(‹1›)
كىچىكىمدىن باي،ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلۇپئۆسكەنلىكىم ئۈچۈن، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيىتتىم.بىزنىڭمەھەللىدە بىر قىز بولىدىغان ئىسمى ئائىشە. كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭبولغانلىقتىنمىكىنتاڭ،باشقىلارغا قارىغاندا،ئۇ ماڭا ناھايىتى ئىللىقسەمىمى،ئەقىللىق،خۇش چىراي،كۆرىنەتتى.مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇ ئەقىللىقلىقىغاتايىنىپ سىنىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش باشلىقىبولدى.مەن ئۇ چاغلاردا ناھايىتىمۇ تىرىشماس بولسام كېرەك.ھەممە دەرسلەردەناچار،ئوتتۇرىھالباھالىناتتىم.دادام ئۆگىنىشىمگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى.ياتاق ئۆيلىرىمئېنگىلىزچە-ئۆگىنىش،خەنزۇچە ئۆگىنىش، ئۇيغۇرچە-ئۆگىنىش،سانلارنى-تونۇش قاتارلىقۋاراقلار بىلەن توشاق ئىدى.
ئاشۇ چاغلاردا مەن كىتاپ ئوقۇشقا ناھايىتىئامراق ئىدىم.دادامنىڭ كىتابلىرى گەرچە كىتاپ جاھازىلىرىغا ئېلىنمىغان بولسىمۇناھايىتى كۆپ كىتابلىرى بار ئىدى. مەن خەت تونۇشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن نۇرغۇنكىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەنىدىم.
مەن دەرسلەردە خېلى ئالغا باسقاندىن كىيىن كىتاپئوقۇشقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم.خاتىرەمگە كىتابلارنى ئوقۇپ بولغاندىنكىيىنكى تەسىراتىم،شۇ كۈنى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلار قاتارلىقلارنى يېزىپماڭاتتىم.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىشە توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە!
مەن 5-يىللىققا چىققاندا بالىلار ئارىسىدا سۆزچۆچەكلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.كۈندىلىك خاتىرەمنى باشقىلار كۆرۈپ قالغاندىنكىيىن،خاتىرەمنى يىرتىۋەتتىم.كىيىن قىلغان ئىشىمغا پۇشايمان قىلىپ خاتىرەمنىئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم.ھەمدە ئۆزۈمنىڭنېمىلەرنى يازغانلىقىمنى كۆرۈپ بېقىش خىيالىغا كىلىپ قالدىم.خاتىرەمنى قولۇمغائالدىم خەتلىرىم ناھايىتى سەت بولسىمۇ يەنىلا ئۆزۈم ئوقۇيالايتتىم خاتىرەمنىڭبىرىنچى ۋارىقىنى ئاچتىم.
1-قىسىم تۈگىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىكرو تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 06:34 PM