ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 04:19 PM
مۇشۇ چاي ئوينايمىز دەپ قويىدىكىن،زادى نىمە ئۇ؟راستىمن ...
مېنىڭ چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا خاتا چاي ئوينايدىغانلار، ئېرىنىڭ قولىدىن ئەمەس، بۇرنىدىن يىتىلەيدىغان، بىر توپ نان قوساق، نادان، چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقان خوتۇنلاردىن 8-10 تېخىمۇ كۆپ بولسا ئۇنىڭدىن يۇقۇرى، شۇلاردىن ھەر ئايدا بىردىن نۆۋەتلىشىپ بىرسى ساھىپخانلىق قىلىپ قالغان نادان خوتۇنلارنى بىر رىستۇران ياكى ئۆيىگە بولامدۇ ئىشقىلىپ بىر يەرگە باشلاپ مېھمان قىلىپ، يىمىگەن نەرسىللىرى، ئىچمىگەن چايلىرى، قىلىشمىغان غەيۋەتلىرى قالمايدۇ. شۇ سورۇنغا كەلگەن خاتۇنلار ساھىپخانغا 100 كويدىن تارتىپ 300-400 كويغىچە پۇل بېرەمىكى مېنىڭ چۈشەنچەمچە، شۇ يىغىلغان پۇللارغا، ئېرى ئەپ بەرمىگەن ئاشنىسى ئەپ بېرىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن نوركا-پوركا، ئالتۇن-تۆمۈردىن باشلاپ ئېلىپ، قولاقلىرىغا، قوللىرىغا بىلەكلىرىگە سېلىپ جاراڭ-جۇرۇڭ، جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ،( بۇرۇن بىزنىڭ بىر تەخەي بولىدىغان شۇنىڭغا بىر-ئىككى قوڭغۇراقنى بوينىغا ئېسىپ، ساغرىسىغا بىرنى ئورۇپ قويساق خۇشاللىقىدا چېپىپ كېتەتتى، بوينىدىكى قوڭغۇراق جاراڭ-جۇرۇڭ-جاراڭ-جۇرۇڭ قىلسا، تەخەي خوش بولۇپ تېخىمۇ قاتتىق چاپاتتى). يولدا ئۇچرىغان ھەممىسىگە كۆز-كۆز قىلىدۇ.
بىزدەك بىر گەپ بارغۇ ‹‹ دېدەك مونجاق سالسا، كىرمىگەن ئۆيى قالماپتۇ›› دەيدىغان شۇنىڭغا ئوخشاش.
بۇ ئاياللار ئاخىردا ئېرىنى خەخنىڭ ئالدىدا سولاشمىتاخۇن، بىلى بوش، لىڭ تاسما، سايىم نوچى، خوتۇنىنىڭ كوسۇرىدا ناماز ئوقۇيدۇ، دىگەندەك سەت ناملارغا داخىل قىلىپ، شەرەپ بىلەن ئوردۇن ئېلىپ بېرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkax0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 07:10 PM