بازارلىق
(ساتىرا)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئەنجۈر ساتساڭ سېتىلماس،ئانار ساتساڭ سېتىلماس
ئانار گۈلى گۈل ئەمەس،سېدە گۈلى بازارلىق.
باراڭ كۆرەڭ كارامەت قاپاق دېسەڭ تېپىلماس،
بېھى داۋا كېسەلگە، جىگدە گۈلى بازارلىق.
زامان-زامان ئوخشايدۇ،ئەخلاق-ھايا ئوخشايدۇ
ئۆيدە مورا بولمىسا سىرتتا يۇندا بازارلىق.
قىز-ئوغۇللار بەس بىلەن ياكى نەيرەڭ قەست بىلەن
باققال ساتقان ئوخشايدۇ، تور سالوندا بازارلىق.
كۆپۈك ئەقىل ۋىجداننى كۆز كۆرگەنگە ئۆگەتتى
ئىبادەتتە،ئىلىمدە رىياخورلۇق بازارلىق.
ھېس-ھاياجان قۇللۇقى پاكىزلىقنى «تۈگەتتى»
نىشەخورلۇق،مەيخورلۇق،زىناخورلۇق بازارلىق.
خاۋكىڭ دېدى خۇدانى ئالىمىدە ئۆلدى دەپ،
«خۇدا» پۇلغا ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنيا بازارلىق.
مەدەنىيلىك تەشۋىشى ھەقىقەتنىڭ تىۋىشى
بولسا ئىدى ئۈممەتكە رەسۇلۇللا «بازارلىق».
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 08:00 PM