يادىغا يىتىشى بىلەن تەڭ تۇخۇم سېتىۋالغان بالىنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن ئويناپ كەتتى. قوشنىسىنىڭ قىزى كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ ،  ئۇنىڭغا قاراپ ئاۋال ئوڭ كۆزىنى قىسىپ ، ئارقىدىنلا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ ئارقىسىغا شارتتىدە ئۆرۈلۈپ  دەرۋازىسىدىن ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى. لېكىن قىزنىڭ كۆزلىرىنى قىسىشلىرى ، پىسىڭڭىدە كۈلۈشلىرى يىگىتنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىتنىڭ ئەسلىمە ، ئوي-خىياللىرى بارا-بارا كۆپۈيىشكە باشلىدى. ئىشەك پات-پات ئورمانلىققا قېچىپ بېرىۋالىدىغان بولىۋالدى  ، يىگىت ئەككىلىپ تۇردى.
-ياسىن مەدەكنىڭ خوتۇنى ئىككى بالىسىنى تاشلاپ ، باشقا بىرى بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ.
- يوقۇلاڭ گەپنى قىلماڭلار ئاداش ، ئېرى بار خوتۇننى ئېلىپ قاچقان قانداق ئىمانسىزكەن ئۇ؟.
-بۇ خوتۇننىڭ ئانچە –مۇنچە مىشمىشلىرىنى ئېڭلاپ قالغانتىم ، ئاخىرى ئۆينى ۋەيران قىلىپ ، ئېرىنى يەر قىپتۇ-دە؟.
- مۈشۈك ئۆزى ئاشنا تېپىپ ، ئۆزى جار سالىدۇ دېگەن مانا مۇشۇ.
- بۇ مەھەلىمىزدىن چىققان ، بۇ يەردىكىلەرنىڭ يۈزىگە چېپىق ، ئەرلەرگە ئاھانەت بولغان بىر رەسۋالىق بولدى.
- خوتۇننىڭ نەگە بارغان ، نېمىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇرمىسا ئاخىرى شۇنداق چاتاق چىقماي قالمايدۇ.
- تازا ئوبدان بولۇپتۇ ، ئۆزى ئۆيدە بالا بېقىپ ئولتۇرۇپ ، خوتۇنىنى پۇل تېپىشقا قويۇپ بەرگەندىكىن.
پاراڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدى. توختى ياۋاشنىڭ ئاۋازى ئۇلانىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەنتى.
-« بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر چارۋىچىنىڭ بىر ئارتان ( چىشى تۈگىسى) ى بىر جپ بوتىلىقىنى ئەگەشتۈرۈپ  ئوتلىغىنى چىقىپتۇ. ئەمىلىيەتتە قىش كۈنلىرى قۇملۇقتا ئوت-چۆپلەر بولمىغاچقا ئانا تۈگە توڭلاپ كەتكەن توپا ئاستىدىن ، ئوت-چۆپلەرنىڭ يىلتىزلىرىنى كولاپ چىقىرىپ بوتىلاقلىرىغا بىرىپتۇ. ئۇلار ئادەتتە ئوتلىغىنى چىقسا يىراقلارغا بارمىغاچقا ، ئىگىسى خاتىرجەم ئىكەن.
بىر كۈنى قاش قارايغان چاغدا شىۋىرغان چىقىپ  بىر پەستىلا ئالەمنى بورانلىق قار قاپلاپ كېتىپ ، ئانا تۈگە ۋە بوتىلاقلىرى يولدىن ئېزىپ قاپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە قوتانغا قاراپ ماڭدۇق دەپ ، قوتاندىن بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ئانا تۈگە بىر دەرەخنىڭ ئاسىتىغا چۆكۈپ بوتىلاقلىرىنى قولتۇقلىرى ئارىسىغا ئېلىپ سوغۇقتىن قوغداپتۇ. قار بارغانسىرى قېلىنلاپ ، بىر مىتىردىن ئېشىپتۇ .سوغۇق قاتتىق كۈچۈيۈپتۇ.
شۇ كېچىسى ئانا تۈگە مىدىر-سىدىر قىلماي بوتۇلاقلىرىنى سوغوقتىن قوغداپ يېتىپتۇ. ئۈستىدىكى قار بارغانسىرى قېلىنلاپ ، سوغۇق بەدىنىگە نەشتەردەك سانجىلىپ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئانا تۈگە بەدىنىڭ مۇزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، سوغۇقنىڭ ئاستا-ئاستا جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىپتۇ. شۇنداقتىمۇ مىدىرلاپمۇ قويماي تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئىككى بوتىلىقىنى  بەدىنىنى بىلەن مەھكەم يۆگەپ تۇرۇپتۇ..
ئەتىسى چۈشتە قار-بوران توختاپتۇ. چارۋىچى تۈگىسىنى ئىزدەپ تاپقاندا ئالىقاچان ئۆلگەن ، ئىككى بوتۇلىقى ئەتراپىدا ھۆكىرەپ پەرياد چېكىۋاتقان ئىكەن.» توختى ياۋاشنىڭ ئاۋازى توختىدى ، ئەمما چېقىر ئۈجمە ئاستىنى مىشىلدىغان ، ئىسەدىگەن ئاۋازلار قاپلاپ كەتتى.
- داۋامى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 05:47:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6
بۈگۈن چېقىر ئۈجمە قېشىغا ھەممىدىن بۇرۇن كەلگەن ، يۈرىكى ھىجران تىغىدا جاراھەتلىنىپ ، كۈنلىرى نادامەت ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان 80 ياشلىق يامەت پالتا ھەر كۈنى توختى ياۋاش ئولتۇرىدىغان جايغا كېلىپلا ئولتۇردى –دە، قولىدىكى ھاسىسىنى ئو يېنىدا قويۇپ ، ئەتراپقا قارىدى. بۇ يەردە ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نېمىشقىكىن تازا بىر كېرىلىپ قويدى. بىردىنلا تۆۋەنكى مەھەللىدىكى تۇخاننىڭ ئۆزىنى گوللىۋەتكەنلىكى خىيالىغا كېلىۋېلىپ ، غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئاپپاق ساقاللىرى تىترەشكە باشلىدى، كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭقورقىسى كەلگۈدەك بىر خىل نۇر چاقناپ كەتتى. قوشۇمۇللىرى تۈرۈلۈپ ، لەۋلىرىنى چىشلىدى. يامەت ئىمىن موللامنىڭ كۆلىدىن سۇ ئېلىپ كېلىۋاتقان توخاننىڭ ئالدى توستى. توخان بۇغداي ئۆڭلۈك ، كېلىشكەن چوكان بولۇپ ، ئۇنىڭ تولغان بەدىنى ھەر قانداق يىگىتنىڭ  مەيلىنى تارتاتتى. ئۇ ، بۇ مەھەللىدىكى ياقۇپ بىلەن توي قىلغاندىن بىرى يامەت ئۇنىڭ پىيىگە چۈشكەنتى. ئۇنىڭ بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان نۇرغۇنلىغان يامان ئادەتلىرى بولۇپ ، چوڭلاردىن تارتىپ كېچىكلەرگىچە، ئاياللاردىن تارتىپ قىز-چوكانلارغىچە ئۇنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتى.
-        تۇخان نەدىن كېلىۋاتىسەن؟.
-        كۆزۈڭ كۆرمەۋاتامدۇ؟.
-        نېمىنى؟.
-        نەدىن كېلىۋاتقىنىمنى؟.
-         قاپاق يۈدىۋاپسەن ، نەدىن كېلىۋاتقانلىقىڭنى مەن نەدىن بىلەي.
-        قاپاق يۈدىۋالغان ئادەم نەگە بارىدۇ، نەدىن كېلىدۇ؟.-تۇخان ئۆزىگە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاپ كېلىۋاتقان يامەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغاچ سوردى. يامەتنىڭ شۇتاپتىكى تۇرىقى قوزىغا تاشلىنىش ئالدىدىكى بۆرىگىلا ئوخشاپ قالغانتى.
-        بازاردىن.
-        ئادەمنى ئەخمەق كۆرمىگىنا.
-        ئورمانلىقتىن.
-         نېمە ؟ . –تۇخاننىڭ ئاۋازى بۆلەكچىلا قوپال چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن سەل ھودۇققان يامەت دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ:
-        كۆل بويىدىن.-دېدى ھىجىيىپ .
-        تاپتىڭ ، كۆل بويىدىن كېلىۋاتىمەن .
-        راستنى دېسەم سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
-        بۇ مۇمكىنمۇ ؟  مېنىڭ ئېرىم بار جۇمۇ ھازىر .
-        نېمە ئامال كۆڭۈل دېگەن شۇنداق نەرسىكەن.
-        ‹ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە ، سېنى ھەر جايغا باشلايدۇ، ئاپپىرىپ ھەر جايغا تاشلايدۇ › دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ ؟
-         ئاڭلىغان لېكىن كېچە –كۈندۈز سەن ئوي-خىيالىمدىن كەتمەي ، مېنى بەك قىينىۋەتتىڭ.
-        ئېلىشىپ قالغاندەك سۆزلەپ يۈرمە ، يامان بولىدۇ ، بۇ يەردىن تىزرەك كېتىۋالاي .
-        سەن بىلەن توي قىلايمىكىن دەيمەن.
-        ئۇخلاپ قوپۇپ سويمامنى بەر دېگەندەك گەپ قىلماي ، نېرى تۇرە ئالدىمدىن ، ئادەمنىڭ كۆزىگە بېزىرىپ قاراۋەرمەي.
-        بۇ چاققىچە سويما نېمىش قىلسۇن، قوغۇننى ئۈزەي دەپ كەلدىم.
-        قوغۇننىڭ ئىگىسى بار غۇجام .
-        نېمە بولسا بولمامدۇ ، ئوغۇرلىۋالىمەن.
-        ئۆتۈپ بارە ئاخۇنۇم ، چۆچەكتىكى چۆپنى يېمەي ، ئېرىم كاسىلاپ بولدى، قوغۇلۇققا كىرسەڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرىسەن.
-        نېمىلا بولسام مەيلى ، ماڭا چۈشلۇققۇ قالغاندۇ؟.- يامەت شۇنداق دېگىنىچە كېلىپ تۇخاننىڭ قولىدىن كاپلا تۇتىۋالدى. ئوتلۇق بىر ھارارەت ئاۋال يۈرىكىگە ئېقىپ كېرىپ ئاندىن پۈتۈن  ۋۇجۇدىغا تاراشقا باشلىدى . كۆزلىرى چەكسىز بىر ھاياجاندىن چاقناپ كەتتى. قەلبىنىڭ قات-قېتىغا ئورنىشىپ كەتكەن چوغلار گۈلخانغا ئايلاندى. چوكاننىڭ يۈزى پاللىدە ئوت ئالدى، كۆزلىرى غەزەپتىن چەكچىيىپ كەتتى. يۈرىكىنى نەچچە ئونلىغان ئىت بەس-بەستە تالاۋاتقاندەك ئازابلىنىشقا ، يۈرىكى غورلۇقتىن ئېچىشىپ ، مىڭىسى مىخ قاققاندەك زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. قەلبىگە مۇدىھىش بىر ئوت تۇتاشتى، ئىچ-ئىچى قاباھەتلىك چوغلارغا تولۇشقا باشلىدى. سەللا بىخۇتلۇق قىلسا ، ئۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ شامالدا كۆككە سورۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى.
-        قولۇمنى قويۇپ بەر ، نامەرەم  بولىدۇ، يامان بولىدۇ .مەن دېگەن ئېرى بار خوتۇن، ئادەمنى پاكىز ياشىغىنى قوي.
-        ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن.
-         سەندىن ئۆتىنەي ، ئىتىقادىڭ بىلەن ياشا ، ئىتىقادى بىلەن ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ يولىغا پۇتلىكاشاڭ بولما.
-        سېنىڭ دەردىڭدە ساراڭ بولايلا دېدىم. ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم يوقۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
-        راستىنلا ئېلىشىپ قاپسەن .
-        نېمە بولسا مەيلى.
-        باشقىلارغا يامان ئويدا بولما ، ئاللاھتىن ياردەم تىلە.
