UYGRAF يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 04:24 PM
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ي ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!
دۇنيادا «خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى» (International Astronomical Union) دېگەن بىر تەشكىلات بار بولۇپ، ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى چوڭ-چوڭ نەرسىلەر ئۈستىدە شۇلار قارار ئالىدۇ. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى بۇرۇنقى 9-پلانېتا «پلۇتو» نىڭ «پلانېتا» دېگەن سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشتۇر.
پلۇتو 1930-يىلى بايقىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا «قۇياش سىستېمىسىدىكى 9-پلانېتا» دېگەن سالاھىيەت بېرىلگەن ئىدى. كېيىنكى 75 يىل ئىچىدە ئالىملار پلۇتونى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئىشلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە پلۇتونىڭ سالاھىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. 1977-يىلى «چىرون» (Chiron) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك پلانېتا بايقالدى. 2005-يىلى بولسا «ئېرىس» دەپ ئاتىلىدىغان، ماسسىسى پلۇتونىڭكىدىن 27 پىرسەنت چوڭراق بولغان يەنە بىر كىچىك پلانېتا بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن 2006-يىلى «خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى» يىغىن ئېچىپ، «پلانېتا» دېگەن ئۇقۇمغا يېڭى ئېنىقلىما بەردى. ئاشۇ يېڭى ئېنىقلىما ئاساسىدا پلۇتو ئۆزىنىڭ «9-پلانېتا» دېگەن سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلارنىڭ سانى 9 دىن 8 گە چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا، يەنى 2006-يىلى، بىزنىڭ ئىدارە جايلاشقان «پاسادېنا» دېگەن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى «ناسا پلۇتونى ئۆلتۈرۈپ قويدى»، دەپ بىر قانچە كۈن نامايىش قىلىپ، ناسا غا نارازىلىق بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىر يېڭى ئىنگلىزچە سۆز، يەنى «پلۇتو» دېگەن پېئىل ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچە «پلۇتولاش» دەپ ئالساق بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى «دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش» دۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 11:56 AM