مەن 2-5-9-قاناللاردا قويۇلغان بىزگە پايدىلىق پىروگراممىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىت يار بەرسىلا، ھەر قايسى قاناللاردا قويۇلىدىغان پىروگراممىلار بىر-بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ، ئۆتۈپ كەتمىسىلا ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن. دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىۋاتقان ‹‹بېيىش يولى››، ‹‹ مۇنبەت تۇپراق›› ۋە ھازاكالار قاتارلىق پىروگراممىنى كۆپراق كۆرەتتىم، ئۆزەمچە كىچىك بولساممۇ، كەينىدىنلا سىز رىياسەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان ‹‹دېھقانلار شاتلىقى›› پىروگراممىسى قوشۇلۇپ دېھقانلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈردىغان، خوش قىلىدىغان مەزمۇنلار قوشۇلىۋېدى، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. مۇشۇنداق پىروگراممىلار كۆپراق يولغا قويۇلسا ياخشى بولىدىكەن مەنچە.
ئەمدى 5-9-قانالغا كەلسەك ئادەمنى نېرۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان تېتىقسىز ئېلانلار كۆپىيىپ قالدى. ئەرلەر بىر نىمە بېزى، ئاياللار ئۇ ياتقۇ، بۇ ياتقۇ دەيدىغان ئېلانلار چىقسا ئاستا قوپۇپ سىرتقا ماڭىمەن ياكى ئاشخانا ئىچىگە كىرىپ سۇ ئىچكۈم بولمىسىمۇ ئىچىپ چىقىمەن، بولمىسا چوڭلار ئالدىدا ئادەمنىڭ يۈزى قىزىرىپ قالىدىكەن. ئاشۇ ئېلانلارنىڭ سۆزىنى دەيدىغان رىياسەتلەر ئەجەپمۇ قېلىنكەن، يۈزى قىزارمامدىكىن دەۋېرىدىكەن. شۇڭا مول مەزمۇنلۇق پىروگراممىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ياخشى ئىش، بىز خوش بولىمىز، لىكىن ئېلانلار بىزنى بىزار قىلىپ قويىۋاتىدۇ. ‹‹بىر كىتاب بىر ئالەم›› پىروگراممىسىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆرۋاتسام، غايىپ بولدى، شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ئادەمنى قىزىقتۇردىغان پىروگراممىلارنى باشلاپ بىر ئىككى قىسىم قويۇپ بولۇپ يوقاتسا شۇنداق ئاچچىقىم كېلىدۇ.
ئاخىردا دەيدىغىنىم شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسى خاسلىقىنى يوقاتمىسا، باشقىلارنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئۆزلەشتۈرمەي، بەك سەت تۇرىدىكەن، باشقىلارنى دورىسا.
كىچىك سابىركا، سىزمۇ شۇ يەردە بولغاندىكىن ئىستانسا باشلىقلىرىغا ئېلاننى ئازايتىش توغۇرلۇق بىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىمىزنى يەتكۈزۈپ بوش تۇرماي چىڭ توراسىز ھە. خوش بولىمىز شۇنداق قىلسىڭىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkax0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 05:09 PM