-        مېنى ئالدىماقچىمۇ سەن؟.-يامەتنىڭ كۆزلىرىدىكى غەلىتە نۇرنى كۆرۈپ تۇخاننىڭ قەلبىنى بىر تەشۋىش تېخىمۇ ساراسىمىگە سېلىشقا باشلىدى. باشقىچە يول تۇتمىسا بولمايدىغانلىقىنى پەمىلىدى.
-        ئېسىڭدە ئاللاھقا ئىشىنچىسى بولمىغان ئادەم دوزاقنىڭ تۇترىقى. ئىتىقادىدىن ئېزىپ كەتكەنلەر ھەر ئىككىل دۇنيادا ئەڭ چوڭ زىيان تارتقىچىلاردۇر. سەندىن ئۆتۈنەي، قولۇمنى قويۇۋەت، باشقىلار كۆرسە گەپ تاپىدۇ.
-        كۆرمىسىمۇ گەپ تاپىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپ كېتىۋاتسا كۆرگەنلەر گەپ تاپمامتى ئەمىسە. مەنمۇ شۇ بىر گەپ تاپسىكەن ،  ئىككىمىز توغرىسىدا ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەر بۇ مەھەللىگە يېيىلىپ كەتسىتى دەيمەن.
-        بۇنىڭ ساڭا نېمە پايدىسى.
-        ئېرىڭ سېنى مەندىن كۈنلەپ قويۇپ بېرىدۇ ، سەن ماڭا ئوڭىچە قالىسەن.
-        ھۇ كۆڭلى قارا ، ئىت كۆڭۈل پاسكىنا، كۆزۈمدىن يوقال !- تۇخان ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي يامەتنىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ ، يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى.
-        سېنىڭلا ۋەسلىڭگە يېتىدىغان ئىش بولسا مىڭنى ئورساڭمۇ  ، يۈزۈمگە مۇشقىرساڭمۇ رازى مەن.  مەن يارنى دەپ تاياق يىدىم بىر مىڭ ئالتە يۈز دەپ ناخشامنى دۆڭ توۋلاپ يۈرىۋېرىمەن.-يامەت يۈزىدىكى تۈپۈرۈكلەرنى يىڭىنىڭ ئۇچى بىلەن ئېرتىۋاتقاچ شۇنداق دېدى.
-        قولۇمنى قويۇۋەت .- چوكاننىڭ قەلبىدە نەپرەت گۈلخانلىرى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى .
-        بىرنى...
-        ياق ، مېنى پاكىز ، خاتىرجەم ياشىغىنى قوي.- چوكاننىڭ لەۋلىرى غەزەپتىن تىترەيتى. كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۇرىدىغان بىر خىل نۇر چاقناپ كەتتى.
-        مېنى پۇچۇلۇنىپ ئۆلسۇن دەمسەن.
-        ئۆلەمسەن ، ئۆلمەمسەن مېنىڭ نېمە چاتىقىم .- چوكان شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭغا چەكسىز ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى.
-        ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.
-        سەن ئۆلمىگىچە مەن بۇ بىسەرەمچانلىقتىن ، سوزۇقچىلىقتىن  قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن . ئۆلسەڭ ئۆلۈپ بىرە قېنى بىر كۆرەي كارامىتىڭنى.– تۇخان شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ئوڭ چاكىتىغا يەنە بىر شاپىلاق سالدى.
-        قولۇڭ نېمىنداق يۇمشاق ، بۇ كاچىتىمغىمۇ ئۇرە .- يامەت شۇنداق دېگىنىچە سول كاچىتىنى چوكانغا يېقىن ئەككەلدى.
-        كۆزۈمدىن يوقال لامزەللە، پاسكىنا، كۆڭلۈمنى ئىلىشتۈرمەي .- تۇخان ئۆزىنى بېسىۋالالماي قاتتىق ۋاقىرىدى. يامەت چۇچۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. چوكاننىڭ كۆزلىرىدىكى سوغۇق نۇرنى كۆرۈپ ، قوللىرى تىترەپ ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان قولى ئاجراپ كەتتى.  تۇخاننىڭ توساتتىنلا ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى ، نېمىشقا ئىچى ئاغرىيدىغانلىقىنى شۇنچە قىلىپمۇ بىلەلمىدى. ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىك پۈتۈن بەدىنىنى تىترىتىۋەتتى.
يامەتنىڭ نەپەسلىرى تىزلىشىپ ، كۆز چاناقلىرى يوغىناپ ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ ،  بارغانچە ئەۋزەيلەشكە باشلىدى. ئەمدى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ يەتكەن تۇخان :
-        بۈگۈن ئېرىم  ئۆيدە يوق تۈن يېرىمىدا بار. بىرەسى كۆرۈپ قالسا ھەر ئىككىلىمىز  بالاغا قالىمىز . ئىش قىلغاندا سۆرەمنى سىلىق سالغۇلۇق. - دېگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلدى ئەمما بۇ كۈلكە شۇقەدەر سوغۇق ھەم يېقىمسىز بولۇپ  كۈلكىگە زادىلا ئوخشىمايتى. شۇنداق بولسىمۇ يامەتكە چوغدەك ئىللىق ، كاۋاپتەك يېقىملىق تۇيۇلۇپ كەتتى. چوكاننىڭ پۈتۈن تۇرىقىدىن خورلۇق ، قاتتىق-غەزەپ –نەپرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
يامەت پالتا مىڭ تەستە كەچ قىلدى. تۈن يېرىمى يېقىنلاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قەدەملىرى تۇخاننىڭ مەھەلىسىگە قاراپ يۆتكەلمەكتە. ئەنە تۇخاننىڭ ئۆيى كۆرۈندى . ئارلىق قىسقارغانسىرى يۈرىكى پوكۇلداپ، چىشلىرى كاشىلداشقا باشلىدى .تۇخان ئۇنى كۈتۈپ ، ئىشىككە تەلمۈرۈپ،   كۆزلىرى تۆت بولغاندۇ بۇچاققا. ئۇ قىيا ئوچۇق قويۇلغان دەرۋازىدىن ئەرۋەھتەك شەپە چىقارماي ھويلا ئىچىگە كىردى. قەدەملىرى تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن يۆتكىلەتتى. چوكاننىڭ  ھوجرىسىغا يېقىنلاشقانىچە يامەتنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاۋال جۇغۇلداپ ، ئاندىن كېيىن  قولۇشقاندەك بولۇپ ، چىشلىرى توختىماي كاسىلداشقا باشلىدى. ئۇ شۇنچە قىلىپمۇ تىترىكىنى باسالمىدى . بىر ھازا تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ، جىددىلىكىنى سەل-پەل بېسىقتۇرغاندىن كېيىن ، كېلىشىۋالغىنى بويۇنچە چوكاننىڭ ھوجرىسىنىڭ دەرىزىسىنى ئۈچ قېتىم يىنىك-يىنىك چەكتى.
-تۈزۈت قىلماي كىرىۋەر ئىشىك ئوچۇق ، مەن ئاچاڭ بىلەن بىر تۆشەكتە.- ئۆيدىن ئاڭلانغان ئەركىشىنىڭ قوپال ئاۋازى ، تاراق-تۇرۇقلار ، ھويلىدىكى چىراقنىڭ ۋاللىدە يورۇشى يامەتنى سەل-پەل تەمتىرىتىپ قويدى . ئۇ ئىشىكنىڭ زەردە بىلەن ئچىلىشى بىلەن تەڭلا ئېسىگە كېلىپ ، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ بار كۈچى بىلەن قاچتى. قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىن غۇژژىدە ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەرسە دەرۋازىغا قاتتىق ئۇرۇلدى...
            شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بازاردىن گۆش ، سەۋزە ، چامغۇر  ئېلىپ يانغان يامەت كۆلدىن سۇ ئېلىپ يانغان تۇخان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. چوكان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ شۇنداق بىر كۈلدىكى ، بۇ كۈلكىنى كۆرۈپ يامەتنىڭ يۈرىكىگە بىرى پىچاق  تىقىۋەتكەندەك قاتتىق ئازابلىنىپ ، تولغىنىپ كەتتى. كۆڭلىنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدىكى ھەسرەتلىرى ئۇنى توختىماي قىينايتى.
-        ھو ئىپلاس ، پاسكىنا قانجىق – بوۋاي ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە ، ئۆزىگە ماس كەلمىگەن چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن  تۇرۇپ كەتتى-دە ، ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ قاتتىق شىلتىدى . ھاسا چېقىر ئۈجمىگە تېگىپ ئوتتۇرىدىن ئىككى بولۇپ كەتتى. بوۋاينىڭ قولىغا تو كېتىپ ، ئوڭ قولى جەينىكىدىن سىقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى. لەۋلىرىنى چىشلىدى، نۇرسىز كۆزلىرى ياشلاندى .
-        سېنىڭ قانداق خوشاللىقىڭ بار؟.
-        ھېچقانداق خشاللىقىم يوق.
-        خاپىلىقىڭچۇ؟.
-        خاپىلىقىممۇ يوق.
-        دەردىڭغۇ باردۇ؟.
-        ئويلاپ باقسام دەردىممۇ يوقكەن.
-        ئارزۇ-ئارمانلىرىڭغۇ باردۇ؟.
-        بۇلار توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەم ئويلاشماپتىمەن .
-        بۇنداقچە بولغاندا ھەسرىتىڭمۇ يوقكەن –دە؟.
-        نېمە ھەسرىتىم بولسۇن؟. ھۆكىمەت ھەر ئايدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىۋاتسا ، ھېيت-ئايەم ، بايراملاردا يوقلاۋاتسا . قىش كۈنلىرى ئوتۇن-كۆمۈر ئېلىپ بېرىۋاتسا ، يەنە نېمە دەردىم بولىتى مېنىڭ ؟ .
-        ۋاي بىچارە ، يا خوشاللىقىڭ بولمىسا ، ياكى خاپىلىقىڭ بولمىسا ، ۋەياكى دەرد-ھەسرىتىڭ بولمىسا ، ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ تېخى بولمىسا سېنىڭ ھەيكەلدىن نېمە پەرقىڭ؟. مەدەكنىڭ ئوتىدەك ئوتى كەم ئادەم دېگەن سەندەك بولىدۇ.
-        سەن ئوتۇمنىڭ كەملىكىنى نېمە بىلىتىڭ ؟. ھەيكەل دېگەن بىر ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ ، مەن بولسام خالىسام ماڭىمەن ، خالىمىسام تۇرىمەن ، ياتىمەن ، ئۇخلايمەن . قىسقىسى كۆڭلۈم خالىغان ئىشنى قىلالايمەن .
-        ئىشقىلىپ ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ يۈرىيمەن دېگىنا .
-        بۇ گېپىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى ، ئېغىزىڭنى چايقىۋەتسەڭ بولارمىكىن  .
-        قانداق چۈشەنسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى.
بوۋاي سالامىغا سالام قايتۇرماي پاراڭ بىلەن يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى. ئۇلارنىڭ باش ئاخىرى يوق گەپلىرىدىن كۆڭلى بوزۇلدى. ئۇلار بۇ يەرگە تۇققان يوقلاپ كەلگەنلەردەك قىلاتتى.
بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ساپ بولسىمۇ ، توساتتىنلا پەيدا بولغان كۆڭۈلسىز تۇيغۇلار ، ئىچ-ئىچىدىن دەۋرەشكە بالىغان ئاچچىق بوۋاينى تەتۈر قىيناشقا ،  ھەممىلا يەرنى قاراپغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندەك بىر سىزىم ئۇنى توختىماي ئازابلاشقا باشلىدى. ئادەملەردە ئىنساپ ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ يوقۇلۇپ، ئىماننىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندى ، ھەسرەتلەندى . يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كېتىۋاتقان ۋاپا-ساداقەت ئۈچۈن ئېچىندى. كۆڭلىنىڭ ئالىقانداق بىر يېرىدىكى بىر قۇرۇق يەرنىڭ ، بىر بوشلۇقنىڭ 55 يىلدىن بىرى قانماي ، 55يىلدىن بىرى ھەم تولماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. « بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ چالىسى چالا پېتى قالىدىكەن ، يېرىمى پۈتۈن بولمايدىكەن. قىسقىسى ئادەم بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كېتىدىكەن. باياتىن ئارمىنىم يوق دېگەن گۇي قىپقىزىل يالغانچى ياكى ساراڭ. » بوۋاي شۇلارنى ئويلىغىنىچە چېقىر ئۈجمىنىڭ تۈۋىدىن ئايرىلدى.  ئۇزاق ئولتۇرغانلىقتىنمۇ ياكى قېرىلىقتىن پۇتى قاتتىق سىقاراپ كەتكەچكە يەرگە ئاران –ئاران دەسسەيتى. يىقىلىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. بوۋاي خىلى بىر يەرگىچە ئىڭىشكىنىچە مېڭىپ ، ئاران دېگەندە بېلىنى تۈزلىدى. «  ‹ بىسمىللا ›  دېمەي تاماق يېگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى قارا بولىدۇ. ھاجەتخاندىن كېلىپلا قولىنى يۇيماي تاماق دەيدىغان ئادەمدىن ھېچكىمگە ۋاپا كەلمەيدۇ. ھەر قانداق  ئادەمنىڭ  قەلبىدە بىر وشلۇق بولىدۇ. ئۇ بوشلۇقنى ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن تولدۇرغانلار كۈنلىرى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. » بوۋاي ئاشۇنداق خىياللار بىلەن دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىپ قالدى. ھويلا ئۇنىڭ كۆزىگە شۇنچە ئىللىق كۆرىنىپ كەتتى. ئاشخانا ئۆيدىن چىقىۋاتقان سۈيۇقئاشنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بۇرنىغا ئۇرۇلىشى ھامان ، بۇنىڭدىن 3 ئاي بۇرۇن ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن نەۋرىسى كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ كۆڭلى بۇزۇلدى ،  ئالقانلىرى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. كۆز ئالدىدىكى ھەممىلا نەرسە ھەسرەتلىك ، ئاچچىق كۆزياشلارنىڭ ئىچىگە غەرق بولدى . ھويلا ئىچىدىكى ھەممىلا نەرسە بوۋايغا قوشۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى. بوۋاي كۈندىن-كۈنگە مۈكچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تىكىتلىكى يوقۇلۇپ ،  مانا ئەمدى قېرىقلىق يەتكەنتى. « بۇ يىللاردا ئادەملەر بىر-بىرىدىب قورقىدىغان ، بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ، بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىدىغان  بولۇپ كەتتى. ئادىمىگەرچىلىكنىڭ چاك-چېكىگە دەز كەتتى.  بۇلغانغان خوشاللىق ، كۈلكىلەر بۇلۇڭپۇشقاقلارنى قاپلىدى. »  بوۋاي پات-پات شۇنداق ئويلايتى.

-داۋامى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 02:38:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىپ-پىكىر ، تەنقىدىڭلارغا ئايمىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 02:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 02:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      7

  بۇ يەردىكىلەر « تۈن چاچقىنى ، قۇملۇق تۈلكىسى » دەپ ئاتىۋېلىشقان  ياقۇپ خەيرەندە بىلەن ئىمىر جۆۋەندە چېقىر ئۈجمە سايىسىنىڭ خەقلەر ئانچە بارمايدىغان - كۆلنىڭ كۈن كىرىش تەرىپىدە بىر-بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇشۇپ بەكمۇ ئۇزاق سۆزلەشتى . نېمىلەرنى دېيىشكىنىگە باشقىلار قۇلاق سالمىدى. ئۇلارنىڭ تۇرىقىدىن قارىغاندا ناھيىتى بىر قەبھى پىلاننى تۈزىۋاتقاندەك ، ۋەھشى بىر ئىشنى قىلىشنى پىلانلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. خېلىدىن بىرى ئۇلارنى كۈزىتىپ تۇرغان توختى بوۋاي ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ ،  ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. « بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە باشقىلار سۈيقەست قىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ بىردەملىك شادلىقى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىغا ئورا كولايدىغانلار ئەجەپ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇيا ؟.  نان كۈچۈكلىرىنىڭ بۇنداق ئاۋۇپ كېتىشى يۇرت ئۈچۈن بالا-قازا ، ياخشىلار ئۈچۈن ئاپەت ھەم ھازا . » توختى يۇۋاش  كېتىۋېتىپ كىمدۇر بىرىنىڭ شۇنداق دېگىنىنى ئەلەم ئىچىدە ئويلىدى.« بېشىغا كۈن چۈشكەندە  كىمگە ئىلتىجا قىلىشنى بىلمەي ، بۇردا نان ئۈچۈن كۈچۈكلىنىپ ياشايدىغانلارغا ھەر ئىككىلى دۇنيادا لەنەتلەر ياغىدۇ ، ھەرگىزمۇ ياخشىلىق يوق. ئوڭ باشلىغان ئىشى تەتۈر بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ. »  بوۋىسىنىڭ بىر چاغلاردا شۇنداق دېگىنى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى. خېلىدىن بۇيان ئېغىرلىشىپ قالغان قۇلىقى بوۋىسىنىڭ سۆزلىرىنى شۇنداق ئېنىق ئاڭلاۋاتاتتى. بوۋىسى بىر قېتىم ئورما ئورغىچە تولا ۋايساپ ئىچىنى پۇشۇرىۋەتكەن نەۋرىللىرنى يېنىغا چاقىرىپ : « ئوغۇل بالا دېگەن جاھاننىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىنى ، بالايىئاپەتلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ ھەقىقى ئەركەكتەك ياشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاتا-بوۋىللىرىنىڭ شەرىپىنى قوغدىيالايدۇ . » دېگەن. شۇ نەۋرىلەرنىڭ قاتارىدا توختى يۇۋاشمۇ بار ئىدى.
« كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇپ ، قانداق يېڭىشنى بىلگەن كىشى ئەقلى ئويغاق ، كۆزلىرى ئوچۇق كىشىدۇر. لېكىن ھازىر بۇنداق كىشىلەر ئازلاپ ، ئۆزىگە كەلگەن پىشكەللىكلەرنى باشقىلاردىن  كۆرۈپ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىدىغان ، شۇملۇق بىلەن  ياشايدىغان چۇپىرەندىلەر كۆپۈيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەنسىرەشكە تىگىشلىك ئىشلاردىن ئەنسىرىمەي ، ئەنسىرىمىسۇ بولىدىغان تايىنى يوق ئىشلاردىن ئەنسىرەپ يۈرگەچكە مۇشۇ كۈنگە قالغان خەق بىز. نۇرغۇنلىغان ئاقىللىرىمىز ، باھادىرلىرىمىز يەنە نۇرغۇنلىغان ئەركەكلىرىمىز ئاچكۆز ، تويماس ، ھەسەتخورلارنىڭ دەستىدىن كاردىن چىقىپ كەتتى ھەم كاردىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. روھى پاكىز ئادەملەر توغرا ، دۇرۇس ، ھالال ياشايدۇ. باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قارا سانىمايدۇ ، قولىدىن كەلسىلا ياخشىلىق قىلىدۇ. ياخشىلىق قىلالمىسا ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلمايدۇ. » خۇپتەن نامىزىغا تاھارەت  ئېلىپ بولغان كىرىم  بوۋاي  شۇلارنى ئويلىغىنىچە ھويلىغا كىرىپ ، قولىدىكى ئىۋرىقنى سۇپۇدا قويۇپ ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھويلىدىن چىقتى-دە، ئۇدۇل مەسچتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ، قەدەملىرى شۇنچە يىنىك يۆتكىلەتتى.
كۆلنىڭ بويىدىكى بىر تۇپ چېقىر ئۈجمىنىڭ غولىغا 4-5 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتى، شاخلىرى تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ ، ئىككى مو ئەتراپىدىكى يەرنى ئىگىلەيتى، قارىماققا بۇ چېقىر ئۈجمە بۇ كۆلنىڭ ئۈسىتىگە يېيىلغان غايەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشايتى. ئۈجمىنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى ئېنىق  بىلىدىغانلار يوق ئىدى .  بەلكىم  100 يىل بولغاندۇ ياكى 200 يىل بولغاندۇ ۋەياكى 300يىلدىن ئاشقاندۇ ، بىلىدىغانلار ئالىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ چېقىر ئۈجمە كېلەر يىلى قۇرۇپ كېتەر ۋەياكى يەنە 100يىل ياشار ، ھەتتا 200 يىل ياشار ھەتتاكى  300يىلدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق . قىسقىسى بۇ چېقىر ئۈجمە ئۇزاق تارىختىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنتى. تالايلىغان قىسمەتلەرگە گۇۋاھ ئىدى. بۈگۈن چېقىر ئۈجمە تۈۋىگە  توختى سېكىلەكتىن باشقىلار كەلمىدى. بولمىسا ئۇنچە بالدۇرمۇ ئەمستى. « ئۇلارغا نېمە بولغاندۇ، بىرەر مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغاندىمۇ-يا؟. بىردەمگىچە كېلىپمۇ قالار .» توختى سېكىلەك پات-پات مەھەللىنىڭ يۇقۇرى ھەم تۆۋەن تەرەپلىرىگە قاراپ قوياتتى. نىمىشقىكىن ئەتراپىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بىر خىل ئۆلۈم جىمجىتلىقى كېلەتتى. توختى سىكىلەك  بىئارام بولۇشقا باشلىدى. توساتتىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنى خەلچىخان بىلەن تونۇشقان چاغلار كېلىۋالدى.
بوۋاينىڭ بۈركۈتتەك چاغلىرى.
كۆزلىرىدىن چوغدەك تەبەسسۇم ، چىرايىدىن چوغدەك مېھىر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ، چىڭداپ قاچىلانغان بىر تاغار ئوتنى يۈتكىنىچە ئاياغ مەھەللىدىكى قوناقلىقتىن كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا خىېلىلا ھاردىق يەتكەنتى ، پىشانىسىدىن چىققان تەرلەر مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتتى. تەگمەنگە ماڭغان ئەمەت ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. تۈگمەنگە بارىدىغان يول خەلچىخانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.- قىز قىزارغىنىچە سالامغا سالام قايتۇردى.
-تىنچ-ئامان تۇرغانسىز؟.- يىگىتنىڭ قەلبىنى ئاجايىپ بىر خىل ھاياجانلىق تۇيغۇ چىرمىۋالدى.
-ئاللاھقا شۈكرى.- قىز شۇنداق دېدى –دە، لەۋلىرىنى يىنىك چىشلىدى. يىگىت ھارۋىنىڭ ياۋىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى بىر تاغار ئوتنى ئېلىپ ھارۋىغا تاشلىدى. قىزنىڭ ئىككى مەڭزى مەي باغلاپ پىشقان توغاچتەك قىزىرىپ كەتتى.
- ئۆزۈم يۈدۈپ ماڭاتتىم....
- ھېرىپ ھالىڭىزدىن كېتەيلا دەپ قاپسىز .
-ھېلىتىن بىر تاغار ئوتنى يۈدەلمىسەم ... –قىز نېمىشقىكىن گېپىنى توختۇپ ، لېۋىنى چىشلەپ  بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن  – جاھاننىڭ مىرادى ئۇزۇن تېخى...-دېدى ئىڭىكىدىن باستۇرۇپ چىگىۋالغان رومىلىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ تۇرۇپ. ئۇ دېمەكچى بولغان  گەپلەرنى ئىچىگە يۈتىۋەتكەندەك قىلاتتى. ئەخلەق-مىزانلىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ، يات ئوغۇل بالىغا گەپ قىلىشنى بىئەپ كۆرىدىغان  ئارتۇق سۆزلەشنى خالىمىدى بولغاي يولىنى ئۈنسىز داۋاملاشتۇردى. ئۇزاقتىن بۇيان قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش پەيتتىنى كۈتۈپ كېلىۋاتقان يىگىت ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ  قىزغا ئېغىز ئېچىپ كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەۋاتاتتى. دېمەكچى بولاتتىيۇ ، تىلى تامغىقىغا چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ كۆڭلىدىكىنى سىرتقا چىقىرالماۋاتاتتى. ئىشەك ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ مىسىلداپ ماڭماقتا . قىز پات-پات ئەتراپىغا قارىماقتا، ئۇ ، نېمىنىدۇر بىر نېمىدىن ئەنسىرىگەندەك ئىدى. ئۇنىڭ شۇتاپتىكى ھالى چۈچىگەن كېيىككە ئوخشايتى . يىگىت ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولۇپ  نەچچە-نەچچە قېتىم تەمشىلگەن بولسىمۇ گەپنى قەيەردىن باشلاشنى ، كۆڭلىنى قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەي ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇلار بارغانچە مەھەللىگە يېقىنلاشماقتا يەنە بىردەم ماڭسىلا قىزنىڭ ئۆيىگە  بېرىپ قالىدۇ ، قىز ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. يىگىتنىڭ ئىچىنىڭ چۇڭقۇر بىر يەرلىرىگە كۆمۈلۈپ تۇرغان بىر تال چوغ  گۈررىدە ئوت  ئېلىپ  شىددەت بىلەن لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.
