|
|
|
|
ئېبىنخاۋۇس ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى
hermann ebbinghaus (1850—1909)
خېرمەن ئېبىنخاۋۇس گىرمانىيەلىك داڭلىق پىسخىلوگ 。ئۇ تەجىربە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۈگىنىش جەريانىدىكى ئۇنتۇشنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيىتى بارلىقىنى بايقىغان ، يەنى ئۇنتۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا تىز بۇلۇپ كىيىن ئاستىلايدىغىننى ، ئەگەر ۋاقتىدا تەكرارلىمىسا تىزلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدىغىنى بايقىغان ،ئۇلار مۇنداق تەجىربە ئىشلىگەن : ئا ب ئىككى گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بىر پارچە تىكىستنى يادلىغان ، ئا گۇرۇپپىدىكىلەر ئۈگىنىشتىن كىيىن تەكرارلىمىغان ، نەتىجىدە بىر كۈندىن كىيىن ئەستە قالدۇرۇش نىسپىيى 36%بولغان ، بىر ھەپتىدىن كىيىن پەقەت 13%لا قالغان ،ب گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا ئېبىنخاۋۇر ئەستە ساقلاش قانۇنىيىتى بويىچە تەكرارلىغان ،نەتىجىدە بىر كۈندىن كىيىن ئەىستە ساقلاش نىسپىتى 98%بولغان،بىر ھەپتىدىن كىيىن 86%بولغان ،يەنى ب گۇرۇپپىنىڭ روشەن ھالدا يۇقىرى بولغان …ئېبىنخاۋۇر ئەگرە سىزىقىدا 8دانە ئەستە ساقلاش دەۋرىلىكى بۇلۇپ ، يەنى :5مىنۇت ، 30مىنۇت،12سائەت،1كۈن ،2كۈن ،4كۈن،7كۈن ،15كۈن.ئەگەردە ئۈگىنىش جەريانىدا ئەستە قالدۇرۇش نىسپىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىسىڭىز ،مۇشۇ 8دانە ئەستە قالدۇرۇش دەۋرىلىكىنىڭ ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچىدە تەكرارلاش ئېلىپ بارسىڭىز ،يەنى :مەسىلەن سىز ھەر كۈنى ئون دانە ئىنگىلىزچە سۆز ئۈگەنگەن بولسىڭىز، 30مىنۇتتىن كىيىن بىر قېتىم ، 1كۈندىن كىيىن بىر قېتىم ، 7كۈندىن كىيىن بىر قېتىم تەكرارلاش ئېلىپ بارسىڭىز سۆزلۈكلەرنى ئەستە قالدۇرۇش نىسپىتىڭىز كۈرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرلايدۇ.
ئەلۋەتتە ئەستە ساقلاش ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس بەلكى بىر ۋاستە، ئەستە ساقلاشنىڭ مەقسىتى مەسىللەرنى تۇنۇش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش . بۇ ئۇسۇل تىل ئۈگىنىشكىلا ئەمەس باشقا ئۈگۈنۈشلەرگىمۇ ئوخشاش ماس كىلىدۇ .
مەنبە :بەيدۇ قامۇسىدىن www.uyigilik.com 【ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى】تەرجىمىسى
|
|
|
|
|
|