kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 06:38 AM
جاھان ئۇرشدىن كىيىن گىرمانىيەنى سوۋىت ئىتپاقى بىلەن ئ ...
گېرمانىيەلا ئەمەس ، گوللاندىيەمۇ شۇ، گوللاندىيە ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىكمۇ قانۇنلاشقان دۆلەت . ئاممىۋى ئۆي ئىچى سورۇنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنىڭ يېنىدا بولمىسىلا زەھەر چەكسە بولىۋېرىدۇ . ئەتراپتىكى گېرمانىيەلىك بېلگىيەلىكلەر ئاتايىن گوللاندىيەگە زەھەر چەككىلى كېلىدىغانلارمۇ بار ، چۈنكى چېگرىدىن زەھەر ئۆتكۈزمەيدۇ .
ئەمما مۇشۇنداق ئەركىن قانۇن بولسىمۇ ئوقۇغىلى بارغان ئادەم ئۇنداق يەرگە بارمىسىلا ھېچكىم زولاپ زەھەر چەكتۈرۈپ ياكى زولاپ پاھىشخانىلارغا تىقىپ قويمايدۇ . شۇڭا ئوقۇغىلى كەلگەنلەر ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قالايمىقان يەرگە ئۆزى بارمىسىلا بولىدۇ . ئەمدى ‹‹ دۆلەت بەك ئەركىنكەن ›› دەپلا ئوقۇشنى تاشلاپ كەتكەن بولسا ، پەقەت ئۆزىدىن كۆرسە بولىدۇ . چۈنكى ياۋروپادا نۇرغۇن ياشلار ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق ئوقۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ( ئاڭلىشىمچە ئاز ساندىكى شۇ يەرگە ئوقۇغىلى ئەمەس ، كۈن ئەتكىلى چىققان ئوغۇللار شۇنداق يەرلەردە باركەن ... قېنى خۇدايىم بۇيرىسا ئۇلارمۇ ئوڭشىلىدۇ ).