دوستلار چەمبىرىكىدىكى كىشىنى بىزارقىلىدىغان ئادەملەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 i' o4 k) L3 b
ۋال كوچىسى گېزىتى تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئىجتىمائىي مېدىيە ئۇچۇر سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىر قىسىم ئابونتلاردا بىزار بولۇش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭغا قارىتا Facebook نەچچە ئالىي مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، «سەلبىي» ئابونتلارنىڭ ھەمبەھىرلەش قىلمىشىنى تەتقىق قىلدى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» مەزكۇر تەتقىقات ۋەۋېيشىننىڭ ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاقلاپ، بۇنىڭدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەمنى بىزارقىلىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىپ بەردى. سىز دوستلار چەمبىرىكىدىكى قايسى خىل كىشىلەرگە ئۆچ؟
بىرىنچى:تۇرمۇش غالىبىيەتچىلىرى. دوستلار چەمبىكىرىدە تۇرمۇشىنى كۆز-كۆز قىلىش ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ھەر ۋاقىت چوڭ يەپ-ئىچكىنىنى، ساياھەت قىلغىنىنى،مال سېتىۋالغانلىقىنى...كۆز-كۆز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ھەشەمەتلىك پىكاپ، شامپان، كەچلىك ئولتۇرۇشنىڭ سىمفونىيەسى، ھەر ۋاقىت سىزنىڭ «يۈرەك چېكىش»ڭىزنى (点赞) ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
ئىككىنچى: ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ ئىسكەنجىگە ئالغۇچىلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەردائىم:«چىدىيالمىدىم! ئۆلەي دېدىم!» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى يوللايدۇ. بۇ چاغدا دوستلىرى بەس-بەستە نېمە بولدى، ھېچ ئىش يوقتۇ دەپ سورىشىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ھېچ ئىش يوق، بولمىسا ئۆلەي دېگەن ئادەم يەنە دوستلار چەمبىرىكى ئوينامتى؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەركىلەش ئارقىلىق دىققەتنى تارتىشتۇر.
ئۈچىنچى: يۈرەك چېكىش تەلۋىلىرى. بۇنداق ئادەملەرمۇ كىشىنى بەك بىزار قىلىدۇ، گەرچە دىققەتكە سازاۋەر بولۇش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما نېمە يوللىسا شۇنىڭغا يۈرەك چېكىشنىڭ ھاجىتى يوق، بولۇپمۇ سىز ئۆزىڭىزنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىڭىزدا، مۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىمۇ، ئۇ يەنىلا يۈرەك چېكىدۇ (点赞). يانفون ئېكرانى ئارقىلىق ئۇنىڭ نىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى: ۋاكالىتەن ساتقۇچى دۇكان ئىگىلىرى. گەرچە بوش ۋاقتىدا ئىگىلىك تىكلەپ دۇكان ئېچىش مەدەت بېرىشكە ئەرزىسىمۇ، ئەمما ھەمىشە دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان يوللاۋەرسە،چەككەن يۈرەكنىمۇ بىكار قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ. ئېلاننىڭ ئاخىرىدا:«دوستۇم بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ» دېگەننى دېمەيلا قويايلى.
بەشىنچى: «@ غا خۇمار بولغان» بىمارلار. بۇ خىلدىكى بىمارلار ئۇچۇر چەمبىرىكىدىكى بىر توپ ئادەمگە ئۇچۇر يوللايدۇ، باھا بېرىش رايونىنى پاراڭلىشىش سۇپىسى قىلىۋالىدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىڭىزغا ئىلاجىسىزلىقتىن قاراپتۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز. «@ غا خۇمار بولغان» بىمارلارنىڭ دوستى سىز تۇرۇۋاتقان شەھەرگە ئوينىغىلى كەلسە، سىزمۇ يەرلىكتىكى ھەر بىر دوستقا چېتىلىپ قالىسىز، سىلەر ئەسلا تونۇشمىساڭلارمۇ شۇنداق.
ئالتىنچى:سەلبىي ئېنېرگىيە شاھلىرى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيا مەڭگۈ ياخشىلانمايدۇ. ھېسىيات جەھەتتە ھەمىشە داشقاللارغا يولۇقۇپ قالىدۇ، ياتاقداشلىرى ھەمىشە بىنورماللا كۆرۈنىدۇ، ھەتتا ئارام ئېلىش كۈنلىرىمۇ جېدەل-ماجرا قىلىدىغان ئادەمگەئۇچراپ قالىدۇ، ھەمىشە پۈتكۈل دۇنيا ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدۇ.
يەتتىنچى:ئىت-مۈشۈك قۇللىرى. ئۇلار مۈشۈك ۋە ئىتنى كۆرۈپ قالسىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ،ر ەسىمگە تارتىپ كۆز-كۆز قىلىدۇ...بەختكە يارىشا ئۇلارنىڭ تېخى بالىسى يوق.
سەككىزىنچى: سۈكۈتتىكى ھولمىسلار. ئۇلار مەنزىرە ياكى بېكىتىلگەن سىن بەلگىلەرنى باش سۈرەت قىلىدۇ، سۆز ئېلان قىلمايدۇ، باھا بەرمەيدۇ ھەم يۈرەك چەكمەيدۇ، يوشۇرۇن ئادەملەر بىلەن پەرقى يوق. ئەمما ئۇلار جىممىدە ئولتۇرۇپ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ئازدىن-ئازدىن بىلىپ تۇرىدۇ، ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرىدۇ.
توققۇزىنچى: ئويۇنچىلار. ئويۇنچىلار باشقىلارنى ئويۇنغا تارتىپ كىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كۆپچىلىك دەل ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشتىكى پەشتىقى. ئەمما پەشتاقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى بولۇشى كېرەك، ئويۇنچىلار تەرىپىدىن بىزار قىلىنغاندا پەقەتلا «دوستلۇق ئاخىرلىشىدۇ». ئېلاننى تارقىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلارمۇ ئۆزىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
ئونىنچى:مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلغۇچىلار. ئۇلار خۇددى تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارغا ئوخشايدۇ،ئۇلارنىڭ كامېرا ئالدىدا يۈزىنى يۈزىگە يېقىپ سۈرەتكە تارتىش قىزغىنلىقىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ. بۇنداق بىر جۈپلەر ئەگەر ساياھەت قىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئامراقلىق قىلىشقان سۈرەتلىرى دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلاپ كېتىدۇ. چوڭ بولۇپ قالدى...بويتاق دوستلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويسا بولمامدۇ، دېگۈچىلەر چىقىدۇ.
مەنبە: ۋال كوچىسى گېزىتى تورى؛ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Y% V4 J' U- ]; V& p+ M
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-30 07:04 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& G! D4 R3 K0 h# `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; T2 r M. G W+ U4 R, `" p