نۇر تورىدىكى ''بەش دوكتۇر بىر ماگىستىر بالا تەربىيىلىگەن «سىرلىق بوۋاي»'' دىگەن خەۋەردە مۇنداق بىر مەزمۇن بار ئىكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ _* h# o: |$ K/ u+ G l3 y* q1 N
«بۇ بوۋاينىڭ دېيىشىچە، بالىلار مەكتەپتە ئۆگىنىش قىلغاندا چوقۇم روھى جەھەتتىن يەتكۈدەك چارچايدىغان بولۇپ، ئائىلىگە كەلگەندە بولسىمۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئائىلىدە بالىلىرىغا بىر خىل خۇشال كەيپىيات ۋە شاد-خۇراملىققا تولغان ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بېسىملارنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كىچىككىنە زىددىيەتلەر بىلەن جىنايەت يوللىرىغا مېڭىپ قالىدىغان، ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ ئاتا-ئانىسىنى دەردكە قويغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تۈگەشتۈرۈۋالىدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى دەل مۇشۇ خىل روھى بېسىمدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: J- z$ a: [& M J, b5 Mياتنىڭ ياندىن ، تۇققانننىڭ جاندىن دەيدىغان بىر گىپىمىز بارغۇ ؟ ئادەم ئۆزىنى ئەڭ ئەركىن ھېس قىلىدىغان ئۆز ئائىلىسىدىن كەلگەن زەربە ئادەمنى تىخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرسە كېرەك . مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان خىلى مىساللارنى بىلىمەن ، ئىچىدە بىر قىز ساۋاقدىشىم تىخى ، ئاپىسى بىلەن قىزىرىشىپ قىلىپ ،تولۇقسىزنىڭ 2- يىللىقىدا دورا يەپ ئۆلىۋالغان .ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان باشقا ئىككى قىزدىنمۇ بىرى بىلەن كىچىكىمىزدە بىللە ئوينايتۇق ، بىرىنى مەكتەپكە ماڭغۇچە دائىم كۆرەتتىم . 15-16 لەردىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ، سەۋەبى ئىككىلىسىنى ئاكىلىرى تىللىغان، ئاكىسى ئۇرغانمىش .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ?2 V+ C9 N: x! H; p
نىمىشقىكىن ، سىرتتىكى ئادەملەر دۈشمەن بولسىمۇ كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىدىكەنمىزيۇ ، ئۆيدىكىلىرىمىزگە بار قەھرىمىزنى چاچالايدىكەنمىز ؛ ياتلارغا گەپ قىلغاندا كۆڭلىنى ئايايدىكەنمىزيۇ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ قويمايدىكەنمىز ؛ ياتلار باش كۆزىمىزنى يېرىۋەتسىمۇ چىدايدىكەنمىزيۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ كىچىككىنە گىپىنى كۆتۈرەلمەيدىكەنمىز