|
|
|
|
ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۈندىداردا كىرىش ۋە ئاۋازلىق ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا يەنە باشقا نۇرغۇن مۇكەممەل ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان كەسپىي كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولغان «ئالامەت» تۈرى نەچچە ئايلىق ئەپ ئېچىش ۋە ئىچكى سىناق باسقۇچلىرىنى تۈگىتىپ، بۈگۈن رەسمىي تۈردە كەڭ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلدى.
«ئالامەت» _ كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇر-لەتىپە، قىزىقارلىق رەسىم ۋە فىلىم قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان، ئايفون-ئاندروئىد ئەپ دېتاللىرى ۋە تور بېكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى. ئۇيغۇرچە ئەپلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۈندىداردا كىرىش ۋە ئاۋازلىق ئىنكاس يوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. سۇپىمىز كەڭ تورداشلارنى كۈندە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە تورداشلار بىلەن كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتالايدۇ. يەنى، تورداشلار ئۆزى خالىغانچە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى يوللىيالايدۇ، ساقلىۋالالايدۇ، بېلەت تاشلىيالايدۇ، ئىنكاس يوللىيالايدۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق جايلارغا ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ. مەزمۇنلار ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئالامەت بولغاندىلا ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارغا تۇنجى بولۇپ ئېرىشەلەيسىز، خۇشاللىق مانا شۇنداق ئاسان.
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىشى ئۈچۈن قوللاپ قويۇڭ، دوستلىرىڭىزغا يوللاپ قويۇڭ، ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى بېرىپ قويۇڭ. ئالاقە-ھەمكارلىق ۋە پىكىر-تەكلىپ ئۇچۇرلىرىنى alamet#otkur.biz گە يوللاڭ.(# نى @ كە ئايلاندۇرۇپ يوللاڭ)
چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇيەرنى قاتتىق بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alamet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 06:19 PM
|
|
|
|
|
|