ئۆزۈڭ يوق
رۇستەم قاراسۇ
ئەلدىن سورا ئەل بىلىدۇ ھالىمنى،
چىكەلمىدى سەندىن بۈلەك تارىمنى،
ئىلىپ كەتتىڭ ئاشىق يۈرەك-باغرىمنى،
ئەل ئارسىدا چېنىپ قالدىم ئۆزۈڭ يوق.
كېچە-كۈندۈز سەندە قالدى خىيالىم،
شۇنچە گۈزەل،ئىدىڭ شۇنچە مۇلايىم،
بىلەلمىدىم نېمە مېنىڭ گۇناھىم؟
تولا ئويلاپ ھېرىپ قالدىم ئۆزۈڭ يوق.
مەن كەزمىگەن سەھرا-شەھەر قالمىدى،
يېتىم كۆڭلۈم سەندىن ئۇچۇر ئالمىدى،
مەندىن بۈلەك باشقا يارىڭ بارمىدى،
ھىجرانلاردا غىرىب قالدىم ئۆزۈڭ يوق....
رۇستەم قاراسۇ ...2014.12.2.ئالاتاۋدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-2 05:35 PM