توختى سېكىلەك ئۆمرىدە ئەركىن بىر نەپەس ئېلىپ باققان ، ئارام خۇدا بىر كۈن ياشاپ باققان ئادەم ئەمەس . ئۇنىڭغا داۋاملىق قايغۇ-ئازاپ ھەمرا، يۈرىكى ئەلەملىك ياشلارغا توشۇپ كەتكەن. ھاياتنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى قارنى-كۆكسىگە پاتمىغان ، مەڭگۈلۈك بىر ئارمان،  پاك سۆيگۈ ، سېغىنىش يۈرىكىنى ھەردەك چوغدەك كۆيدۈرۈپ ، تۈنجى مۇھەببىتى ئۇنىڭ تا مۇشۇچاققىچە كۈچ-قۇددرەت  ئاتا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ پۈتۈن ۋۇجدى ھېلىھەممۇ تۈنجى مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا گويا نەچچە ئون يىللىق قاقشال ئوتۇندەك چاراسلاپ كۆيۈپ تۇراتتى .  ئۇ مەجنۇن ئىدى ، غېرىپ ئىدى ، ئۇ ھەقىقى ئاشىق ئىدى. قەلبى سېغىنىش ، ئەقىدە ، ۋاپا بىلەن تولغان ، روھى ، دەرد-ئەلەم ، قايغۇ-ھەسرەت بىلەن تويۇنغانتى.لېكىن ئۇ  شىرىن ، تاتلىق ئەسلىمىللىرى ئىچىدە خوشال-خورام ياشاپ كېلىۋاتتى. بوۋاي بۈگۈن چېقىر ئۈجمە  تۈۋىدە مۇڭلانغىنىچە  ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئولتۇردى ، تېخىچىلا باشقىلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى...
-        قانداق ئارمىنىڭ بار ؟.
-        ھىچقانداق ئارمىنىم يوق.
-        بۇ نېمە دېگىنىڭ دۇنيادا ئارمىنى يوقمۇ ئادەم بولامدۇ؟
-        مەن ئارمانلىرىمغا يېتىپ بولدۇم.
-        بۈگۈنىڭدىن رازىمۇ سەن ؟.
-        رازى .
-        نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىسەن؟.
-        ئارزۇلىرىمغىمۇ ئېرىشىپ بولدۇم.
-        ئۇنداق بولسا سەن بەختلىككەنسەن-دە؟.
-        بەك بەختلىك.
-        ھىچقانداق دەرد-ئەلىمىڭ يوقمۇ؟.
-        نېمە دەر-ئەلەم بولسۇن .
-        بىرەر قىيىنچىلىقىڭغۇ باردۇ.
-        نېمە قىيىنچىلىقىم بولاتتى ، ئائىلەم بويۇنچە تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقان تۇرساق.
35 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئادەم شۇنداق سۆزلەشكىنىچە چېقىر ئۈجمە تۈۋىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاينىڭ ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىمىدى ، ئۇلار ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ كۆرمىدى.يېقىندىن بۇيان بوۋاينىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانچە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن قويلىرىغا خازان سېرىۋاتقان 60 ياشلاردىكى يەنە بىر ئادەم ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلىدى، كۆڭلى بەكمۇ يېىم بولدى . « دەردىمۇ يوق ، قىيىنچىلىقىممۇ يوق ، ئارمىنىممۇ يوق ، ئارزۇيۇمغىمۇ يېتىپ بولدۇم... » دېگەن ئادەمگە بەكمۇ ئىچ ئاغرىتتى . يۈرىكىنىڭ ئالىقانداق  بىر يەرلىرىنى قانداقتۇر بىر نېمە چوغدەك كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. خېلى بىر ھازاغىچە بېشىنى توختىماي چايقىدى.
     توختى بوۋاي  ئوت  ئىچىدە كۆيۈپ ، قوقاس ئىچىدە پۇچىلىنىپ ، ۋەسلىگە يېتەلمىگەن ئاشىقنىڭ ئىشقىدا قامچىلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما بۇ قامچىلىنىش ئۇنىڭغا راھەت ئاتا قىلاتتى، ھەقىقى بەخت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇراتتى. بوۋاي جۇدادار كۈنلىرىنى  ، جۇدادار تۈنلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيتى. سۈيگۈسىراپ كەتكەن قەلبىنى ھەسرەت-نادامەت ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك چىرمىۋالغانتى . ئۇنىڭ سۆيگۈدىكى مەغلۇبىيىتى ئۇنىڭ خوشاللىقىنى يەپ كەتكەنتى ، ھاياتىدىكى تەمنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانتى. « سۆيگۈ ھاياتقا ئاتا قىلىدىغان تەم ھەممىگە ھاۋادەك ئىدى. ھەرقانداق قەلب  ، ئىچىگە  ئىسسىق سالىدىغان  تاتلىق گەپلەرگە مۇھتاج ، لېكىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاش ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولمايدىكەن . شۇڭا بۇ ھايات ئارمانلىق ھايات ! شۇڭا بۇ ھايات گۈزەل ھايات !! . شۇڭا بۇ ھاياتقا قېرىمۇ، ياشمۇ ، ساقمۇ ، ئاجىز ، كېسەلمۇ ، ئوغرىمۇ ، توغرىمۇ ، قانخورمۇ ، گۈل تۇتارمۇ قانمايدىغان ھايات !!!...ئىنساننىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى  ، ھاياتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تونۇپ  يېتەلىگەنلىكىدە ، راست سۆزلۈك بولۇپ ، پاك تەر ئاققۇزۇپ  ھاياتنى نۇرلاندۇرۇپ قىممەت تاپقۇزالىغانلىقىدا . ۋىجدانىنى ، ئىمانىنى تەرك ئەتكەنلەر ئادىمىيلىكتىن يىراقلاپ لالما ئىتتەك خار-زەبۇنلىقتا ياشايدۇ. ساداقەت ، كۆيۈم ھەم ئەقىدە ئادەمنى بەختنىڭ گۈلزارلىقىدا يايرىتىپ ، پەسكەشلىكلەردىن توسۇپ قالىدۇ. خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كادىرلانى ئۇچراتماق تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاۋام ئۈچۈن  جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان پاك ئەملدارلار زادى قانچىلىكتۇ؟ .  ئىمانى كامىل ، دىيانەتلىك موللا-ھاجىلارنىڭ تايىنى قالماۋاتىدۇ... دېھقانلارمۇ بارغانچە تەييارغا  ھەييار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ... » ئورمانلىقتا غازاڭ سىرىۋاتقان ئادەم ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىغا قاغا جىگدىنىڭ خوخىسى سانجىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پۇرۇلداپ ياش تۆكەلگەنگە قارىغاندا خوخا ئالقان سۆڭىكىگە بېرىپ توختىغاندەك قىلاتتى. ئۇ خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ قاغا جىگدىنىڭ بىر يىللىق بولغان نوتىسىنى سىقىمدىۋالغانتى، قاغا جىگدىنىڭ خوخىسىنىڭ زەھەرى بەك يامان ئىدى. بۇ چاغدا ئاكىسىغا تۇخۇم ئەككىلىپ بەرگەن بالا ئورمانلىقتىن ئىشەكنى يىتىلەپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى. غازاڭ سىرىۋاتقان ئادەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ كۈلۈپ قويدى.
يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ خۇتۇنىنى ئويغاتقان ئەركەكنىڭ تۇيغۇسى تولىمۇ ئالايېشىل بولىدۇ. تۈن يېرىمىدا ئويغىنىپ كېتىپ ، ئېرىنىڭ پۇشۇلداپ ئۇخلىشىنى تىڭشاپ ، تاڭ سۈزۈلگىچە ئۇيان ئۆرۈلۈپ ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ياتقان خوتۇنغا تۈن تولىمۇ ئۇزۇن ، بەكمۇ تەستە تاڭ ئاتىدۇ. ئۇنىڭ  دەرد –ھەسرىتىنى ، كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى ، ئېرى باغرىغا مەھكەم بېسىپ ، كېچىچە قۇلىقىغا تاتلىق شىۋىرلاپ چىققان خوتۇن ئەسلا چۈشەنمەيدۇ. ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئوراندا يالغۇز يېتىپ ئۆتكۈزىۋاتقان ئايالنىڭ نادامىتى تولىمۇ ئازابلىق بولىدۇ. بۇلارنى  قويلىرىغا غازاڭ سىرىۋاتقان بوۋاي ، تۇخۇمچى چۈشەنگەن بىلەن تۇخۇم سېتىۋالغان بالا خېلى يىللاردىن كېيىن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، ياكى چۈشەنمەيلا دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۇخۇم سېتىۋالغان بالا ھېلىقى كۈنى ئىشەكنى قوغلاپ ئورمانلىقتىن قايتۇرۇپ كەلگەندىكى ئەسلىمىسىنىڭ ئەسلىگىنى بولمايدىغان ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ كۆڭلى بەكمۇ پاراكەندە بولدى، بۇ ئىش يادىغا يەتسىلا قۇسقۇسى كېلەتتى. بىر قېتىم ئاكىسى نېمىشقىكىن خوتۇنى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى. خانئاچىسى ئاكىسىنىڭ تاياق ، پەشۋالىرىنىڭ ئارىسىدا قالدى. دادىسى بىلەن ئانىسى قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى  ئاجىرىتىۋالمىدى . نېمە بولۇپتىكىن تاڭ ، تىل يېرىپ ھىچنېمە دېمىدى. خانئاچىسى ياغلىققا چىگىلگەن بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئاكىسى ئارقىسىدىن چىقىپ : «  ئەگەر دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتاپلا كەتسەڭ ئاغزىمدىن  بىر گەپ چىقىپ كېتىدۇ ، يېنىپ كىرىمەن دەپمۇ ئۆيگە ئىككىنچى يېنىپ كىرەلمەيسەن .» دېدى بوغۇلۇپ تۇرۇپ . بۇچاغدىكى ئاكىسىنىڭ ئاۋازى بوغۇق ئەمما تولىمۇ  قورقۇنچلۇق بولۇپ ، دەرۋازىنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان خانئاچىسى قەدەملىرىنى يۆتكىمەستىن جايىدىلا تۇرۇپلا قالدى. شۇچاغدىكى ئىشلار  يادىغا يەتسىلا ئۇنىڭ تېنىنى سۈر باسىدۇ.شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئوغلىنىڭ « ھازىردىن باشلاپ سەندەك خوتۇن ئۈچ تالاق ، ئۆيدىن چىق ، كۆزۈمدىم يوقال !...» دەپ ۋاقىرىغان ئۋازىنى بۇ مەھەللىدىكى نۇرغۇن ئادەم ئاڭلاپ كەتتى. تۇخۇم  سېتىۋالغان بالا بۇچاغدا قېچىپ كەتكەن ئىشىكىنى جىگدىلىكتىن ئېلىپ كېلىۋاتقان  بولۇپ  بۇ گەپنى بەكمۇ ئېنىق ئاڭلىدى. « ھەي بالا نادانلىق قىلدى ، دېمەيدىغان گەپنى دەپ تاشلىدى ، پوق يېمىگەن بولسا بۇ گەپنى دېمەيتى.» دېدى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە قول ئۇزاتقان يۇنۇس قاغىغا قول بېرىۋاتقاچ سايىم قېلىپ. بۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان  ئىشلار ئادەم بار يەدە ئامال يوق بولۇپ تۇرىدىكەن . « يۈرىكىدە شىرىن ئارمىنى بولمىغان ئادەم ئالىقاچان ئۆلگەن ئادەم. دۇنيادا ھېسابى يوق ئىش بولمايدۇ ، بايلىقنى يىلان-چايانلار بېسىپ ياتىدۇ دەيدىغان ، بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە ئۇ يىلان-چايانلار ئۇيقۇغا  كەتكەنمىدۇ ، ئۆلگەنمىدۇ –يا ؟. بايلىقلار بۇلاڭ-تالاڭغا كېتىۋاتىدۇ ، يامانلىغاق ئەرلەر كۆپۈيىپ كەتكەن ئەلنىڭ ھالىغا ۋاي !. خوتۇن-قىزلىرى باشقىلارغا چاكار . » خوتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن يىگىتنىڭ دادىسى ئويلاپ شۇيەرگە كەلگەندە ، كۆڭلى ئۆڭدى ، نېمىنىدۇر بىر نەرسىدىن ئەنسىرىدى ، يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ ، قالايمىقان ئېغىشتى . لېكىن خىياللار قاينىمىدىن چىقلمىدى. «  ئۇنى ، بۇنى ئويلىمىسا ، ئۇنى ،  بۇنى خىيال قىلمىسا ئادەم  دېگەننىڭ چاۋا-چاتقالدىن نېمە پەرقى؟ . ھەر قانداق ئىنسان ، ھەر قانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايدۇ ، ئۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ ، ئۇنداق قىلىش قولىدىن كەلمەيدۇ. ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئاجايىپ قىسمەتلەر ھەم قىممەتلەر ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئادالەتنى ياقىلاش تولىمۇ مۈشكۈل . ئادالەتنى ياقىلىغۇچىلار ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. غەم –قايغۇسىز ياشايمەن دېيىش ئەخمەقنىڭ  ھاماقەتلەرچە خىيالى. بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ، ئىسسىقلىق ، مېھىر ئاتا قىلغان قەلىبلەر ، ئارمانغا خۇشتار يۈرەكلەر ، ۋىسال ئىزدەيدىغان كۆڭۈللەر كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ ، يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. توغرا بىلەن خاتانى ئايرىمايلا يۈرەك ، كۆڭۈل تاپىدىغانلار ، يۈرەكلەرگە دەرد سالىدىغانلار پوق چىۋىنىدەك ئاۋۇشقا باشلىدى. » ئۇنىڭ خىياللىرى بارغانچە توقۇناقلىشىشقا باشلىدى. ئارمانلىق يۈرەكنىڭ ھەسرىتىگە دۇنيا تارلىق قىلىدۇ. ئارمانلىق يۈرەكنىڭ ئارزۇلىرى ئوتتەك قىززىق ، قىز باغرىدەك ئىسسىق بولىدۇ. ئوتۇنچى  بىلەن كولالچىنىڭ ئارمىنى ، ھەسرىتى ، ئارزۇسى قانداقمۇ  ئوخشىسۇن ؟ . بۆرىنىڭ  خىيالى  قوي توپىدا ، تۈلكىنىڭ خىيالى يېڭى تۇغۇلغان قوزىدا . قانداق ئادەمنىڭ ئوڭ قۇلىقى سول قۇلىقىدىن كېچىكرەك ،  سول كۆزى ئوڭ كۆزىدىن چوڭراق بولىدىغاندۇ؟ كۆزى ئوتلۇق قىزدا ، تاپىنى يوغان چوكاندا قانداق سىر باردۇر، ئېغىزى يوغان چوكانداچۇ؟.  نۇرغۇن نەرسىلەر يوقۇلۇپ كەتتى ، يەنە يوقۇلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن نەسىرلەر پەيدا بولدى ، ئەممە يوقۇلۇپ كەتكىنى بىلەن پەيدا بولغىنى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. يوقۇلۇپ  كەتكىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغىنى ساناقلىقلا. ئايرىلغىنى بىلەن ئىرىشكىنىگە دېھقەت قىلمايدىغان ياكى ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ باقمايدىغان كشلەر گۇگۇم ۋاقتى بىلەن تاڭ سەھەرنى ئوخشاش دەپ بىلىدىغانلارمىكىن ؟ ئۇنداقلارنىڭ ئااۋازىدىن ۋەھشىلىك  ئۇخچۇپ تۇرسا ، كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ، كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان بىر خىل سوغاق نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .   توختى ياۋاش كېتىپ-كېتىپ ئاشۇنداق ئويلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ كىتابنى جىق ئوقۇشى بۇيەردىكىلەر ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس . « ئەخماقلا كۈنلىرىنى شۇنداق ئۆتكۈزىدۇ . » بەزىلەر شۇنداق دەپ ئويلايدۇ ھەم شۇنداق دەپ قارايدۇ.
-        نەگە ماڭدىڭ شۇنچە ئالدىراش ؟.
-        يۇنۇساخۇنىكامنىڭ جاڭگىلىغا.
-        نېمىشقا ؟.
-        قارامۇق تىرىپ كېلىمەن.
-        جاڭگالدا قارامۇق نېمىش قىلىدۇ؟.
-        قارامۇق دېگەن جاڭگالدا كۆپ بولماي ، گۈلباغلاردا بولامتى؟.
-        نېمە قارامۇق بالاسىغا قالدىڭ ئەمدى ، يەنە كېلىپ ئاق يانتاقنىڭ قارامۇقىنىڭ.
-        قارامۇق سېتىۋالىدىغانلار مەھەللىمۇ-مەھەللە قاتراپ يۈرىيدۇ.
-        ئالمايدىغان نېمىسى قالمىدى بۇخەقنىڭ.
-        مۇشۇ پۇرسەتتە قارامۇق تېرىپ پىچكە پۇل تېپىۋالايمىكىن دەيمەن.
-        شۇنچە پۇل تېپىۋالغۇدەك قانچە پۇلدىن ئالىدىكەن؟.
-        ھۆل بولسا ھەر كىلوسىنى 350 يۈئەندىن 370 يۈئەنگىچە ، قۇرۇق بولسا 650يۈئەندىن 800 يۈئەنگىچە .
-         ھە ، مۇنداق دېگىن ، قارامۇقمۇ پۇل بولىدىكەن –دە ، ئەمدى؟ قالتىش ئىش بوپتۇ جۇمۇ بۇ.- ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى ھەيرانلىق ، چىرايىدىكى مۇغەمبەرلىك ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى.
-        يۈرمەمسىن شۇ بانادا سەنمۇ ئازىراق پۇللۇق بولىۋال.
-        سەنلا يىغىپ كەلگىنە ، رىزقىڭغا مەن شېرىك بولۇپ قالماي.
-        يول بىر بولغان بىلەن رىزق دېگەن باشقا گەپ ، يۈر بىللە قارامۇق يىغىپ كېلەيلى.
-        سەنلا بارغىن مېنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ۋاقتىم يوق.
-        شۇنچە مۇھىم نېمە ئىشىڭ  باردۇ  سېنىڭ ، پۇل تېپىشتىنمۇ باشقا؟.
-        يالقۇنلار بىلەن كورت ئوينايدىغانغا دېشىپ قويغان .
-         ئوياننى دەپ پۇل تېپىشتىن ۋاز كەچمەكچىمۇ؟.
-        ياق ، ۋەدەمگە ئەمەل قىلماقچى.
-        مەيلىلا نېمىش قىلساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى . ئويۇندىن نېمە چىقار ساڭا ، ۋاي بىچارە.  نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان  بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە.ھەممىلا نەرسە پۇل . يۇرت بىنا بولغاندىن تارتىپ ھېچكىمنىڭ نەزىرىگە ئېلىنماي كەلگەن شورمۇ مانا بۈگۈنگە كەلگەندە تالاش-تارتىشتا قالدى. مېنىڭ پاسىلىمدىن شور ئالدىڭ دەپ بىر-بىرى بىلەن تەگىشىدىغانلار ، ئېغىزلىرىنى بۇزۇپ تىلىشىدىغانلار ، پالتا ،  كەتمەن كۆتىرىشىپ پوپۇزا قىلىشىدىغانلار ، ھەتتا مۇشتلىشىپ كۆز ، قاپاقلىرىنى يېرىۋىتىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ  مەھەلىلەردە ئاۋۇپ قالدى. « شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھەممىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا بولۇپ كەلگەن ئاقيانتاقنىڭ قارامۇقى راستتىنلا شۇنچە پۇل بولۇپ كېتەرمۇ؟.  زىبىللا  تانىچى شوردا تونۇر سېلىپ 80 مىڭ يۈئەن كىرىم قىپتۇ ،  ئەنۋەر سېرىق 70 مىڭ يۈئەننىڭ ئىگىسى بولۇپتۇ ، مامۇت سۇپى مەن باشقىلاردىن كېيىن ئىش باشلىغان بولساممۇ ئاشۇلاردىن كۆپ پۇل تاپمىسام ئېتىمنى يۆتكىۋېتىمەن دەپ ئائىلىسى بويۇنچە تونۇر سېلىشقا ئاتلىنىپ ،  بىر ئاي ئىچىدە 65 مىڭ يۈئەن  تېپىپتۇ. بۇلارنىڭ راست –يالغىنى باردۇ ، ئۇلار بىر-دىرىگە پور ئېتىشىۋاتقان گپمىكىن دەيمەن. » قارامۇق تەيگىنى كېتىۋاتقان ئاق سېرىق يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىچە شۇلارنى ئويلىدى سول كۆزى سەل قىسماقراق ، توشقان كالپۈك يىگىت . « تاپسا تاپمامدۇ ، جاننىڭ قىينىغۇچىلىقى بارمۇ؟ . مانا مەنمۇ بىر تىيىن تاپماي تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى گۈلدەك ئۆتكۈزىۋاتىمەنغۇ . ھەممە ئۆزى بىلگەنچە ياشايدۇ ، پۇل تاپقانلارمۇ ياشاپ باقسۇن ، مەنمۇ ياشاپ باقاي ، ئۆلگەندە ئۇلارنىڭ كېپەنلىكى ھەم گۆرى مېنىڭكىدىن چوڭ بولمايدۇ ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن بىللە كۆممەيدۇ . ئوخشاشلا 12 مىتىر غەسە بىلەن كۆمىدۇ. مىڭ كوي قەرز دېگەن نېمىتى ، بىر كۈنى تۈگەپ قالىدۇ. » ئوڭ كۆزى قىيسىق يىگىت شۇنداق ئويلىغىنىچە مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا قاراپ خوش ياقمىغاندەك قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارماقتا. ئۇنىڭ قەلبىنى بىر نېمىنى ئارزۇ قىلىپ يېتەلمەۋاتقاندەك تۇقۇناق بىر تۇيغۇ توختىماي تاتىلايتى.
-        چوڭ بولغاندىن بۇيان بىر نەرسىگە چىن دىلىڭدىن خوش بولۇپ باقتىڭمۇ؟.
-        ئېسىمدە يوق.
-        ئۇنداق بولسا بىرەر نەرسىگە ئېچىنىپمۇ باقتىڭمۇ؟.
-        ياق.
-        ئۇنداق بولسا بىرەر نەرسىنى ئارمانغۇ قىلىپ باقسەن؟.
-        ھەر بىر كۈنۈمنى ئارمانسىز ئۆتكۈزدۈم.
-        بىرەر نەرسىگە تەلپپۈنىپمۇ باقمىدىڭ؟.
-        ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدىم.
-        بىرەرسىگە كۆڭۈلغۇ بەرگەنسەن؟.
-        كىم ماڭا كۆڭۈل بېرىپتىكەن؟.
-        سەن نېمە دېگەن بىغەم، ھىچ ئىش بولماۋاتقاندەك يېشاۋېىپسەن-دە؟.
-        نېمىش بولماقچىدى ، ئەمىلىيەتتىمۇ ھىچ ئىش بولماۋاتىدىغۇ؟. پۇلدىن باشقىسى بىكار.
-        ھە ، شۇنداقمۇ؟.
-        شۇنداق بولمامتى.
-        ھەممىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدۇ ، بولۇپمۇ پۇل بىلەن كۆڭۈلنى ھەرگىزمۇ ئۆلچىگىنى بولمايدۇ.
-        ئۇنداق بولسا بىر قىسىم قىز چوكانلار نېمىشقا بايغا ئامراق، يەنە بىر قىسىملىرى باشقىلارغا ھەمرا بولىدۇ ؟.
