ئىشەك مىنگەن يار
رەنجىمەيمەن
مەۋھۇم سۆيگۈ ئوتى كۈچلۈك سېھىرلىك،
يۈرىگىڭنى ئەسىر قىلار ،رام قىلار.
تەلمۈرىسەن ..ئۈچۇر كۈتۈپ يايرىڭدىن،
يار ئوبرازى...ئالماس كەبى يالتىرار.
بۇلبۇل كەبى سايراپ كىتەر سۆيگۈنۈڭ،
سەن زەينەپتەك رام بولىسەن كۆيىسەن.
فەرھاد كەبى تاغنى تالقان قىلىدۇ،
خىيالىڭدا چىڭ باغاشلاپ سۆيىسەن.
كۈنلەر ئۆتەر بىر بىرىنى قوغلۇشۇپ،
ۋىسال قۇچقۇڭ كىلەر..بىر رەت كۆرۈشۈپ.
پۇرسەت ئىزلەپ..تىت تىت بولۇپ،كۈتىسەن،
يانار تاغدەك لاۋا ئىتىپ كۆيۈشۈپ
.
پۇرسەت تاپقان ئاشۇ كۈنى يۈرىگىڭ،
دۈپۈلدەيدۇ ھاياجاندا...خوشلۇقتا.
زور ئۈمۈتنى كۈتۈپ ساقلاپ كىتىسەن،
ۋەدىلەشكەن...تۆت كوچىدا ..دوقمۇشتا.
بىرسى كىلەر..ھەيدەپ ئىسىل ماشىنا،
توختىمايلا ئۆتۈپ كىتەر يېنىڭدىن.
ئىككىنجسى،،ئۈچىنچىسى..ھەمممىسى...
توختىمىدى،ئاچچىق ئۆتتى جىنىڭدىن.
سەۋېر قاچاڭ ئەمدى سۇناي دىگەندە،
ئېشەك مىنىپ كەلدى بىرى،توختىدى.
كامىرادا كۆرگەن ئاشۇ يايرىڭغا-
قاراشلىرى توۋا ھەجەپ ئوخشىدى.
شىرىن چۈشۈڭ بەربات بولدى مىنۇتتا،
گويا ئاسمان كۆمتۈرۈلدى بېشىڭغا.
قېنى سېنىڭ ئاق ئات مىنگەن شاھزادەڭ؟
ئىشەك مىنگەن..بىر بىچارە قېشىڭدا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ranjimayman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 05:15 PM