يېقىنقى يىللار مابەينىدە بازار ئىگىلىكىنىڭ جانلىنىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ تىزلىشىشى،پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلار كەينى -كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. ئەلۋەتتە ئۆزۈڭ بىر مۇستەقىل ئىگىلىكنىڭ خوجايىنغا ئايلىنىپ، باشقىلار تەرىپىدىن‹‹ خوجايىن ››دىگەندەك قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىندىغان ناملارغا ئىگە بولۇش، كاستۇم بورۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلاردا كۆزنى چاقنتىپ مېڭىش دىگەنلەر كۆپلىگەن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش بولسا كىرەك،ئەمما مەيلى خىزمەتتىن چىكىنىپ‹‹دېڭىزغا سەكرىگەنلەر›› بولسۇن،ياكى يەككە تىجارەتتىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەنلەر بولسۇن ئىگىلىك قاينىمىدا ھەمما ئادەمنىڭ قىرغاققا ئامان-ئېسەن يىتىپ بارالىشى ناتايىن، ئەلۋەتتە بىز بۇيەردە شىركەت قۇرۇشقا دائىر قۇلاققا خوش ياقىدىغان ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى گەپلەرنى دىسەكمۇ تامامەن بولاتتى،بىراق بىر كارخانىچىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي خادىم مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ ئاچقاندا بۇخىل پوزىتسىىيە سەمىميلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز نەچچە يىللىق كەسپىي تەجرىبىدىن شۇنى ھىس قىلدۇقكى كۆپلىگەن كارخانا قۇرغۇچىلاردا تۆۋەندىكىدەك سەۋەنلىكلەر ساقلانغان،نۆۋەتتىكى يۈزەكى تەھلىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمىز:
1.كارخانا قۇرۇشتىكى يىتەكچى ئىدىيە ساغلام ئەمەس
بەزى كىشىلەر ئالدىمىزغا ئالدىراپ-تىنەپ كېلىپلا، رەسمىيەتنى بىجىرىپلا كىتىشكە ئالدىرايدۇ،قائىدە بويىچە بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگەللىگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر تۈر مەبلىغىنى كارخانا قۇرسا ئالغىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، شۇۋەجىدىن كارخانا قۇرۇشقا ئىنتىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كارخانىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش، مەۋجۇتلۇق ئاساسى بازار ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەت ساقىت قىلىنغان. بۇنداق ئەھۋالدا بېسىلغان قەدەمنىڭ ئاخىرى كۆپ ھاللاردا ۋاقىت، مەبلەغ،زېھىن ئىسراپچىلىقى بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.
2.يەككە تىجارەت بىلەن كارخانىنىڭ پەرقىگە بولغان تۇنۇش يىتەرسىز
بەزى كىشىلەر يەككە تىجارەت بىلەن كارخانىنىڭ ئارسىدىكى نۇرغۇنلىغان پەرقلەرنى ئاددى ھالدىكى نام،كىنشىكە رەسمىيەت جەھەتتىلا دەپ قاراپ قالغان، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، ماركېتىڭ، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىگىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىلىمى ۋە تەييارلىقى چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبتىن، بۇنداق كىشىلەرگە مەلۇم مەزگىلگىچە يەنىلا يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەلۋەتتە يۇقارقىلاردىن باشقا كارخانا قۇرۇشقا ئوتتەك ھەۋىسى بار، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر، مەسىللەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۈمىدلىك قېرىنداشلىرىمىزغا بايقاشقا، ئويلاشقا، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس، چۈنكى كارخانا ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆستىگە ئالغان، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە كۈچ قوشىدىغان،ئىختىساس ئىگىلىرى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان، قىزغىنلىق ۋە ئىلگىرلەشكە تولغان ھازىرقى زاماندىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە- بىر جانلىق تەشكىلاتتۇر.
يازمىدا:كېرىيە ئىقبال كارخانا ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىك ئورنى
مەنبە:
http://www.xjiqbal.com