-        بايغا ئەمەس ئۇنىڭ پۇلىغا ئامراق.
-        توغرا ، ئۇلار پۇل بىلەن قىز-چوكانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان گەپ.
-        روھى پاسكىنىلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىمۇ پاسكىنا بولىدۇ.
-نەپسىنىڭ قايناملىرىدا پىقىراپ يۈرگەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيىپ كېتىۋاتىدۇ.
- ئىتنىڭ چىشىغا ئىشەكنىڭ گۆشى قىلالايدىغانلار بولمىغاندىن كېيىن شۇنداق بولىدۇ-دە ، ئەلۋەتتە.
-        قىسقىسى جاھان ئاجايىپ .
-        ئادەملەر ئاجايىپ.
بىر كۆزى قىيسىقراق يىگىت تامجوشنىسىنىڭ ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان دىلنى غەش قىلىدىغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنى ئەسلەپ تۇرۇپلا كۆڭلى يېرىم بولدى. ئاستىنقى كالپۈكىنى چىڭ چىشلىدى. كۆزلىرى ياشقا لىققىدە تولۇپ ، يۈرىكى قوقاسقا كۆمگەندەك ۋىژىلداپ ئېچىشىشقا باشلىدى. دۇنيا ئاشۇنداق غەلۋە-غۇدرالار بىلەن تولغان . ھەقىقى بىر ئەركەكنىڭ ئالماقچى بولغان لايىقىنى سۆيمىكى ئۇنچىلا ئاسان ئەمەس . يالغانچىلىق قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ ھۆل قىشقا دەسسىتىشنى ، باشقىلارنىڭ رىزىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى  ئەخلاقسىزلىق ، گۇناھ دەپ بىلىدىغانلار كۈندىن –كۈنگە  ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇياتىن تونۇشۇپ ، بۇياتىن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈيدىغانلاردا پاكىزلىق بولمايدۇ ، ئەقىدىدىن گەپ ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئىتىقادى مۇستەھكەم بولسا ئۇنداق رەسۋاچىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەيتى ئۇلار. ئەدەپ-ئەخلاق ، دىيانەت ، راستچىللىق ، ئىشىنچ ، ئەقىدە، مەسئۇلىيەتچانلىق ئادەمنىڭ ھاياتىغا قىممەت ، كۈنلىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلدۇ. مانا بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمىگەنلەر بىر ئۆمۈر خانۇ-ۋەيرانچىلىق ، پەسكەشچىلىك ئىچىدە ياشايدۇ. خېلى يىللار ئىلگىرى ۋەلى كۆكچى بىلەن دىلشات چىلگە ئۇزاقتىن –ئۇزاق دەتالاش قىلغان. يېقىندىن بۇيان بۇ توغرۇلۇق دەتالاش قىلىدىغانلار ئۇچرىماس بولۇپ كەتتى.
«  1916-يىلدىكى ھوم دەرياسى ئۇرىشىدا گىرمانىيە ئارمىيىسى ،ئەنگىلىيە –پىرانسىيەنىڭ 790 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپتىكەن . بۇ نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك –ھە؟. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامىرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ  خىروسما ئارىلىغان ئاتۇم بومبىسى تاشلاپ ، 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. » قادىر مۇئەلىمنىڭ قۇلاق تۈۋىدە توختى ياۋاشنىڭ شۇنداق دېگىنى يەنە ئەكسى سادا قايتۇرۇشقا باشلىدى. « بۇ ئادەمنى بوش چەغلىغىنى بولمايدۇ جۇما؟ . كونىلارنىڭ قولۇڭدىن كەلگەننى ئەمەس ، ئۆزۈڭگە ياراشقان ئىشنى قىل !  دېگىنى تولىمۇ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆز ئىكەن. بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ئاجايىپ يارىشىدىكەن. » قادىر مۇئەللىم شۇنداق ئويلاۋاتقاندا توختى ياۋاش ئىسمىنى بىلمەيدىغان ،لېكىن ئانچە-مۇنچە ئۇچرىشىپ  قالدىغان ئىككى يىگىت خېلى يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەشكىنىچە چېقىر ئۈجمە تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. ئۇ ، يىگىتلەرنىڭ بۇ مەھەللىدىكى كىملەرنىڭ باللىرى ئىكەنلىكىنى تازا بىلىپ كەتمەيتى.  ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ دېھقىتىنى تارتتى.
-سېنىڭ نېمەڭ بار؟.-دەپ سوردى كۆزلىرىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ، قاپقارا بۇرۇتتى بەكمۇ ياراشقان ئوتتۇرا بوي يىگىت بۇغداي ئۆڭ كەلگەن ھەمرايىدىن.
-مەندە ھازىچە ھېچنېمە يوق.- جاۋاپ بەردى يىگىت غەمكىن بىر ئاۋازدا . ئۇنىڭ تۇرىقىدىن پەرىشانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-ۋاي ، بىچارە.- ئۇ ئوڭ كۆزىنى توختىماي چىمچىقلاتقىنىچە شۇنداق دېدى. ئۇ ، ئادەمگە ئاسمان چۈشۈپ كېتىۋاتسا ئاستىدا يېتىپ مانتا دەيدىغاندەك تولىمۇ بىغەمدەك كۆرىنەتتى.
- ئەمما ، مەندە مەغلۇپ بولغان تۈنۈگۈن ، تىرىشىۋاتقان بۈگۈن، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەتەم بار.
-سەن ساراڭ بولۇپ قاپسەن؟.- بىغەم يىگىتنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
- نېمە؟.
-پەلىپەتىش ، ئوڭ-چەپپىسى كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان بولۇپ قاپسەن.
-ساڭا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
-ياراتقان ئىگەم زېھنىڭنى ئوچۇق قېلىۋېتەر...
-....
-....
ئۇلار شۇنداق پاراڭلاشقنىچە  توختى ياۋاشنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ كەتتى. توختى يۇۋاش قايىل بولغانلىقىدىن بېشىنى پات-پات لىڭشىتىپ قوياتتى. شۇنداق ، يىگىتلەر ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ كەتتى، يۈرىكىدىكى ئارمانلىرىغا  ئارمانلار قوشۇپ كەتتى. توختى يۇۋاش  ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى گېزىتنى ئوقۇشقا باشلىدى. « شۇنداق بىر مەسەل بولغانىكەن: بىر توپ چاچقان يىغىن ئېچىپ، قانداق قىلغاندا مۈشۈكنىڭ خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدا مۇزاكىرىلىشىپتۇ. چاشقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىنى ھەممىدىن بەك ئەقىللىق دەپ قارايدىغان بىر چاچقان چىقىپ:
-        مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويايلى، شۇندىلا مۈشۈك ھەرىكەت قىلسىلا قوڭغۇراق چىرىڭلاپ، بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، بىزمۇ جېنىمىزنى ۋاقتىدا يانغا ئالالايمىز،- دەپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەكلىپىنى لايىق تېپىشىپتۇ. ئەمدىكى گەپ بۇ قوڭغۇراقنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا قانداق ئېسىش ئىشىدا قاپتۇ، ھەممە سۈكۈتكە چۈشۈپتۇ. گەرچە تەدبىر توغرا بولسىمۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىنچىكە ھالقىلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمسا، بۇ ئىشنى قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بولۇنغان گەپلەرمۇ قۇرۇق پاراڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
         شۇنداق، نۇرغۇن ئىشلارنى دېمەك ئاسان، ئەمەلگە ئاشۇرماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ھەرقانداق چوڭ ئىش كىچىك ئىشلار بىرىككەندىن كېيىنلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.« كاللامغا كەلدى » دەپ ئويلاش، « ئاغزىمگە كەلدى » دەپ دېيىش كىشىنى قۇرۇق پاراڭچى قىلىپ قويغاندىن باشقا، يەنە شۇ گەپنى ئاڭلىغۇچىنىڭمۇ ۋاقتنى ئالىدۇ. جاھاندا دېگەنگىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش يوق. پەقەت كاللا قاتۇرۇپ، تەر ئاققۇزغاندىلا قولغا كېلىدىغان نەتىجە بار. جاھاننىڭ گېپىنى قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە باھا بېرىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا،  ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئويلايلى. شۇ چاغدىلا باشقىلار قىلىپ باققان، ئەمما نەتىجە  ھاسىل قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
      ئۆزى ئۈستىدە توختالغاننىڭ زىيىنى يوق، بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بەرگەنلىكىگە زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىشمۇ ئەخمىقانىلىق. ھەر ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ باشلامچى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چاغدا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم قالمامدۇ. ئادەمگە نىسبەتەن سىڭگەن نېنىنى يەپ،چامىنىڭ يېتىشىچە  قىلالايدىغان ئىشىنى قىلىشتىنمۇ  ئاقىلانە ئىش بولمىسا كېرەك. » توختى ياۋاش قولىدىكى كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن  ئورنىدىن تۇردى-دە، كىيىملىرىگە چاپلىشىپ قالغان توپالارنى قېقىشتۇرۇشقا باشلىدى. چېقىر ئۈجمە شاخلىرىغا قونۇۋالغان قۇشلار ئېچىنىشلىق سايرىشىپ كەتتى. قۇچقاچلارنىڭ ئېچىنىشلىق زارلىنىشلىرى مەھەللىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلاپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇ ، قۇچقاچلارغا نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈجمە شاخلىرى ئارىسىغا پۈتۈن دېھقىتى بىلەن قاراۋاتقان توختى يۇۋاشنىڭ يۈرىكىنى بىردە چوغدەك كۆيدۈرسە ، بىردە ئاببۇردەك قىسىشقا باشلىدى.
-دۇنيادا ئوتنىڭمۇ تۈرلىرى كۆپ بولىدىكەن.
-مەسىلەن.
- ئانىنىڭ ئوتى ، دادىنىڭ ئوتى ، بالىنىڭ ئوتى ، ۋەتەننىڭ ئوتى ، قېرىنساشلارنىڭ ئوتى ، ئىشىق ئوتى ...
-لېكىن ھەممىسى باھارنىڭ ئوتىغا يەتمەيدۇ.
-ئاتا-ئانىنىڭ ئوتى ھەممدىن كۈچلۈك بولىدۇ.
-ھەممىدىن كۈچلۈكى باھارنىڭ ئوتى.
-ۋەتەننىڭ ئوتى.
-باھارنىڭ ئوتى .
-ئىشىق ئوتى.
- باھارنىڭ ئوتى.
-قېرىنداشنىڭ ئوتى.
-باھارنىڭ ئوتى.
- ساڭا باھار ئاتلىق جىن چالاشتىمۇ نېمە؟.باھارنىڭ ئوتى ، باھارنىڭ ئوتىلا دەيسەن.
- بۇنىڭ بىلەن چاتىقىم يوق ، مەندە بىر ئوت بار .
- نېمىنىڭ ئوتى؟.
- باھارنىڭ ئوتى.
-ۋاي بىچارە ساڭا نېمە بولغاندۇ؟ .
-ماڭا ھېچنېمە بولمىدى، بىراق بىر ئوت توختىماي كۆيدۈرۈۋاتىدۇ.
-سېنى كۆيدۈرىۋاتقان قانداق ئوتتۇ ئۇ يا ئۆچمەيدىغان ياكى كۆچمەيدىغان، قانداق كۈچلۈك ئوتتۇ؟.
-بەلمۇ كۈچلۈك ئوت.
-شۇنچە كۈچلۈك نېمىنىڭ ئوتى ئۇ ؟.
-باھارنىڭ ئوتى.
-جۆيلىۋاتىسەن؟.
- كۆڭلۈم بىر ئوتقا لىپمۇ-لىق تولغان.
-قانداق ئوتقا؟.
- باھارنىڭ ئوتىغا.
-خۇدا كېسىلىڭگە شىپاتلىق بىرەر.
توختى ياۋاش ئاسماننى قاپقارا بۇلۇتلار قاپلىغان ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، تەرەپ-تەرەپتە قورقۇنۇچلۇق چاقماقلار چېقىلغان ئەمما يامغۇر ياغمىغان بىر چىڭقى چۈشتە ، يېقىندا تېرەكتۇر بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن زەيدىن زىيالى بىلەن تۇسۇن قىلىچ ئېلىپ بارغان يۇقارقى سۆھبەتنى ئەسلەپ ئېغىر ئۇھ تارتتى-دە،  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « باھار چىللايمەن » ناملىق شېئىرنى پۈتۈن ۋۇجدى بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئاۋازى چېقىر ئۈجمىنىڭ تۈۋىدىن بۇ مەھەللىنىڭ ھەر تەرىپىگە تاراپ كەتمەكتە. يىراق-يېقىندىن ئەكس سادا كەلمەكتە.
زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن،
جانۇ – جانىمدىن باھار چىللايمەن.
تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك،
ئاھ – پىغانىمدىن باھار چىللايمەن.

نە تاقىتىم بار، نە سەۋرىم ئەمدى،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى.
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.

ئۈلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق؟
خائىنلار ئىشى باش ئىگىپ تۇرماق،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن.

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،
تىلىكىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ.
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،
ئسسق قېنىمدىن باھار چىللايمەن.

ئۈمۈدۈم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك،
ئۈمۈت باغىدا ئاتتى كۆپ چېچەك.
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك،
كۆرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن.

باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،
خەلىق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن.
ئارزۇيۇم باھار، ئۈمۈدۈم باھار،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۈڭۈل بۆلمەيمەن.

باھار چىللايمەن، باھار چىللايمەن،
خەلىق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن.
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن،
ئۇندىن  ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن.

باھار چىللايمەن، تۈنلەر كېچىسى،
مەيلى تۇزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى.
رازىمەن شۇندىن، قىلچە ئارمان يوق،
بولالىسام مەن خەلقىم مۇڭچىسى.

--داۋامى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1244 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
8
كۆلنىڭ بويىدىكى بۇ تۇپ چېقىر ئۈجمىنىڭ غولىغا 4-5 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتى، شاخلىرى تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ ، ئىككى مو ئەتراپىدىكى يەرنى ئىگىلەيتى، قارىماققا بۇ چېقىر ئۈجمە بۇ كۆلنىڭ ئۈسىتىگە يېيىلغان غايەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشايتى. ئۈجمىنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى .  بەلكىم  100 يىل بولغاندۇ ياكى 200 يىل بولغاندۇ ۋەياكى 300يىلدىن ئاشقاندۇ ، بىلىدىغانلار ئالىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ چېقىر ئۈجمە كېلەر يىلى قۇرۇپ كېتەر ۋەياكى يەنە 100يىل ياشار ، ھەتتا 200 يىل ياشار ھەتتاكى 300يىلدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق . قىسقىسى بۇ چېقىر ئۈجمە ئۇزاق تارىختىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنتى. تالايلىغان قىسمەتلەرگە گۇۋاھ ئىدى. يەرلەرنىڭ قالايمىقان ئېچىلىش بۇ يۇرتنىڭ مۇھىيىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ يىلدىن  بۇ يىلغا سۇ ئۆكسىمەيدىغان  بۇ كۆلنىڭ سۇيى بۇ يىل 6-ئاي كىرىشى بىلەن تۈگەپ، كۆلدىكى نۇرغۇنلىغان جانلىقلار ئۆلۈپ كەتتى. چېقىر ئۈجمىنىڭ ياپراقلىرى سارغىيىپ ، تۆكۈلۈشكە باشلىدى. يۇرت بىنا بولغاندىن بۇيان بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەنتى ، بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. يۇرت ئاقساقاللىرى چېقىر ئۈجمىگە قاراپ ئېغىر سۈكۈتلەرگە چۆۈشەتتى، ئارامسىزلىنىشاتتى ، تەشۋىشلىنىشەتتى.
-ئاۋۇ بەل پۈرمە دۇڭپاڭلى كۆينەكتىن بىرنى ئالىمەن.-دېدى چېقىر كۆز ، ئاغزى يوغان كەلگەن سېمىز چوكان يېنىدىكى ئورۇق ئەرگە. شۇنداق دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر خىل غەلىتە نۇر چاقناپ كەتتى. لېكىن ئەر ئۇنى پەرق ئىتەلمىدى. ئۇنىڭ يانچۇقىدا نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل بولسۇن. ئاران باللىرىغا ئازىراق گۈلە-قاق ، كەمپىت ، بىرەر جىڭلا گۆش ئالغىدەك پۇل بارتتى. خوتۇنىنىڭ پەيلى-خۇيىنى بىلگەن ئەرنىڭ يۈرىكى بۆلەكچىلا ئېغىپ كەتتى ، كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەمىلەپ ، بىئارام بولۇشقا باشلىدى.
-كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرەي ، يېنىمدا پۇل ئازراقكەن.-دېدى ئەر بوش ئاۋازدا.
- يانلىرى بوش ئادەم نېمىشقا ئادەمنى بارزار ئېلىپ چىققان يىگىت، ئادەمنى ئەخمەت ئېتىپ.
- بوشىراق گەپ قىل ، بازارغا كەلسىلا بىر نەرسە ئالدىغان گەپما؟.
-ئەنە ئاۋۇلارمۇ ئېلىۋاتىدىغۇ.
- ئۇلارنىڭ كىيىنىشكە قارىغىن.
-مېنىڭ نېمە چاتىقىم.
-بىز باشقىلارنى دورىمايلى.
-خوتۇنىغا كۆڭلەك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرمۇ ئەرغۇ؟.
-يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزۇتايلى. ھەممە ئىشتا ئوتۇرا يول تۇتايلى . ئالدىمىزدىكىلەرگە ئەمەس ، ئارقىمىزدىكىلەرگە قاراپ ياشايلى خوتۇن .
-ئوھوش ، كۆتىرىڭە بۇنداق يالغان-ياۋىداقلىرىڭىزنى ، بەكمۇ زىرىكتىم. ئازىراق چىقىپ قالغانغا ھېچنېمە بولماس ، نېمە تولا گەپ بۇ.
-سەن نېمە دېمەكچى؟.
-كۆينەك كېيىمەن.
-ھېي جېنىم خوتۇن ، مىڭنىڭ بازىرىدا نېمىنداق كىچىك بالىنىڭ قىلىقىنى قىلىسەن . ئەپبەرمەي دېمىدىمغۇ ، كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرەي ، ھازىر يېنىمدا پۇل ئازىراقكەن.
-گۆش ئالغان پۇلغا كۆڭلەك ئالساقلا بولمىدىمۇ؟.
-گۆشنىچۇ؟ . ھېلىمۇ ئۆيدىن گۆش ئۈزۈلۈپ قالغانغا ئۈچ ھەپتىدىن ئاشتى.
- بىرەر تونۇش قاسساپتىن نىسى ئالمامدۇق.
-خەقنىڭ ئالدىدا يېلىنىپ ، يالۋۇرۇپ ، سارغايغىچە كېلەر ھەپتە ئېلىپ بەرسەم بولمىدىمۇ؟.
-مەن بازاردىن قۇرۇق كېتەمدىم؟.
-نېمىنداق رىج ئۇقمايسەن دەيمەن ، سەن كېچىك بالا ئەمەس ، ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى جۇمۇ؟.
-رىج ئۇقماي قانداق قىلدىم ، دېگىنىمنى ئېلىپ بەرسىڭىزلا ھەممە ئىش پۈتىدىغۇ.
- ئۇنى دېسەم بۇنى دەيسەن ، بۇنى دېسەم ئۇنى دەيسەن زادى مەقسىدىڭ نېمە؟.
-باشقا مەقسىدىم يوق كۆينەك كېيىمەن دېدىمشۇ.؟- سېمىز ئايالنىڭ چىرايى بارغانچە تۇتۇلۇپ ، ئەزەلدىنلا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان تېخىمۇ قاپاقلىرى ساڭگىلاشقا باشلىدى. نەدىن سۈرتىۋالدىكىن تاڭ ئوڭ يۈزىدە خېلىخوپلا قارا تۇراتتى.
-تولا كۆزۈمگە كىرىۋالماي يۈزۈڭدىكى قارىنى ئېيتقىناۋا؟. ئادەمنى نۇمۇسقا ئۆلتىرىدىغان بولدى بۇ مىڭنىڭ بازرىدا .
-سىزنى كىم بىلمەيدۇ، ئاسانلىقچە نۇمۇسقا ئۆلۈپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس. يۈزدىكى قارىنىڭ كارايىتى چاغلىق سۇ بىلەن يۇيىۋەتسە چىقىپ كېتىدۇ.
- ساڭا نېمە بولدى؟.
-باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭلۈمدە قارالىق بولمىسىلا بولدى.
بىر قېتىم شەنبە بازاردا بىر ئەركىشى بىلەن بىر خوتۇن كىشىنىڭ شۇنداق دەپ بىر-بىرى بىلەن خېلى بىرھازاغىچە تالاش تارتىش قىلغىنى چېقىر ئۈجمىگە يۆلىنىپ تۇرغان قادىر مۇئەللىمنىڭ يادىدىن كەچتى. ئەر يۈزىنىڭ گۆشىنى شىلىۋەتكەندەك ئورۇق ، ئايال بۆلەكچىلا سېمىز بولۇپ،  ماڭغاندا خۇددى ئۆردەكتەك ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ ماڭاتتى. قاچان ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ شۇچاغدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقانلىقى ھازىرقىدەك ئېسىدە. بەلكىم ئۇلار مۇنداقلا تەگىشپ قالغان بولغىتى ، ياكى كېلىشەلمەيۋاتقان باشقا بىر يېرىمۇ بار بولغىتى. قانداقلا بولمىسۇن ، بازاردا يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان  ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا زاكۇنلىشىش مەيلى ئەر ، مەيلى ئايال ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى باشقىلارغا دۇرۇس ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.
يۈرەكتە داۋاملىق بىر ئوتنىڭ كۆيۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي « پۇل بولسىلا ھەممىگە ئىرىشكىنى بولىدۇ، پۇل ھەممىگە قادىر،  كېيىمەن ، ئىچىمەن ئوينايمەن ... » دېگەندەك پاسكىنا گەپلەرگە ئىشىنىپ، مەينەت خىياللار بىلەن  يۈرىيدىغانلار ئەنە شۇنداق يۈرەكلەرگە خوشاللىق ئەمەس، كۆڭۈللەرگە غەشلىك تېپىپلا تۇرىدۇ. ئۇنداقلارنىڭ چىرايى ھەرقانچە جەلىپكار بولسىمۇ باشقىلارغا پاكىزلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالمايدۇ. غەشلىك ، بىزارلىق تۇيغۇلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋېتىدۇ. كۈلكىسى يالغان ، راست دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئادەمگە قۇلنىڭ كۈلكىسىنى ئەسلىتىدۇ.
- بۇ دۇنيادا مەن تارتىشىدىغان ھىچنەرسە قالمىدى.-  ئىمىن چاڭگا چەكسىز بىزارلىق ئىچىدە شۇنداق دەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى يىغلىغاندەك چىقىپ كەتتى.چىرايىدىن چەكسىز پەرىشانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
- بۇ نېمە دېگىنىڭلار؟- سوردى مەمەت قۇيۇن ھەيرانلىق ئىچىدە.
-مۇمىيىم ئۆلۈپ كەتكەندىن بىرى شۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.
-يۇنۇس قاغىنىڭمۇ مومىيى ئۆلۈپ كەتتىغۇ ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىيدىغا ئەنە. نەچچە قېتىممۇ بېشىنى ئوڭلىدى.
-بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق تۇيغۇدىدۇ.باللىرى بولغاندىكىن كېيىن ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇ.
- سىلەرنىڭمۇ ۋاپادار قوشناڭلار ، مېھرىبان جامائەتىڭلار بارغۇ ؟.
-ئۇغۇ شۇنداق ، لېكىن ، ئەمما سىلەر  كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيسىلەر ، ھەممىلا نەرسە شۇنچە يېقىمسىز.-ئىمىن چاڭگىنىڭ ئاۋازىدا مىڭ تاغار مۇڭ ، ھەر بىر تىنىقىدا مىڭ تاغار ھەسرەت. كۆڭلىدە، يۈرىكىدە ،  تۇيغۇلىرىدا تۇغۇلغاندىن تارتىپ تامۇشۇچاققىچە بىرەر قېتىممۇ تويۇپ باقمىغان چەكسىز بىر ئاچلىق.
-ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر بىر ئۆيدە ياشاپ ، بالاۋاقىلىق ، نەۋرە-چەۋرىلىك بولۇشنىڭ مۇششەققەتلىك ، ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى سىلەرمۇ چۈشەنمەيسىلەر.- دېدى مەمەت قۇيۇن تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلار . ئۇ نېمىشقا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئۇقمايتى.
- ھەممىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈك دەردى بار بۇ جاھاندا. بىرىنىڭ دەردىگە بىرىنىڭ ياماق بلمايدۇ. بۇ دېگەن شۇنداق جاھان . دۇنيا بەزىدە ئوڭ ، بەزىدە تەتۈر چۆرگىلەۋېرىدۇ. ئادەملەر تۇغۇلۇپ ، ئۆلۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت ، ھېچكىممۇ ئۆزگەرتىمەن دەپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
- مەن ئەقلىمنى بىلگەن 60 يىلدىن بۇيان بۇ دۇنيادا يارىشىدىغان ئىشلاردىن ياراشمايدىغان ئىشلارنىڭ تولىلىقىنى بىلدىم.- بوۋاينىڭ راست شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ياكى قەستەن شۇنداق دېگەنلىكىنى زادىلا بىلگىنى بولمايتى.
- مەن ياخشى ئادەملەردىن ناباپ ئادەملەرنى كۆپ ئۇچرىتىپتىمەن.-مەمەت قۇيۇن شۇنداق دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ تىنىنى تىترىتىدىغان بىر خىل نۇر غېرىپ نۇر چاقناپ كەتتى.
- ئەتراپىمىزدا كۆزگە سىغىدىغان ئىشلاردىن ، كۆزگە سىغمايدىغان ئىشلار كۆپ.- بوۋاي لەۋلىرىنى تىلى بىلەن ھۆلدىۋەتكەندىن كېيىن شۇلارنى قوشۇپ قويدى-دە، -يەنە –ئادەملەر بىر بىرىنىڭلا پېيىدە يۈرگەن  توۋا دېمىسە .-دەپ ئۇلىغا كىچىك تىندى بېشىنى چايقىغىنىچە.
- مېنىڭمۇ دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ ياشاۋەرگۈم يوق.
-قانداق قىلاي دەيسىلەر.
-پەيغەمبەر يېشىغا يەتكەندە ئۆلۈپلا كەتسەم بوپتىكەن .
- ۋاقتى كەلگۈچە ياشىماي چارە يوق.
-شۇنداقكەن.
-ئەتراپىمدىكى ھەممىلا نەرسە ئۆزىگە ئوخشىمايلا قېلىۋاتىدۇ.
- يېشىمىز چوڭ بولغاچقا ، كۆزلىرىمىز تورلىشىپ باشقىچە كۆرىۋاتامدىكىن دەيمەن.
-مىڭ تورلاشسىمۇ بۇنى پەرق ئەتكۈچىلىكىمىز بار تېخى.
-ھېلىقى كۈنى خوتۇنلىرىنى بىر-بىرىگە داڭلاپ بەرگىنىچە يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىگىتنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ كېتىدۇ.
-توۋا قىلدىم خۇدايىم ، ئەخمەقلەر ، ھاماقەتلەر ئەجەپ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ-يا بۇ ئاي ، بۇ كۈندە ؟...
قۇياش چېقىر ئۈجمىڭنىڭ ئۇدۇلىدىن ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا  يۇنۇس بوۋاي بىلەن مەمەت بوۋاينىڭ سۆھبىتى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە جىم ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ،  قايتا كۆرۈشكىچە ئامان-ئېسەنلىك تىلىشىپ خوشلاشىپ، يۇنۇس قاغا مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا ، مەمەت قۇيۇن مەھەللىنىڭ تۆۋىنىگە قاراپ  قەدەملىرىنى يۆتكەشتى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن كېتىشى سۆھبىتىنىڭ تۈگۈگەنلىكى ئەمەستى ، ياراتقان ئىگىسى ئۇلارنىڭ جېنىنى تېنىدە ئامان قىلسىلا بۇ يەرگە يەنە كېلىدۇ، ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىدۇ. ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىشىدۇ. ئەمما ، يېقىندىن تەڭتۇشلىرىنىڭ ، ھەمسۆبەتداشلىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ قەلبىمگە تەشۋىش ، ئەندىشە سېلىپ قويغانتى. چېقىر ئۈجمە تەرەپتىن كاككۇكنىڭ مۇڭلۇق ، ھەسرەتلىك ، قايغۇلۇق ، ئەلەملىك ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئاۋازدىكى ئاشىقلىقنىڭ ئەلىمى جاندىن ئۆتۈپ كېتەتتى. بۇ ئاۋازدىن مىڭ تاغار نادامەت كۈۋەجەيتى. بۇ ئاۋاز بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمنىڭ سۆيۈشىنىڭ تولىمۇ ئازابلىق جەريان ئىكەنلىكىنى ، جۇدالىقنىڭ ئەلەملىرىنىڭ چەكسىز ئازابلىرىنى ھىس قىلدۇراتتى. بۇ ئاۋاز سۆيگۈ بىلەن ھاياتنىڭ قەدىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتەتتى.
« ‹ سەن خاتىرجەم ياشايمەن دەيدىكەنەن كاللاڭنى ئىشلەتمەي ، پۇت-قولۇڭنى ئىشلەتكىن . كۈنلىرىڭنى غەم-ئەندىشىسىز ئۆتكۈزىسەن.› تىلىغا ھونناق چىقسۇن شۇنداق دېگەن مەلئۇنلارنىڭ .  قەيسەر بول ! بۇ دۇنيا قىيامەتكىچە سىناق دۇنياسى.ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئالدىغا نېمە ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەن بەختلىك دېگىن ، چۈنكى بۇ دۇنيادا سەندىنمۇ بەختسىز نۇرغۇنلىغان ئادەم بار . يىيىشنى ، ئىچىشنى ، كىيىشنى مەقسەت قىلغانلاردىن ئەلگە بالا كەلسە كېلىدۇكى ، ئازىراقمۇ پايدا كەلمەيدۇ. ئەقىل بىلەن ياشايدىغانلاردىن ھېسسىيات بىلەن ياشايدىغانلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە ، مانا بۈگۈنكىدەك ھەممە يەرنى پىتنە-پاسات ، ئۆچەكىشىش ، جىدەل-ماجرا ، كۆرەلمەسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، چېقىمچىلىق ، ساتقىنلىق ، مۇناپىقلىق  قاپلاپ كېتىدۇ... ئادەملەردە ئىنساپ ، مېھرى-مۇھەببەت قالمىدى. يېقىنلىرى خورلۇققا ئۇچراۋاتسا ، باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىۋاتسا ، ئۇلارنىڭ  ئەرد-ئەلەمدىن ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن بىرەر بارمىقىنى مىدىرلاتقانچىلىكمۇ كۈچ چىقارماي ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قاراپ تۇرغىنى تۇرغان. خۇددى ئويغاق تۇرۇپمۇ ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولغاندەك.» سايىم بوۋاي ، بوۋىسىنىڭ نەۋرىللىرىنى  ئۆيىگە يىغىپ ، ئوخشىغان ياما بىلەن مېھمان قىلغاندىن كېيىن شۇنداق دېگىنىنى زادىلىلا ئونتۇيالمايدۇ. ئۇمۇ پات-پات چوڭ-كىچىك نەۋرىللىرىنى يىغىپ ، بوۋىسىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
كەچكۈنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى  مۇزدەك شامال چىقىشقا باشلىدى. ساپسېرىق ياپراقلار بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك تۆكۈلەتتى.شامال بىلەن قوشۇلۇپ ئۇچۇپ خېلى بىر يەرگىچە بېرىپ ئاندىن كېيىن يەرگە چۈشەتتى. سايىم بوۋاي تۆكۈلىۋاتقان ياپراقلارغا قاراپ بىردە كۆڭلى يېرىم بولسا ، تۇرۇپلا كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. غازاڭلارنىڭ تۆكۈلۈشلىرىدىن بوۋاينىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىۋاتقانلىقىنى ياكى ئارامچىلىق تېپىۋاتقانلىقىنى پەقەتلا بىلگىنى بولمايتى. لېكىن غازاڭلارنىڭ سارغىيىپ تۆكۈلۈشى تولا ھاللاردا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم ھەم پەرىشان قىلاتتى.
مەھىلىنىڭ يۇقۇرىسىدىن ئالدىراپ كەلگەن بىر ياش بالا قاسىم بوۋاينىڭ ئەلەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ، ئەتە تاڭ نامىزى ئىكەنلىكىنى دەپ مەھەللىنىڭ تۆۋىنىگە يۈرۈپ كەتتى. مەھەللىنىڭ تۆۋىنىدىن ئالدىراپ كەلگەن يەنە بىر بالا يامەت بوۋاينىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، ئەتە تاڭ نامىزىغا قاتنىشىپ بېرىشىنى دەپ مەھەلىنىڭ يۇقۇرىسىغا يۈرۈپ كەتتى. ئوتتۇرا مەھەللىدىن چىقىپ كەلگەن بۇغداي ئۆڭلۈك بىر بالا يۇنۇس قاغىنىڭ باياملا بەندىچىلىك قىلغانلىقىنى ئەتە بومداتتىن كېيىنلا يەرلىكىدە قويۇلىدىغانلىقىنى دەپ تىز-تىز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى. بۇ چاغدا مەھەللىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىن ئاق پىشماق بىر بالا ، تۆۋەن تەرىپىدىن بۇغداي ئۆڭلۈك بىر يىگىت ، ئاياغ مەھەللە تەرەپتىن ئوتتۇرا بوي  بىر يىگىت ئالدىراش كېلىشىۋاتاتتى. تەرەپ-تەرەپتىن ھەسرەتلىك ، ئەلەملىق يىغا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئىمىن چاڭگا ، قاسىم كاناي ، توختى سىكىلەكلەرنىڭ ئۆيى تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازى تولىمۇ ھەسرەتلىك ئىدى. تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،  سايىم بوۋاينىڭ يۈرىكى بۆلەكچىلا ئېغىپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. « ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، پەيخەمبەرمۇ ئۆلگەن ، ئابدۇقادىر داموللاممۇ ئۆلگەن ، لۇتۇپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلگەن. شاپتۇل داموللاممۇ ئۆلگەن، شېڭ شىسەيمۇ ئۆلگەن... مەيدىسى قىچىشسا دۈمبىنى قاشلايدىغان ، يا ئەرلىكىنىڭ يا يەرلىكىنىڭ تايىنى يوق بىر نېمىلەر ئەجەپمۇ كۆپۈيىپ كېتىۋاتىدىيا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ... » كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا شۇنداق شىۋىرلىغاندەك قىلدى. سايىم بوۋاي كۆزىنى ئېچىشقا قانچە تىرىشقانسىرى ، كۆزلىرى شۇنچە مەھكەم يۇمۇلۇپ ، قاراڭغۇلۇق تېخىمۇ قويۇقلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
كۆلنىڭ بويىدىكى بۇ تۇپ چېقىر ئۈجمىنىڭ غولىغا 4-5 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتى، شاخلىرى تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ ، ئىككى مو ئەتراپىدىكى يەرنى ئىگىلەيتى، قارىماققا بۇ چېقىر ئۈجمە بۇ كۆلنىڭ ئۈسىتىگە يېيىلغان غايەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشايتى. ئۈجمىنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى .  بەلكىم  100 يىل بولغاندۇ ياكى 200 يىل بولغاندۇ ۋەياكى 300يىلدىن ئاشقاندۇ ، بىلىدىغانلار ئالىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ چېقىر ئۈجمە كېلەر يىلى قۇرۇپ كېتەر ۋەياكى يەنە 100يىل ياشار ، ھەتتا 200 يىل ياشار ھەتتاكى 300يىلدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق . قىسقىسى بۇ چېقىر ئۈجمە ئۇزاق تارىىتىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنتى. تالايلىغان قىسمەتلەرگە گۇۋاھ ئىدى. مۇشۇ بىر نەچە كۈن ئىچىدىلا تەرەپ- تەرەپكە يېيىلغان يىگىرمە نەچچە تال شېخى قۇرۇپ كەتكەنتى.

-تۈگىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش